ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدا قۇرۇلغان «خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى» پرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتاي تەھدىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ؟
2021.02.12

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى مەخسۇس «خىتاي ئىشلىرى بويىچە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. «دۆلەت مۇداپىيە خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى 15 كىشىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىغا خىتاي ئىشلىرى بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ۋە سابىق ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئېلىي راتنېر رەھبەرلىك قىلىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىدا خىتاي ئىشلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئۇ بۈگۈن بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئېلىي راتنېرنىڭ خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىشقا تاللىنىشى ھەم شۇنداقلا بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئورنىنىڭ بەشبۇرجەكلىك بىنادا بولۇشى بايدېننىڭ خىتاي تەھدىتىگە تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ھەربىي جەھەتتىن ئويلىنىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن، راتنېر خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە چوڭقۇر گىرەلىشىپ كەتكەن ئىش ئورۇنلىرى بولغان ‹تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى› ۋە ‹كۇرت كامپبېل يېڭى ئامېرىكا خەۋپسىزلىك مەركىزى› قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىپ باققان. ئۇنىڭ يەنە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى يامان غەرەزلىك پائالىيەتلىرىنى ئاشكارىلاش ھەققىدە يازغان بىر قاتار كۈچلۈك ماقالىلىرىمۇ بار ئىدى.»
«دۆلەت مۇداپىيە خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئېلىي راتنېر بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «بىزنىڭ خىزمەت ئەترىتىمىز دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ مۇھىم رىقابەتلەرنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. گۇرۇپپىمىز يەنە مەسىلىلەرنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە رەتكە تىزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېـتەرلىك مەبلەغ ۋە دىققەتكە ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ،» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت جوۋ بايدېن 10-فېۋرال كۈنى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىپ، «خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەتىسى، يەنى 11-فېۋرال ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن تەشكىللەنگەن ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ بۇ ئۇچرىشىشتىمۇ خىتاي تەھدىتىنى تەكىتلىگەن. بايدېن سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ خىتاي تەھدىتى ئالدىدا چوقۇم ئۆز تەدبىرلىرىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «ئەگەر بىز ھەرىكەتكە كەلمىسەك، خىتاي بىزنىڭ تامىقىمىزنى تارتىۋالىدۇ،» دېگەن ئىبارىنى قوللانغان.
پرېزىدېنت بايدېن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، قاتناش، مۇھىت ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بىز قەدىمىمىزنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.»
ئاندېرس كور ئەپەندى پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئامېرىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بايدېننىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرتكىسى خىتاي مەسىلىسىگە ماس كېلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىمىز خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان پولات-تۆمۈرگە تايانسا، ئۇ ھالدا بىز ئۆز پۇلىمىز بىلەن خىتاينى كۈچەيتىشىمىز ۋە تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى يۆتكىۋەتكەن بولۇپ قالىمىز. مەنچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەغلۇب قىلىدىغان تېخىمۇ ياخشى سىياسەت تاموژنا بېجى قويۇش ۋە تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ئۆزىنى قايتىدىن سانائەتلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.»
پرېزىدېنت جوۋ بايدىن 10-فېۋرال كۈنى يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندىكى تۇنجى سۆھبىتىدىمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ زىددىيەتلىك كىشىلىك ھوقۇق، ئادىل تىجارەت ۋە تەيۋەن قاتارلىق رايون بىخەتەرلىكىگە ئائىت مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى سۆز ۋە ھەرىكەتلەر بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭغا بولغان بېسىمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن سېگنال بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، دېگەن قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتكە چوقۇم تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىدى. گوردون چاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا زور كۆلەملىك تۇتقۇن، تەن جازاسى، قۇل قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈش، ئۇلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانى بويىچە پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتاي بۇندىن باشقا يەنە تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭمۇ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارايدىغان بولسىڭىز، بۇ سىياسەتلەرنىڭ تېگىدە چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك ياتقانلىقىنى كۆرىسىز. خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن كۈچلەندۈرۈلۈۋاتقان بۇ ئىرقچىلىق ئىنتايىن خەتەرلىك. ئامېرىكا چوقۇم بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدېن 10-فېۋرال كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى بىر تۈركۈم ئىتتىپاقداشلىرى بىلەنمۇ سۆزلەشكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ خىتايغا يالغۇز تاقابىل تۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دېموكراتىك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن. ئاندېرس كور بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى ئارقىلىق خىتاينى خەلقئارا سودىدا يالغۇز قويۇشىمىز كېرەك. 5G ۋە 6G تېخنىكا ساھەسىدە خىتاي زاپچاسلىرىدىن خالىي بولغان پاكىز دۇنيا تېخنىكا تورى قۇرۇپ چىقىش كېرەك ۋە شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ مۇداپىيە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەربىي تېخنىكا بىلەن قايتىدىن قوراللاندۇرۇش كېرەك،» دەپ ئەسكەرتتى.