ئۆز ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت جوئې خامىلتون خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە «سېنىڭ دەۋرىڭ ئاخىرلىشىدۇ» ناملىق يەنە بىر ناخشا ئېلان قىلدى. جوئې ھامىلتون ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ناخشىنى ئىجاد قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللار ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
مەزكۇر ناخشىنىڭ فېيسبوكقا يوللانغان ئۇلانمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ناخشا ئەسلى 2014 - يىل 28 - فېۋرال جوئې ھامىلتون ئەپەندى تەرىپىدىن يۇتۇب تورىغا قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرغان خەت ھەمدە بۇ خەتكە ئالاقىدار، دەپ تۇتقۇن قىلىنغان ژۇرنالىست جيا جيا ۋەقەسى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان مەزگىلدە جوئې ھامىلتوننىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدە يازغان ناخشىسى قايتىدىن قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە يېزىلغان «سېنىڭ دەۋرىڭ ئاخىرلىشىدۇ» ناملىق ناخشىدا:
«سىياقىڭدىن تەبەسسۇم ئىچىرە باقساڭمۇ،
روھىڭدىكى رەھىمسىزلىك بولدى ئاشكارە.
زامانىڭدا ھېسابسىز بىغۇبار جانلار،
بەدەل قىلىپ ھاياتىنى بولدى سەكپارە.
بەزلىسەڭمۇ، ئالدىساڭمۇ ئۆزۈڭنى قانچە
مەھشەر كۈنۈڭ كېلەر ھامان، كېرىلمە ئۇنچە...» دېگەن مىسرالار كۆزگە چېلىقىدۇ.
خىتاي تورداشلار ناخشا ھەققىدە يوللىغان ئىنكاسلىرىدا، «ناخشىدا خىتاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىنئالا بېشارەت بېرىلىپتۇ»، «بىر چەتئەللىك مۇزىكانت جۇڭگونىڭ ھەممە ھوقۇقنى قولىغا ئېلىۋالغان، ئۆزىگە بولغان مەدھىيەدىن باشقا بارلىق قارشى پىكىرلەرنى باستۇرۇۋاتقان ھۆكۈمرانى ‹شى دادا› نىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەپتۇ» دېگەن ئىنكاسلارنى يازغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جوئې ھامىلتون ئەپەندى بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىنىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە توختىلىپ، «شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى خىتاي ۋەزىيىتى مېنىڭ مەزكۇر ناخشىنى ئىجاد قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى» دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:«شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغان پىكىرلەر كونترول قىلىندى. كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغان زىيالىيلار ۋە ئادۋوكاتلار تۇتقۇن قىلىندى، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان زىيالىيلار تۈرمىگە تاشلاندى، تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرى كۆپەيدى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى، ئىش تاشلاش ۋەقەلىرى كۆپەيدى. بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇزۇن مەزگىل كۆزىتىش ئارقىلىق شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىش خىيالىمغا كەلدى ۋە بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلدىم.»
جوئې ھامىلتون ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا ئۆزى كۆزەتكەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە توختىلىپ: «مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ھەممە ھوقۇقنى ئۆز قولىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى. بىلىشىمچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان قۇرۇلغان نۇرغۇن كومىتېتلارنىڭ، خىتايدىكى مۇھىم تارماقلارنىڭ 1 - قول باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئۆزىنى تەيىنلىدى. پارىخور ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىش نامىدا قارشى گۇرۇھتىكى دۈشمەنلىرىنى تازىلاشنى كۈچەيتتى، دېموكراتىيەنى، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇردى. خىتايدا دېموكراتىيە بوشلۇقى بارغانچە تارايدى. ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەسسىلەپ كۈچەيدى.» دېدى.
جوئې ھامىلتون ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن يېقىندىن بىلىدىغان تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرى خىتايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلىنىش ۋەزىيىتى يۈز بەرسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. مېنىڭچىمۇ خىتاي لېدىرى شى جىنپىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىتلىك تۈزۈمى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھالاكىتىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى تىنچ يول بىلەن دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈمىدىدە بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس.»
شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت جوئې ھامىلتون ئەپەندى چەتئەللەردىكى تىبەت ئەركىنلىكى پائالىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يىغىن - پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا باشلىغان.
ئۇ ئىلگىرى 2009 - يىلدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا ئوغلى يوقاپ كەتكەن پاتىگۈل غۇلام، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىلار ھەققىدىمۇ ناخشا ئىجات قىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00