12-نويابىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنىڭ قىممىتى ۋە ئ‍ۇنى ئاممىۋىيلاشتۇرۇش

0:00 / 0:00

12-نويابىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بايرامنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار تەرپىدىن بېكىتىلگەن بويىچە يىللاردىكىگە ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بايرامدا يىللاردىن بۇيان بولىدىغان سىياسىي پائالىيەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش زۆرۈر. ھالبۇكى، مەزكۇر بايرامنى تېخىمۇ ئاممىۋىي، تېخىمۇ مەنىۋىي ۋە ئائىلىۋىي قىممەتكە ئ‍ىگە قىلىش ئۈچۈن بەز يېڭىلىقلارنىمۇ سىناپ بېقىش كېرەك. چۈنكى ئەجداتلاردىن مىراس قالغان بۇ مۇبارەك بايرامدا زىمىستاندىكى چوغدەك يارقىن قىممەتلەر بار.

1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قەشقەر ۋە غۇلجا شەھرىدە ئەجداتلار تىكلىگەن ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراق، گىرىب ۋە مارشىمىز ئاتا قىلغان ئىپتىخارنى مۇھاجىرەتتە ئائىلەلەرگە، قەلبلەرگە قانداق يىلتىز تارتقۇزىمىز؟ يىلدا بىر قىلىدىغان بايرامنى سىياسىي سەھنىلەرگە، نامايىشلارغا ۋە يىغىنلارغا تاشلاپ قويماي ئاممىۋىيلاشتۇرۇش، تۇرمۇشلاشتۇرۇش، كۆڭۈللەرگە تېخىمۇ يېقىن قىلىشنىڭ ئامالى بارمۇ؟

جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزگە ئوخشاش مىللىي بايراملار مىللەتنىڭ كىملىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بايراملارنىڭ قۇتلىنىشى، قۇتلاش شەكىللىرىنىڭ ئاممىۋىيلىقى، قۇتلاش قىزغىنلىقىنىڭ كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىدا، ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىشى مىللىي كىملىكىنى كۈچلەندۈرىدىغان جەرياندۇر.

بىزنى مۇھاجىرەتتە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغىنى ئۆزىمىزگە خاس بولغان مىللىي بايراملىرىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ مۇھاجىرەتتە داۋاملاشتۇرىۋاتقان باشقا بايراملىرىمىز مىللىي كىملىكىمىزنى، كىم ئەمەسلىكىمىزنى تەكىتلىسە بۇنىڭ ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز ھۆرلۈككە تەلپۈنگەن مىللىي ئىرادىمىزنى، ئەركىنلىك ئۈچۈن جېنىنى تىككەن ئەجداتلارغا بولغان ۋارىسلىقىمىزنى، مۇستەقىللىق غايىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.

ھەر قېتىملىق جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز بىزگە خىتاي تاڭغان كىملىكىنى رەت قىلىدىغانلىقىمىزنى، ئۇيغۇرلۇق كىملىكىمىزنى يوقاتماقچى بولغان كۈچكە قارشى تارىختا قانداق قوزغالغان ۋە ئۇلارنى قانداق قوغلاپ چىقىرىپ، قانچە رەت، قانداق بىر دۆلەت قۇرغانلىقىمىزنى ئەسلىتىدۇ. جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز بىزنى پادىشاھلىق ئومۇملاشقان، دېموكراتىك تۈزۈمى تېخى ئەمدىلا بىخ ئۇرغان دەۋردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتىمىزدىن ۋە زاماننىڭ ئالدىدا مېڭىپ، زامانىۋىيلىققا ماسلىشىپ دۆلەت قۇرغان ئۇلۇغ ئەجدادىمىزدىن غۇرۇرلاندۇرىدۇ. جۇمھۇرىيەت كۈنىمىنى بىزنى 11 يىلدا «قان كېچىپ، ھەم جان بېرىپ» ئىككى قېتىم ئوخشاش كۈندە جۇمھۇرىيەت قۇرغان قەھرىمانلاردىن پەخىرلەندۈرىدۇ.

جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزدە بىز دوستلار بىلەن، پىشقەدەم داۋاگەرلەر ۋە يېڭى سەپداشلار بىلەن بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس تۇپرىقىمىزنى زالىمدىن پاكلىغان بوۋا ۋە مومالارنى خاتىرلەيمىز، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئالار قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئىرادىمىزنى ياڭراق شۇئالار بىلەن جاكارلايمىز. شۇ كۈنى بىز جاھاندا بۇزغۇچى ئەمەس قۇرغۇچى، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا خەقنىڭ ھاكىمىيىتىگە ياللانغۇچى ئەمەس، ئۆزى ھاكىمىيەت ياراتقۇچى شانلىق ئەجداتنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز بىلەن غۇرۇرلىنىمىز.

خوش، ئەگەر شەھىرىمىزدە يېتەرلىك ئۇيغۇر بولمىسا، ئۇيغۇر بولغان تەقدىردىمۇ يىغىلىش ئۇيۇشتۇرۇلمىسا، ئۇيۇشتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ بىرىمىزگە خوپ كېلىپ يەنە بىرلىرىمىزگە خوپ كەلمىسە، قانداق قىلىمىز؟ قىلغان پائالىيەتلەر چوڭ ياشتىكىلەرگە بىزگە ماس كېلىپ سەبىيلەرگە ماس كەلمىسە قانداق ئامال قىلىمىز؟ قانداق قىلىپ دۆلەت بايرىمىمىزنى قۇربان ۋە روزا ھېيتقا ئوخشاشلا ئۆيىمىزدە ئائىلە بويىچە تەبرىكلەشكىمۇ بولىدىغان، قۇتلاشقا ئەپ بولىدىغان، ھەر بىر ئۇيغۇر يالغۇز قالغان تەقدىردىمۇ ئۆتكۈزەلەيدىغان بايرامغا ئايلاندۇرىمىز؟

مەنچە، ھەر 12-نۇيابىردا قۇتلايدىغان مۇبارەك بايرامنى تۇرمۇشىمىزغا، ئائىلىمىزگە سىڭدۈرۈشنىڭ، ھاياتىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ يولى مەزكۇر بايرامنى خۇددى قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ۋە نورۇزلارغا ئوخشاش ئۆتكۈزۈشتۇر. بۇ يول بىزنى تارىخىمىزنىڭ قەلبىگە، ئەجدادلارنىڭ شانلىق ئىزىغا، كەلگۈسىنىڭ مەنزىلىگە يەتكۈزىدىغان قۇتلۇق يول. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئ‍ىككى مۇبارەك ھېيتقا ۋە قۇتلۇق نورۇزغا قانداق ھازىرلىق قىلغان بولساق، ئۇلارنى قانداق كۈتىۋالغان بولساق، دۆلەت بايرىمىنىمۇ شۇنداق كۈتىۋېلىشنى ئادەت قىلساق بولىدۇ.

ھېيتتا ساڭزا، قۇيماق، قېيىقچا سېلىش ئادىتىمىز بار. مېنىڭچە، دۆلەت بايرىمىدا قېيىقچا سالساق بولىدۇ. بۇنىڭ سىموۋۇللۇق مەنىسى بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ھەممەيلەننى خاراپلىق دېڭىزىدىن ساقلاپ قالىدىغان ۋە ھۆرلۈك قىرغاقلىرىغا يەتكۈزىدىغان قېيىق ئىكەنلىكىگە سىموۋۇل بولالايدۇ. بايرام كۈنى ئالاھىدە ئېتىلىدىغان تاماق «خان ئېشى» بولسا مۇۋاپىق. چۈنكى خان ئېشى خانلىق دېگەن سۆزگە باغلىنىدۇ. خانلىق دېگىنىمىز دۆلەت دېگەن سۆز. دۆلەت بايرىمى كۈنى قېتىق ئىچىلسە مەنىلىك بولىدۇ. چۈنكى تارىختا ئۇيغۇرنىڭ بىرلىشىپ دۆلەت قۇرۇشى قېتىقنىڭ ئۇيۇشىغا ئوخشىتىلغان.

دۆلەت بايرىمى كۈنىمىزدە چوڭلار ئۆز ئارا يىغىلىشىمىز، پەتىلىشىمىز، دىدارلىشىمىز. ئۇ كۈنى بالىلارغا ئالاھىدە سوۋغات بېرىمىز. بالىلارغا ھەر يىلى 11-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت بايرىمىلىق ئارزۇسىنى يېزىشقا دەۋەت قىلىمىز. ھەر كۈنى بالىلار سەھەردە بىردىن ئارزۇ يازىدۇ. دۆلەت بايرىمى كۈنى سەھەردە بالىلار ئارزۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بىرنى تاللايدۇ. تاللانماي قالغان 11 ئارزۇنى يېڭى يىلدىن باشلاپ ئايدا بىردىن قاندۇرىمىز. بالىلار 12-نۇيابىر كۈنىدىكى سوۋغاتقا ئېرىشمەك ئۈچۈن خالىغان بىر ئۇيغۇرچە شىئېر، ھېكايە ياكى بىر تارىخى شەخس ھەققىدە بىزگە سۆزلەپ بېرىشى كېرەك. بالىلارنىڭ دۆلەت بايرىمىمىزدا قايسى ئارزۇنى يېزىش توغرىلىق تەييارلىقى ئارزۇ يېزىشقا باشلىغان كۈندىن بۇرۇن باشلانسىمۇ، ئارزۇلار توغرىلىق ئاتا-ئانا ۋە دوست يارانلارغا مەسلىھەت سالسىمۇ بولىدۇ.

دۆلەت بايرىمى كۈنى ياشانغانلار، ئاتا-بالىلار، ياشلار، ئەر-ئاياللار، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ سوۋغاتلىشىش كۈنى بولسا بولىدۇ. سوۋغاتلار كىتاب بولسا بولۇشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىمىز، قەھرىمانلىرىمىز، گىرىبىمىز، بايرىقىمىز چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بويۇملار، دۆلەت مارشىمىزنىڭ مىسرالىرى چۈشۈرۈلگەن ھۆسىن خەتلەر ۋە ياكى ۋەتەننى ئەسلىتىدىغان ھەر قانداق بويۇم بولسىمۇ بولىدۇ. سوۋغاتلىقلارغا ھۆرلۈكككە سىمىۋۇل قىلىنىدىغان قۇش، قانات ۋە پەيلەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولسا تېخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ.

دۆلەت بايرىمى كۈنىمىزدە كىيىدىغان كىيىمىمىز چوقۇم ئۇيغۇرچە بولسا ئەۋزەل. ئۆيلەرنى، ھويلا ئاراملارنى بايراق ۋە يۇلتۇزنىڭ رەڭگىدە سىرلاشمۇ بىر قۇتلاش بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بايرام كۈنىدە ئۆي-ھوجرالارنى يۇلتۇزلارۋە ئايلار بىلەن بېزەش، دەرىزە-ئىشىكلەرگە بايراقلارنى ئېسىشمۇ ئەھمىيەتلىك. دۆلەت بايرىمى كۈنى بالىلارنى ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈپ ئۆمەكلەشتۈرۈپ ئىرقىي قىرغىنچلىق مۇزىيى، جازا لاگېرى مۇزىيى دېگەندەك تارىخىي ئورۇنلارنى كەزدۈرۈشمۇ ئۇلاردا قىرغىنچىلىققا قارشى تۇيغۇ، چۈشەنچە يېتىلدۈرىدىغان موھىم پۇرسەت.

نورۇزىمىز بىزنىڭ ئەرەپ، ھىندى ۋە ياكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرىنىڭ ئەزاسى ئەمەس تۈرك مىللەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلىسا، دۆلەت بايرىمىمىز بىزنىڭ خىتاي ئەمەسلىكىمىزنى، بېقىندى ئەمەسلىكىمىزنى ۋە خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنى تەن ئالمايدىغانلىقىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر. بىزنىڭ دۆلەت بايرىقىمىز، گىرىبىمىز، مارشىمىزنىڭ بولۇشى بىزنىڭ بۈگۈنلا ئەمەس، تارىختا ھەم خىتاي ئەمەس شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنىڭ، بولالىغانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتى. شۇڭا كىملىكىمىزنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قېلىش، كۈچلەندۈرۈش ۋە نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن تارىختا مۇستەقىللىق جاكارلىغان كۈنىمىزنى، دۆلەت قۇرغان دەقىقەلەرنى مىللەت بويىچە خاتىرلەپ تۇرۇش، جانلاندۇرۇش، ھەر بىر ئائىلە ۋە ھەر بىر ئىنسانىمىزنىڭ قەلبىگە نەقىشلەش قىلىش زۆرۈر. بىز ئۇنى قىلمىساق، ئۇنىڭغا تىرىشمىساق، ھەرىكەت قىلمىساق ئەجداتلارغا يۈز كېلەيدىغان، ئەۋلاتلارنىڭ چىرايىغا قارىيالايدىغان سالاھېيىتىمىز بولمايدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.