«جۇڭگو ئارزۇسى» تەشۋىقاتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى قاپلىماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «مېڭە يۇيۇش» خاراكتېرلىك سىياسىي تەشۋىقاتلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«جۇڭگو ئارزۇسى» تېمىسىدا قانات يايدۇرۇلغان بۇ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى تەڭرىتاغ تورى، «شىنجاڭ گېزىتى»، شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە تورى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بەتلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاتموسفېراسىنى قاپلىغان مەزكۇر تەشۋىقاتلار «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» يۈز بېرىپ رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان.

11-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مائارىپ نازارىتى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى 19 ئالىي مەكتەپتە يەنە بىر مەيدان «مېڭە يۇيۇش» تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. دائىرىلەر ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بۇ ھەرىكەتنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت سەرخىللىرى ئارىسىدىكى ياش سىياسىي ئاكتىپلارنى ھەرىكەتلەندۈرگەن. ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ تەشۋىقات ئورنىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان پەزىلەت خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەلسەپە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى مۇرات قېنىياتنىڭ «تيەنئەنمېنگە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى شىنجاڭدىكى 22 مىليون ئاممىنىڭ يۈزىنى تۆكتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بۇ قېتىمقى سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ باشلانمىسى بولغان. مەزكۇر ماقالە 5-نويابىردىن باشلاپ، تەڭرىتاغ تورى، «شىنجاڭ گېزىتى»، جۇڭگو خەۋەرلەر تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا قايتا-قايتا بېسىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن 11-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى باشلانغان. بۇ ھەرىكەت 15-ۋە 16-نويابىر كۈنلىرى «جۇڭگو ئارزۇسى» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-نويابىر كۈنى مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنستىتۇتى بىرلىكتە «جۇڭگو ئارزۇسى-مېنىڭ ئارزۇيۇم» ناملىق مىكرو فىلىم مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. 15-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر بىرلىكتە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «جۇڭگو ئارزۇسى-مېنىڭ ئارزۇيۇم» ناملىق چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى ياش ئالىملارنىڭ 2013-يىللىق مۇھاكىمە مۇنبىرى» نامى بېرىلگەن مەزكۇر تەشۋىقات پائالىيىتى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن داغدۇغىلىق باشلانغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 19 ئالىي مەكتەپتىن تاللانغان 37 سىياسىي ئاكتىپ نۇتۇق سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

ئاپتونوم رايوننىڭ كاتتىۋاشلىرى قاتناشقان بۇ پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور زۇلھايات ئىسمائىل، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچىسى زۇمرەت ئابلىكىم، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى گۈزەلنۇر توختى قاتارلىق سىياسىي ئاكتىپلار «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» گە زەربە بېرىپ، ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىنى «جۇڭگو ئارزۇسى» چۈشەشكە چاقىرغان. دوكتور زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ « ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش-ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى» ناملىق ماقالىسى 14-نويابىر كۈنىلا تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنىپ، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئۇلاپ بېسىلغان. ئۇ ماقالىسىدە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن تاكى يېقىنقى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» گىچە بولغان جەرياننى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «جۇڭگودىكى ئاممىۋى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن» لىكى ھەققىدە جار سالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىپ، « جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى قوغداش شىنجاڭدىكى 22 مىليون خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسئۇلىيىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پەزىلەت خانىم سۆزىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ئاكتىپ كوزىر بولۇپ كۆرۈنۈۋاتقان بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ياش زىيالىيلىرى ئىچىدىكى «زامانىۋى ماڭقۇرتلار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر پارتكومى ئۆستۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە سىياسىي ئاكتىپلارنى تەشكىللەپ سىياسىي لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى بىرقانچە يىللار بۇرۇنلا يولغا قويغانلىقى مەلۇم. «مېڭە يۇيۇش» خاراكتېرلىك بۇ سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ھەر قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەندە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.