ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشتىن، كان بېسىۋېلىشقىچە بولغان ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى نېمىشقا سىر تۇتۇلىۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 44 كىشى قازا قىلغانىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پاجىئەدە 10 ئادەم ئۆلۈپ، 9 ئادەم يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى يارىلانغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ قىسمەتلىرىگە ئائىت ئەگەشمە خەۋەرلەر ئاشكارىلانمىدى، لېكىن خىتاينىڭ ئالاقە-ئۇچۇر سۇپىلىرىدىكى مەزكۇر ئوت ئاپىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن بەزى تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغانىدى. مەزكۇر پاجىئە يۈز بېرىپ دەل بىر ئاي ئۆتكەندە، يەنى 24-دىكابىردا غۇلجادىكى «ئاشى ئالتۇن كانى» گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. شۇنداقلا كان ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 40 ئادەمدىن 22 كىشى قۇتۇلۇپ، 18 كىشىنىڭ كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئەلۋەتتە، خىتاي بۇ قېتىممۇ خۇددىي بىر ئاي ئاۋۋالقىدەك ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى قاتتىق قامال قىلىشقا باشلىدى. گەرچە بۈگۈن مەزكۇر كان ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگىنىگە 6 كۈن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، كان ئاستىدا بېسىلىپ قالغان 18 ئادەمنىڭ ھايات-ماماتى، قۇتۇلۇپ چىققان 22 ئادەمنىڭ سالاھىيىتى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئىزچىل مەخپىي تۇتۇلماقتا.

ئۇنداقتا، غۇلجادىكى بۇ ئالتۇن قانداق زادى قۇرۇلمىلىق بىر كان؟ كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئامان قالغان ۋە غايىپ بولغانلار زادى كىملەر؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى نېمە سەۋەبتىن سىرتقا ئاشكارىلانمايدۇ؟

ۋەقە يۈز بەرگەن «غەربىي دىيار ئالتۇن ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نامىدىكى بۇ كاننىڭ ئەسلى نامى «ئاشى ئالتۇن كانى» دۇر. مەزكۇر كان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بايقالغان. شۇنداقلا چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى «جۇڭگو-سوۋېت مېتال بۇيۇملىرى شىركىتى» ھەمدە كېيىنكى «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى» گە باغلانغاندۇر.

بۇ كان 1993-يىلى قايتا قۇرۇلۇشقا باشلاپ، «ئاشى ئالتۇن كانى» دېگەن نام بىلەن 1995-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەركەز كارىخانىلىرىدىن بىرىدۇر. مەزكۇر ئالتۇن كاننىڭ ئىگىلەيدىغان يەر مەيدانى 2038 مو بولۇپ، غۇلجا شەھىرىدىن 64 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ئالاقىدار مەلۇماتلاردا مەزكۇر كان شىركىتىدە 672 خىزمەتچى خادىم بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانى 333 بولۇپ، ئومۇمىي خىزمەتچىلەر سانىنىڭ 49.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان. بۇ كاننىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكىلەرگە بېرىلگەن خىزمەت ئورنى 91 دەپ يېزىلغان بولۇپ، دېمەك، قالغان كىشىلەرنىڭ غۇلجا ناھىيىسىگە سىرتتىن يۆتكەپ ياكى يۆتكىلىپ كېلىنگەنلەر بولغانلىقى مەلۇم.

ئۇ ھالدا بۇ كانغا سىرتتىن يۆتكەپ كېلىنگەن «ئاز سانلىقلار» نىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرمۇ؟ بۇ قېتىملىق ۋەقەدە كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ سانى قانچىلىك بۇلۇشى مۇمكىن؟

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن بىرى بولغان «خىتاي ئالتۇن تورى» دا 2020-يىلى 27-ئىيۇلدا ئاتالمىش «غەربىي دىيار ئالتۇن ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (يەنى ئاشى ئالتۇن كانى)» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلگەن. مەزكۇر خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدىن قارىغاندا، بۇ شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئاتالمىش «نامراتلىقنى يوقىتىش» سىياسىتىگە ئاكتىپ كۈچ قوشقانلىقى مەلۇم. ئۇلار جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات رايونلار بولغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن 25 نەپەر يەرلىك دېھقاننى كان ئىشچىلىقىغا يۆتكەپ كەلگەن. شۇنداقلا مەزكۈر ئىشچىلارنى لاگېردا، يەنى ئاتالمىش «يىغىپ تەربىيىلەش مەركىزى» دە ھەربىي مەشىق، خىتاي تىلى ئۆگىنىش، سىياسىي ئۆگىنىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، خىزمەتتىن بۇرۇنقى كەسپىي تەربىيىلەشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شىركەت يەنە نامرات دېھقان، چارۋىچىلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

بىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىدۇر. مەزكۇر سىياسەت دەل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەردىن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ پارتىيە ئەزالىرى «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن كۈنلۈك نازارەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر پارتىيە ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت دائىرىسى، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق ئۈچ باسقۇچلۇق ئالاقە تورىنى تەكشۈرۈپ، ئارخىپلاشتۇرغان. ئاندىن ھەر بىر شەخسنىڭ ئارخىپتىكى ئەھۋالىغا ئاساسەن لاگېر، تۈرمە، قۇل ئىشچى، ساناتورىيە، ياتاقلىق مەكتەپ. . . قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئاتالمىش شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گورۇھىغا تەۋە بولغان «غەربىي دىيار ئالتۇن ئېلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (ئاشى ئالتۇن كانى)» بولسا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنىچىلىقىغا بىۋاستە قاتناشقان بىر شىركەتتۇر.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ 28-دىكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىغان.

خىتاي دائىرىلىرى دەرۋەقە، كان ئاستىدا قالغان 18 نەپەر ئىشچىنىڭ ھايات-ماماتى، قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقى، نەق مەيدان سۈرەت، سىن كۆرۈنۈشى. . . قاتارلىقلارغا ئالاھىدار ئۇچۇرلارنى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلمىغان. خىتاي تور بەتلىرىدە مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار يەنىلا 24-دېكابىر ۋەقە يۈز بەرگەندە بېرىلگەن قىسقا خەۋەر بىلەن چەكلەنگەن. ئەمما، مەيلى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە بولسۇن، ياكى بۇ قېتىملىق كان ۋەقەسىدە بولسۇن، ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىملىكى مەخپىي تۇتۇلغان. ئەمما ۋەقەگە دائىر مەلۇماتلار ئاساسەن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ يەرلىك دائىرىلەرگە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتە قىلىشى داۋامىدا ئاشكارىلانغان. ھەر ئىككى ۋەقەدىكى ئوخشاشلىق دەل ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىنى، شۇنداقلا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي تۇتۇشىدۇر.

كان ئۆرۈلۈش ياكى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش قاتارلىق ۋەقەلەر ھەممە دۆلەتتە، ھەممە يەردە، ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا نورمال ئەھۋالدا بۇنداق ۋەقەلەردە مەخپىيەتلىك ساقلاشقا زۆرۈرىيەت ئاساسەن يوق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى سىر تۇتۇشى، ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغان، ئۆلۈم-يېتىملەرنى ئازايتىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بولغانلىقى سەۋەبلىكلا ئېغىر پاجىئە بىلەن نەتىجىلىنىشى، ۋەقەلەرنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بولۇشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.