كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ ئانا تىل مەكتىپى بولدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.03.25
montorial-kanada-2019-noruz-7.jpg مونترېئال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 23-مارت، كانادا.
Nighmet teminligen

23-مارت كۈنى كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئاتا-ئانا ۋە بالىلارغا بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە خۇشاللىق بىر كۈن بولدى.

مونترېئال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن شەنبە كۈنىدىكى نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىدە، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقى جاكارلاندى. مەزكۇر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ھازىر ئوقۇغۇچى سانى 30 دىن ئاشقان بولۇپ، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەر ھەپتە ئاخىرى بالىلارغا مۇنتىزىم ھالدا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مۇزىكىسى، گۈزەل سەنئىتى ۋە ئىسلام دىنىدىن دەرسلەر ئۆتۈلىدىكەن.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدىكى 100 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر بايراملىق كىيىملىرى ۋە ئۇيغۇر دوپپالىرىنى كىيىپ مونترېئال ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان نورۇز پائالىيىتىدە جەم بولغان. بۇ پۇرسەتتە مونترېئال ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت ئەپەندى جامائەتنىڭ نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىغاندىن كېيىن يەنە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ جاپاكەش، پىداكار مۇئەللىملەرنىڭ بىر قانچە يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە تەييارلىقى ئارقىسىدا، ئۇيغۇر جامائىتى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مونترېئال ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن جاكارلىغان.

مونترېئال ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مەخمۇتجان ئىمىن مەكتەپنىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنى بەكمۇ خۇشال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردا مونترېئال كانادادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ جايلاشقان شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، جامائەتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەۋلادلارنىڭ ئۆز ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاشتا مۇنتىزىم بىر تەربىيەگە بولغان ئېھتىياجى كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىراق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك ئانا تىل مەكتىپى مۇنتىزىم داۋاملىشالمىغان ئىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇقىم دەرس ئۆتىدىغان تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، رىدا ئابلىمىت ئەپەندى بۇ ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ؛ «بۇ مەكتەپ مونترېئالدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ» دېگەن ئىشەنچتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مونترېئال ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن مەدىنە ئابدۇساتتار مۇئەللىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش پۇرسىتىنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. مەدىنە مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ھازىر ئوقۇغۇچى سانى 30 دىن ئاشقان بولۇپ، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەر ھەپتە ئاخىرى بالىلارغا مۇنتىزىم ھالدا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مۇزىكىسى، گۈزەل سەنئىتى ۋە ئەخلاق ھەمدە ئىسلام دىنىدىن دەرسلەر ئۆتۈلىدىكەن.

ئۆزلىرىنىڭمۇ ئانا تىل مەكتىپى بولغانلىقىدىن شادلانغان بىر قىسىم بالىلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆز خۇشاللىقى ۋە ئارزۇلىرىنى ئانا تىلىدا ئىپادىلەشتى.

مەزكۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى مۇبارەكلەپ باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەت ھەم تەشكىلات رەھبەرلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن، سۈرەتلىك ھەمدە ئاۋازلىق تەبرىكنامىلىرىنى يوللىغان شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدلىرىنى ۋە قوللىشىنى ئىزھار قىلىشقان.

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مائارىپىنى چەكلەش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇ خىلدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىغا قويماقتا. يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بىر قىسىم شەھەرلەردە ئانا تىل مەكتەپلىرى ئېچىلغاندىن باشقا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مائارىپچى ۋە زىيالىيلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن، بۇ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ بىر تۇتاش ئوقۇش ماتېرىياللىرى ۋە ھەتتا مەكتەپ فورمىلىرىغىچە بىرلىككە كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.