كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن 25 يىل ئاۋۋال، كانادا خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە چوڭ ئۈمىد بىلەن قارىغان. ئۇلار خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قېتىلىشى خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ، دەپ ئىشەنگەن.
بۈگۈنكى كۈندە كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئەھۋالنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇۋاتقانلىقىنى، 25 يىللىق تارىخنىڭ كانادا خىتايغا تەسىر كۆرسەتمەي، بەلكى خىتاي كاناداغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئەھۋال شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، كانادانىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى تەنقىد قىلماقتا.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1978-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى جاكارلىغاندا، غەرب دۇنياسىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي خەلقىمۇ خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە ئۈمىد بىلەن قارىغان. ئەمما 80 -يىللاردىكى خىتايدىكى «ئەجنەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «غەرب روھىنىڭ زەھەرلىشىگە قارشى تۇرۇش» ھەرىكەتلىرى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. لېكىن 1989-يىلدىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى (گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ۋەقە باستۇرۇلغان بولسىمۇ) دۇنياغا خىتاي خەلقىنىڭ بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت كوممۇنىست تۈزۈمىنى ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان ئىدى.
90-يىللارغا كەلگەندە خىتاي يېزىلاردا دېموكراتىك سايلامنى يولغا قويۇشقا باشلىدى، خىتاي خەلقىنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشقا بولغان تەلىپى كۈچىيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە قول قويدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا غەلىبىلىك كىردى.
ئەمما شى جىنپىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت زېمىنلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلارمۇ باستۇرۇلۇشقا ئۇچراپ بىر بىرلەپ تۈرمىگە تاشلاندى.
دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە بولغان چوڭ تەھدىت دەپ قارىلىپ قاتتىق تەنقىد قىلىنىشقا باشلىدى. بۇندىن 25 يىل ئاۋۋال كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىدا دىپلوماتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە 25 يىلدىن بېرى كانادا برۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدا «غەرب ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» نى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان دوكتور چارلېز بۇرتون ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
چارلېز بۇرتون مۇنداق دېدى: خىتايدا ھوقۇقنىڭ پۇقرالارغا ئۆتۈشى مۇمكىن بولمايلا قالماي، بەلكى شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىدىكى خەلقئارا پۇقرالىق سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىشى ۋە ئۇنى دەپسەندە قىلىشى بۈگۈنكى دۇنيادىكى خىتاي خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن بىر زوراۋان ۋە قانخور رېجىمنى كۈچلەندۈرمەكتە، شۇنچە يىللاردىن بېرى خىتاينى جەنۇبىي كورېيەدەك، ياكى تەيۋەندەك بىر سىستېمىغا كىرىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىشىم پۈتۈنلەي يوققا چىقتى.
كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي دۆلەت سىستېمىسىنىڭ غەربنىڭ كۈتكىنىدىن دەل ئەكسىگە قاراپ مېڭىشىغا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ۋە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتماي كېلىشىنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا.
كانادا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بەزى كانادا سىياسەتچىلىرىنى جەلپ قىلىپ، پۇل ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاسانلا خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىشىملەرگە ئىمزا قويىدىغان قىلىپ قويغانلىقى، ئۇلارنى خىتايدا باستۇرۇلۇۋاتقان ئىنسانلار ھەقلىرى ھەققىدە ئاغزاكى بايانلاردىن باشقىنى قىلمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گەرچە ئامېرىكا قاتارلىق باشقا غەرب ئەللىرى مەخپىيەتلىك ئوغرىلىغان خىتاي ئىشپىيونلىرىنى جازالاپ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسى بەرگەن بولسىمۇ، كانادا تېخىچە، كانادانىڭ مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلىغان خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ بىرىنىمۇ، كانادا خانلىق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان پاكىت ئىزدەش سەۋەبلىرى تۈپەيلى جازا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقالمىدى.
دوكتور. چارلېز بۇرتون بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ياخشى چۈشىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرۈش مەنبەسىنى كۆپەيتىشكە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، خىتاي پۇلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزلىرى بىلىپ-بىلمەي خىتاينىڭ پايدىسىغا ئىشلەۋاتقان سىياسەتچىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش تۈزۈلمىلىرىنىڭ يوق بولۇشى بەكمۇ ئېچىنىشلىق. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ساقچى تەرەپ ۋە كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا سىياسەتچىلىرىگە ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈشى قانۇنسىز بولسىمۇ ئەمما بىزدە بۇنى چەكلەيدىغان ئېنىق بىر قانۇن يوق. شۇڭا كانادا خىتايغا قارىتا يۇمشاق پوزىتسىيەدە بولماستىن بەلكى قاتتىق ۋە كۈچلۈك بۆلىشى ۋە بۇ مەسىلىلەرگە ئائىت قانۇن تۈزۈلمىلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك.»