چارلىس بۇرتون: جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى تەسكە توختايدۇ

0:00 / 0:00

كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇ، 30-ئاۋغۇست كۈنى خىتايغا قاراتقان 8 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بېيجىڭغا يېتىپ باردى.

70 ‏-يىللاردا جۇستىن ترېدۇنىڭ دادىسى پرې ترېدۇ كانادا باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋە كانادا، خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە يول ئاچقان بولۇپ، بۇ بالا ترېدۇنىڭ ئارىدىن 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينى تۇنجى قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇ، 30-ئاۋغۇستتىن، 7-سېنتەبىرگە قەدەر خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى كېچاڭلار بىلەن كۆرۈشىدۇ شۇنداقلا خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، سودا-تىجارەت، كىشىلىك ھوقۇق، خىتاي بىلەن بولغان قىچا ئىمپورت ۋە ئېكسپورتىدىكى چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شۇنداقلا 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كېرىن گەررات مەسىلىسى قاتارلىقلار ئاچقۇچلۇق زىيارەت تېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىندا خىتاي تەرەپ كانادادىن يىلىغا ئىمپورت قىلىدىغان 2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قىچىغا قارىتا 1-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كانادا قىچا مەھسۇلاتى ساھەسىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. قىچا كانادادىكى 53 مىڭ دېھقاننىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئېكسپورت مەھسۇلاتى بولۇپ، يىللاردىن بۇيان خىتاي كانادا ئومۇمى قىچا مىقدارىنىڭ 40% ئىنى ئىمپورت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇنىڭ، دادىسى پرې ترېدۇ ئېچىپ بەرگەن، خىتاي بىلەن بولغان تارىخى يېقىنچىلىقتىن پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن ئاپاق-چاپاق سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقۇسى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەۋجۇت مەسىلىلەر جۇستىن ترېدۇ باشچىلىقىدىكى لىبىراللارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلمەكتە.

كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتايغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتى باشلىنىشى بىلەن، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا، كانادا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە چارلىس بۇرتوننىڭ «يەر شارى ۋە مەكتۇپلار» گېزىتىدە ئېلان قىلغان، «جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى تەسكە توختايدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

چارلىس بۇرتون ماقالىسىدە، 90-يىللاردا سابىق كانادا باش مىنىستىرى جېن كرېتىئەن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشى خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا خىتاي تەرەپ، جېن كرىتىئەننىڭ بېيجىڭ چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۆزىنى خىتاي تاراتقۇلىرىدا بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ھازىر جۇستىن ترېدۇغا ئۇنىۋىرسىتېتلاردا ۋە ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆزلەش پۇرسىتى بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بۈگۈنكى خىتايدا، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىلىرى غەرب لىدىرلىرى ئۈچۈن بىر نازۇك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

چارلىس بۇرتوننىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى قىچا ئىمپورت ۋە ئېكسپورتىدىكى كېلىشەلمەسلىك، خىتاي تەرەپنىڭ خوڭكوڭلۇق كانادالىقلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماسلىقى، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كەررېن گەررات مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى شۇنداقلا كانادانىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدىكى مەيدانى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى تەسكە توختايدىكەن.

بىز جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتايغا قاراتقان 8 كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىگە نېمىلەرنىڭ كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە، بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى چارلىس بۇرتوننى زىيارەت قىلدۇق.

چارلىس بۇرتون، خىتاي يولغا قويماقچى بولۇۋاتقان قىچا ئىمپورت چەكلىمىسىنىڭ كانادا، خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىگە شۇنداقلا، ئەركىن تىجارەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچبىر سەۋەبسىزلا سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، كانادا قىچىسىنىڭ خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى توختىتىپ قويۇش گىردابىغا سۆرەيدىغان بىر بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. كانادا ھەر يىلى خىتايغا 2 مىليارد دوللارلىق قىچا ئېكسپورت قىلىدۇ. خىتاي ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان كانادا ئېكسپورت قىلىدىغان قىچا تەركىبىدىكى كېرەكسىز ماتېرىياللار 1% دىن تۆۋەن بولۇش دېگەن بەلگىلىمىنىڭ ھېچقانداق بىئولوگىيىلىك ئىلمىي ئاساسى يوق. قىچا كانادانىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مەسىلە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ناھايىتى ئېغىر ھالدا دەخلى تەرز يەتكۈزىدۇ. مەن خىتاي كانادا قىچىسىنى ئۆز بازارلىرىدا ياخشى ساتالمىغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق بىر چەكلىمە قويۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمەن. بۇنداق شارائىت ئاستىدا كانادا قانداق قىلىپ خىتاي بىلەن ئەركىن سودا تىجارىتىنى يولغا قويالايدۇ ۋە ياخشى بىر سودا مۇناسىۋىتى بەرپا قىلالايدۇ؟»

خەلقئارا مەسىلىلەردىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدە، كانادانىڭ خىتاينى ياقلىماسلىقى، جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە غەلىبىلىك بولالماسلىقىدىكى يەنە بىر مەسىلە ئىكەن. بۇ ھەقتە توختالغان چارلىس بۇرتون مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسى ئوڭايلىقچە ھەل بولىدىغان بىر مەسىلە ئەمەس، بۇ شۇنداقلا كانادا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئەڭ زور توسالغۇ ئېلىپ كېلىدىغان مەسىلە. خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان 85% دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ خىتايغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قاراش، خىتاي 1982-يىلى ئىمزالىغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز ‏-ئوكيانلارنى باشقۇرۇش ئەھدىنامىسىگە خىلاپ، شۇڭا بۇنداق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئەھۋال ئاستىدا جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن مەمنۇن بولۇشى ناتايىن.»

«جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى تەسكە توختايدۇ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى چارلىس بۇرتون ماقالىسىدە يەنە نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ يەردە كۆزنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ ترېدۇ قانداق قىلىپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خىتاينىڭ دۇنيادىكى خەتەرلىك دىكتاتور دۆلەتلەردىن شىمالىي كورېيەدىن زىمبابۈۋىگىچە قوللاۋاتقانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇشقاق كېڭەيمىچى سىياسىتىگە قارشى، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىقتىسادى كېلىشىم بەرپا قىلالايدۇ؟ نۆۋەتتە بىزنىڭ باش مىنىستىرىمىز جۇستىن ترېدۇ ئەپەندى، شېرىن شېكەر، ئەخلاق پەزىلەت ئاساس قىلىنغان يېڭى بىر خىتاي، كانادا ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېز پويىزى ئاللىقاچان ئىستانسىدىن ئايرىلدى. جۇستىن ترېدۇ دادىسى پىئېرى ترېدۇدەك كونا مۇقامنى توۋلاپ، كونا شاراپنى يېڭى بوتۇلكىغا قاچىلاشقا تىرىشماسلىقى كېرەك» دەپ يازىدۇ.

جۇستىن ترېدۇغا ھەمراھ بولۇپ خىتايغا بارغانلارنىڭ ئىچىدە، جۇستىن ترېدۇنىڭ خانىمى شۇنداقلا كانادانىڭ 1-خانىمى سوفى ترېدۇ ۋە جۇستىن ترېدۇنىڭ 7 ياشلىق قىزى ئەللا ترېدۇلارمۇ بار.

جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلانغان بىر پەيتتە، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كەررىن گەررات مەسىلىسى كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۆسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى ئۇچرىتىش تەسكە توختىماقتا.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاڭلىتىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.