ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېيس كراك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2023.02.03
ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېيس كراك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىر ئورۇنباسار كەيت كراك(Keith Krach) جەنۇبىي كورېيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتتە. 2020-يىلى 17-سېنتەبىر، سېئۇل.
AP

ئالىم: كراك ئەپەندى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، پروگراممىمىز ئۈچۈن سىزنى زىيارەت قىلغىنىمدىن كۆپ خۇشالمەن.

كراك ئەپەندى: كۆپ رەھمەت ئالىم. پروگرامماڭلارغا قاتناشقىنىمدىن خۇرسەنمەن، قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىڭىزغا تەشەككۈر، ئەلۋەتتە.

ئالىم: كراك ئەپەندى، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى، يەنى 27-يانۋار جۈمە كۈنى، سىز ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ئائىت يېزىلغان ئوبزور ماقالىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتىڭىز. ھەر يىلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ يەھۇدىي جامائىتىنىڭ 1940-يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ زامانىدا يۈز بەرگەن بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ناھايىتى مۇھىم. دەل مۇشۇ كۈندە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى 6-يىلىغا قەدەم قويغان شۇ تاپتا، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئەسكە سىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى سىزنىڭچە نېمە؟

كراك ئەپەندى: چوڭ قىرغىنچىلىق كۈنى ۋە بىز ئېيتقان «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەممەيلەنگە مەلۇم، كوممۇنىست خىتاينىڭ شىنجاڭدا ۋە باشقا جايلاردا ئ‍ۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە ئىرقى قىرغىنچىلىق ئ‍ۆلچىمى بويىچە جازالىنىشقا تېگىشلىك. مېنىڭچە، بۇ نۇقتىنى ئەسكە سالىدىغان پەيتلەر مۇشۇ. بۇنى خاتىرلىتىشتىن، بۇ ھەقتە سۆز قىلىشتىن تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى بۇ ھەقتە بىر ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك. بۇ ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بەزىلىرىنى مەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان چېغىمدا قىلغان، ھازىر دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە يەنە بەزىلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىمەن. بىز بۇ ھەقتە ئۈزلۈكسىز تىرىشىمىز، مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بىز يەنىلا بۇ ئىشنىڭ پېشىدە، چۈنكى بۇ (ئىرقىي قىرغىنچىلىق) ھەقىقەتەن قاباھەتلىكتۇر.

ئالىم: يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەنگە ئىشىنەمسىز؟ خەلقئارا جامائەت «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن بۇ ئىبارىنى قوللىنىش ئارقىلىق يەنە بىر ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشقانىدى، لېكىن ئىرقى قىرغىنچىلىق قايتا-قايتا يۈز بېرىۋەردى. مەسىلەن رۋاندادا، دارفۇردا. بىز يەنە بىرمىدا روھىنگالارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ھەم كۆردۇق، شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھەم تېخىچە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتىمىز. شۇنداق ئىكەن، «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن بۇ ئىبارىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە زادى بىر مەنىسى بارمۇ يوق؟ ياكى ئۇ پەقەتلا بىر ئىبارىمۇ، خالاس؟

كراك ئەپەندى: زامانىمىزدا ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى نوقۇل بىر ئىبارىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك. لېكىن تېگى تەكتىىدىن ئالغاندا ئۇ بارلىق جەمئىيەتنىڭ ئۇنى ئىجرا قىلىشىغا باغلىق. مەن ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرۈشتۈرۈۋاتقان مەزگىلىمدە تونۇپ يەتكەن بىر نەرسە شۇ بولدىكى، مېنىڭچە بولۇپمۇ ئامېرىكادا بىز ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك بار، يەنى بۇ قارىماققا تەبىئىي ۋە تەرتىپلىك بولمىغان ئىشتەك كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئىشلارنىڭ تەبىئىي تەرتىپى ئ‍وسال پادىشاھ، دىكتاتور ۋە ئىمپېراتورلاردا دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. بىراۋدا ئاشۇنداق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق بولىدىكەن، ئۇ ئۆزىنى ئىرقى قىرغىنچىلىققا باشلايدۇ. شۇڭا سىز ھەر كۈنى بۇ خىل ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بولغان ھۆرمىتىم يۈكسەك. دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەتلىرىمىزدە قانچىلىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى دۆلىتىمىزنى سۆيىدىغان كەسپى خادىملاردۇر ھەم شۇنداق بولۇشىمىز كېرەك. لېكىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان قارشىلىق ھەرىكىتىنى ئالساق، بۇ مەسىلىدە بارلىق جەمئىيەت سەپەرۋەرلىككە كېلىشى كېرەك. سىز بىلىسىز مەن 4-ئىيۇلدا دۆلەتلىك تېلېۋىزورغا چىققىنىمدا بۇ ھەقتە توختىماي سۆزلىدىم. مەن كاۋۇتۇ بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىككە «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ تامغا باسقان تۇنجى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مەن. مەن ھەم يەنە ئامېرىكانىڭ بارلىق شىركەت مۇدىرىيەت ۋە ئىجرائىيە رەئىسلىرىگە، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ باشقۇرۇش مۇدىرىيەتلىرىگە، ۋە بارلىق پۇخراۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە خەت يازدىم. ئالدى بىلەن، «ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئائىت» پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى سەگەك بولۇشقا ئۈندىدىم، چۈنكى مەن نەچچە قېتىم ئاممىۋى شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى بولغان، ھەم پۇردىيۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغانمەن. ئەسلىدە بۇ ھەقتە بىلمەيتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قىلىدىغان ئىش باشقىلارغا بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى بىلدۈرۈش، ئىككىنچى قىلىدىغان ئىش، بۇنىڭغا قارىتا بىر ھەرىكەت قوللىنىش. مەن ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشىنى، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى بولۇشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىدىن مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى سورىدىم.

ئالىم: شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە سىز ئەينى چاغدا يەنى سىز مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىغىڭىزدا ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىگە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق بىلەن چېتىشلىق بولۇپ قىلىشنىڭ خەتىرى ھەققىدە تىجارەت مەسلىھەت ئۇقتۇرۇشى تارقاتقىنىڭىزنى ئۈنۈملۈك بولدى دەپ قارامسىز؟

كراك ئەپەندى: مەن ئۇ ئۇقتۇرۇشنى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى ئويغاتتى دەپ ئويلايمەن، مەن بۇ مەسىلىنى يورۇتقاندا ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يانتاياق بولماسلىقىغا قارىتا بىزگە ئىشەنچ بېرىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئەخلاقى بۇرچى بارلىقى نۇقتىسىدىن ئىزاھلىدىم. قىزىق بولغان ئىش شۇكى مەن ئاپرېلدا «بايلىق» ژۇرنىلىغا ماقالە يازغىنىمدا، كېلەركى قېتىمقى مۇدىرىيەت يىغىنىغىچە خىتايغا ئالاقىدار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنىمۇ يېزىپ چىقىش كېرەك دېدىم. ھازىر قارايدىغان بولسام، ئامېرىكادىكى مەشھۇر شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرىدىن تارتىپ ياۋروپانىڭ سىرتىدىكى ۋە ياپونىيەدىكى شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرىمۇ خىتايغا ئالاقىدار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈۋېتىپتۇ. چۈنكى ئۇلار خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاقانلىقىنى ھەم خۇسۇسى ئىگىلىكنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قىلىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكىنى ۋە توقۇنۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۆردى. شۇڭا ئۇلار پىلان تۈزۈۋاتىدۇ. بۇ شىركەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى رۇسىيەنىڭ قانلىق ھەم سەۋەبسىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى تۈپەيلى رۇسىيەدىن يېنىپ چىقىپ نەچچە يۈز مىليارد دوللارنى يوقىتىپ قويغان كەچمىشنى بېشىدىن كەچۈردى. شۇڭا ئۇلار بۇنداق ئىشنىڭ تەكرارلىنىشىنى خالىمايدۇ. بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن شىركەتلەر چېگراسىنى ئايرىۋاتىدۇ، لېكىن بىز ماڭىدىغان يول تېخى ئۇزۇن.

ئالىم: رەھمەت. دۇنيا ئىقتىسادى مۇنبىرى يىغىنىغا خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خېنى ئەۋەتتى. ئۇ ئاساسلىقى سۆزىدە غەربنىڭ سوغۇق ئۇرۇش ئىدىيەسىنى تاشلىشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ خەزىنە مىنىستىرى جەننىت يەللېن بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئ‍ۆتكۈزۈپ ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرىلەشتى، ۋە ھەتتا ئۇنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ۋول كوچىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن كۆپ ھاياجانلىنىپ كېتىشتى، نۇرغۇن شىركەتلەر خىتاينىڭ ئۈچ قامالدا تۇرغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلار بىز خىتايغا بارالايمىز، ئۇلار ئامېرىكاغا مەبلەغ سالىدۇ، بىزمۇ خىتايغا مەبلەغ سالالايمىز. ئەمدى ئىشلار بۇرۇنقىدەك ئىزىغا چۈشىدىغان بولدى دەپ قاراۋاتقاندەك قىلىشىدۇ. يەنى بۇ نۇقتىدا ئۇلار بەك ھاياجانلىنىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. سىز بۇلارنىڭ ھاياجانلىنىشىنى قانداق چۈشىنىسىز؟ يەنى بولۇپمۇ خىتاي داۋاملىق ئىرقى قىرغىنچىلىق ئۆتكۈزۈۋاتقان، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدا يۈرگۈزگەن كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى تۈپەيلى يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق تراگېدىيەلەردەك پاكىتلار تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتايغا بېرىشنى خالىشى ۋە مەبلەغ سالماقچى بولۇۋاتقانلىقلىرى سىزنىڭچە نورمالمۇ؟

كراك ئەپەندى: سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نۇقتا ھەقىقەتەن قالتىس. بىز قىلىۋاتقان چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى خىتاي ھەققىدە ئوچۇق-يورۇق بولۇشنىڭ نۇرىنى يورۇتۇش، ئۆز نۆۋىتىدە، بىز ئۆزىمىزنىڭمۇ ئوچۇق ئاشكارىلىقنىڭ نۇرىنى ئۆزىمىزگىمۇ يورۇتۇشىمىز كېرەك.

سىز مەن يىگىرمە يىلدىن بىرى مەن قاتنىشىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنى تىلغا ئالدىڭىز، ئېسىمدە قىلىشىچە 1999-يىلى مەن ئۇلارنىڭ تېخنىكىدا ئاۋانگارت مۇكاپاتىنىمۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداقراق بىر نەرسىگە ئېرىشكەن. بۇنى ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇتۇپ يىغىلىدىغان سورۇنى دەپ قارىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن ئۆ‍تكەن يىلىدىكى يازمىنى يىزىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ تور بېتىنىڭ ئالدى-كەينىگە قاراپ چىقتىم. ئۇ بىر مۇرەككەپ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور بېكىتى ئىكەنۇ ئەمما ھېچيەردە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياكى ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئائىت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىنى تاپالمىدىم. دېمەك بۇ، ئۇلارنىڭ زىددىيەتلىك ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى چۈشەندۈرىدۇ.

خىتاينىڭ تاكتىكىسى پۇل بىلەن ئىندەككە كەلتۈرۈپ قورقۇتۇش ۋە ئۆچ ئىلىش بىلەن مەقسىتىگە يىتىش. مۇشۇنداق بىر مەشھۇر مۇنبەردە ھەركىم كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلىسە، ئۇلار ئاللىقاچان سېسىپ بولغان تۇرسا، ئۇلار سۆزلەمدۇ؟ بۇ بىر خىل ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر. سىز ۋول كوچىسىنى تىلغا ئالدىڭىز، بىز يېقىندىلا ئى س ج شىركىتى ۋە كۈنتاختىسىنى تۇتقا قىلىپ ئۆرنەكلىك تەتقىقات ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق كۈن تاختا تىجارىتىنىڭ 90% تىنىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ چەكلىمىسىز كۆمۈر ئېنېرگىيە زاۋۇدى ۋە ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى ئارقىلىق شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىغى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنى تاماملىدۇق. ئۇ ئۆرنەكلىك تەتقىقاتتا بىز دىققەت قىلغان مەسىلە خىتاينىڭ نازارەت دۆلىتىگە ئايلىنىشى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئۆتكۈزۈشىنى مۈمكىنچىلىككە ئىگە قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىغىدۇر. شۇڭا بىز ئاشۇنداق شىركەتلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاشتا ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىۋاتىمىز، نەتىجىدە كىشىلەر كەينىگە داجىۋاتىدۇ. يەنى ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ نەق پۇل يىغىشىغا تەسىر قىلىش. بۇ بىر جەمئىيەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت. مىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنى باشقۇرۇش مۇدىرىيىتىگە يازغان خەتلىرىم «ئاسىنا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا ياش ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بوپتۇ. ئۇلار نەچچە يىللار ئىلگىرى جەنۇبى ئافرىقىدا يۈز بەرگەن ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە پەيدا بولغان «مەبلەغنى چېكىندۈرۈش» مودېلى بويىچە ئىش تۇتۇپ خىتايدىن مەبلەغنى چېكىندۈرۈپ چىقىش ھەرىكىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ باشلىغۇچىلىرى ياش جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە ياش دېموكراتلارنىڭ باشلىرىدۇر. ئۇلار جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ ئىشنى پۈتتۈردى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس ئانجىلىس شۆبىسىدە، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانات يايماقتا، مانا بۇلار تەسىرى بار ئەمەلىي ئىشلاردۇر.

ئالىم: نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئالتە يىلنىڭ ئىچىدە ئاخىرلاشقان. لېكىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ قاباھەتنىڭ ئاخىرى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. ئۇلار بولۇپمۇ دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇنىڭ قانچە ئۇزۇن داۋاملىشىدىغىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلىشالمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تۇتۇلۇپ كەتتى، غايىب قىلىۋېتىلدى، ياكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈپ كېتىشتى، بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئۈمىدنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار رېئالىي ياشايدۇ. شۇڭا سىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك دەپ قارايسىز؟ ئەلۋەتتە، بۇ قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى، زادى سىزنىڭچە ئۇلار نېمە قىلىشى كېرەك؟

كراك ئەپەندى: مېنىڭچە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ بەش ج تېخنىكىسىنى كونترول قىلىشتەك چوڭ پىلانىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ساغلام تورىنى قۇرۇپ چىققانغا ئوخشاش مەۋقەيىمىز ئوخشاش دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى، خىتاي ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سادا چىقارماقتا. قاراڭ، چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە فىرانسىيە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى جازالىنىشقا تېگىشلىك ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلاش ئارقىلىق بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان مەيدانىمىزغا ماسلاشتى. مانا بۇ تۇنجى قەدەمدۇر. يەنە باشقا بىر ۋاسىتە بولسا خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى بايلىقىمىز ۋە ئىجادچانلىقىمىزدۇر. بۇ ھەقتە پەيدا بولۇۋاتقان بىسىم ئېغىر بولۇپ بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلەتكەن شىركەتلەرگە داۋاملىق بىسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، چۈنكى بۇ شىركەتلەر ئۈچۈن ھەم قانۇنى ھەم يۈز-ئابروينى تۆكۈۋېلىش جەھەتتە خەتەر باردۇر. شۇڭا سودا-تىجارەت ساھەسى ئاچقۇچلۇق نۇقتا. ئۇنىڭدىن سىرت ئالىي مەكتەپلەرمۇ ھەقىقەتەن مۇھىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەبلەغ فوندلىرى ھەقىقەتەن زور بولۇپ ئۇلار ئ‍ىلىم ساھەسىدىكى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقى ئۈچۈن ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ بىسىم قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ جەھەتتە يىغىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى» جەھەتتە چوڭ قەدەم تاشلاشقا باشلىدى. مىنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئۆگەنگىنىم شۇ بولدىكى بۇ لايىھەلەر ماقۇللىنىپ بولغاندىن كىيىن قالدى ئىش پەقەت ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھەر بىر پۇقرا بۇ قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بېسىملارنى قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

ئالىم: ۋاقتىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت كراك ئەپەندى.

كراك ئەپەندى: تەشەككۈر سىزگىمۇ، ھەقىقەتەن مەمنۇن بولدۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.