كېللېي كۇررىي: تەنقىدلەر ۋە كۆڭۈل بۆلۈشلەر خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكۈزگەن قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا يېتەرلىك ئەمەس

0:00 / 0:00

مۇخبىر: باش ئەلچى كۇررىي، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. سىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدىكى مۇتەخەسىسلىكىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ سىزدىن بىر نەچچە سوئال سورىغۇم بار. بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ دىپلوماتىك خىزمەتلەر ۋە تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرىگە، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەردە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرىگە قانداق قارايسىز؟

باش ئەلچى كېللېي كۇررىي: مىنىڭ ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم، بېيجىڭنىڭ قىلمىشلىرى تېخى يېتەرلىك تەسىر كۆرسەتمىدى. دېمەكچى بولغىنىم، خىتاينىڭ ‍ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ دائىرىسى ۋە ۋەزنىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ھەم ئۇنىڭ باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يەنى خوڭكوڭ ۋە تىبەتتىكى قىلغانلىرى، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى، كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىدىكى نۇرغۇن پرىنسىپلارنى بىلىپ تۇرۇپ دەپسەندە قىلىشلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا ھەمدە خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى ئىچىدە ئۇچرىغان پەرقلىق مۇئامىلىسى ۋە ئۇ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىمىز دېگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەم مەلۇم دەرىجىدە ھۆرمەتلىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش دەپ قارايمەن. مېنىڭچە ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى. يەنى مەن خىتايغا قارىتا شۈبھىلىنىشنى كۆردۈم، ئېنىقكى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ بەزى ئىتتىپاقداشلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق رامكىسى ئىچىدە پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان دۆلەتلەر خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ گۇمانى پوزىتسىيە تۇتۇشقا يۈزلەندى ھەمدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ سۆزلەيدىغان بولدى. لېكىن بۇ يەردىكى تەنقىدلەر ۋە كۆڭۈل بۆلۈشلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋە پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكۈزگەن قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىرلىقىغا سېلىشتۇرغاندا يېتەرلىك ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.

مۇخبىر: بېيجىڭنىڭ دۇنيانى ھاكىممۇتلەقلىققە بۇرايدىغان كۆپ قىرلىق ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرەلەمسىز؟ ھەم خىتاي قانداق قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتلەردىكى دېموكراتىك ئىدارە قىلىش پرىنسىپلىرىنىڭ ھۈلىنى قېزىشنى ئىستەۋاتىدۇ؟

باش ئەلچى كېللېي كۇررىي: شى جىنپىڭنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا يېقىنلىشىشنىڭ ۋاسىتىسى بولغان ھەم ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا سۆزلىگەن ئاتالمىش «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرى» ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىدە ئېيتىلغاندەك، خىتاي، ھازىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تىكلەنگەن بۇ ئورگانلارنىڭ ۋە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان خۇسۇسىيلار دائىرىسىدە شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىنى دۆلەتلەر تارتىۋالالمايدىغان كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلغان ئەندىزىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سۇسلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان. دۆلەت، شەخسلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى مۇبادا پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بەرسە مەلۇم مەزگىل توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ، ھېچقاچان ‍ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇنى دۆلەت ئۆزى خالىغانچە تارتىۋالالمايدۇ ھەم قايتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ. خىتاي دەل ئاشۇ مەزمۇننى كىشىلىك ھوقۇق مۇنارىدىن پۈتۈنلەي غۇلىتىۋېتىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار يەنە خەلقئارا جەمئىيەت ئۆتكەن ئەللىك يىل ئىچىدە قوبۇل قىلغان، جامائەتنىڭ ھەسسە قوشۇشىغا تايىنىدىغان، شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا مەركەزلەشكەن، مەيلى ئەمگەك ھوقۇقى بولسۇن ياكى مۇھىت ھوقۇقى بولسۇن، شەخسلەرنىڭ مەزكۇر ھوقۇقلىرى قوغدىلىدىغان ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان تەرەققىياتنىڭ يولىنى ھەم ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ.

ئۇلار سودا ئارقىلىق بېيىش ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا شەرت قويۇشىدۇ. ئامېرىكا ھەر دائىم مەسئۇلىيەتچان بولۇپ كەلدى، چۈنكى، بىزنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىمىز شىركەتلەرنىڭ چەتئەللەرگە بېرىپ ھېچقانداق ئاقىۋىتى بولمىغان شەكىلدە ئۆزى بىلگەن ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويمايدۇ. ناۋادا ئۇلار ناچار قىلمىشلارنى سادىر قىلسا ئۆزى تىجارەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىلا ئەمەس بىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ ھەم ھازىرمۇ شۇنداق. ئەكسىچە خىتاي شىركەتلىرى چەتئەللەرگە بېرىپ ناچار ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا، مەيلى ئۇ ئەمگەك توختامىغا رىئايە قىلماسلىق بولسۇن ياكى مۇھىتنى بۇزۇش بولسۇن ۋە ياكى پارە بېرىپ چىرىتىش بولسۇن، ئۇلار خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىدە بەدەل تۆلەشنىڭ ئورنىغا بەلكى پارتىيە-ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. شۇڭا سىزنىڭ بۇ يەردە كۆرۈۋاتقىنىڭىز مۇئەييەن قېلىپلاشقان رامكىنىڭ ئورنىنى لېنىنىست، كوممۇنىست ھەم ھاكىممۇتلەق سىياسىي تۈزۈمدىن كېلىپ چىققان باشقىچە بىر قېلىپلاشقان رامكا بىلەن ئىگىلەش ئۇرۇنۇشىدۇر. مەسىلەن سىز خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ يېڭى تەشەببۇسلىرى بولغان يەرشارى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارى مەدەنىيەت تەشەببۇسىغا قارايدىغان بولسىڭىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى ئەمەسلىكىنى، مەدەنىيەت تەشەببۇسىنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇ ئۈچ چوڭ سىياسىي ھۆججەتلەر ۋە بايانلارنى خىتاي پارتىيە ھۆكۈمىتى ۋە شى جىنپىڭ ‍ئۆزى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرى ئىدىيەسىنى قوللاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشقان. بۇلار خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەق سىياسىي تۈزۈمىگە تېخىمۇ پايدىلىق ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىخەتەر بولغان خەلقئارالىق سىياسىي تۈزۈمنى بەرپا قىلىشتا قوللىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك، يەرشارى خاراكتېرلىك، ئىنتايىن كۈچلۈك خىرىسقا تولغان تەشەببۇسلىرىنى ئەقلى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك رامكا بىلەن تەمىنلەيدىغان مەزمۇنلاردۇر.

مۇخبىر: خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تۇتقان مۇئامىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغانلىرىغا قارىتا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى قايسى خىل ئۇسۇل ۋە ھەرىكەتلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈر دەپ قارايسىز؟

باش ئەلچى كېللېي كۇررىي: ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىز ئىشىنىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئىشەنچ باغلىشىمىز كېرەك، ئاندىن قالسا ئۆتكەن 75 يىل ۋاقىت ئىچىدە بىز قۇرۇپ چىققان ئورگانلار ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن قىممەت قاراش ۋە نىزاملارنى قوغداش ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بىزنىڭ تاشقى دۇنيادا تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلىرىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك، يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقلىرى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەكنى قالدۇرۇۋېتىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. بۇ جەھەتتە مەن ئامېرىكانى يېتەكچى رولنى ئويناپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. لېكىن ياۋروپالىقلارمۇ بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى كېرەك. مېنىڭچە يەنە، بىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا تەدبىر ئىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغانلىقىنى بايقىغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغىنىدا، بىز دىپلوماتىك كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۇ دوكلاتقا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشىمىز، ھەرگىزمۇ شەكلەن تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ قويۇپ، ھەقىقىي مەنىدە ئەستايىدىل بولمىغان مۇئامىلىنى تۇتماسلىقىمىز ۋە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلگەندە دەل مۇشۇ ئىش يۈز بەردى، شۇڭا ئىتتىپاقداشلارنى تەشكىللىگەن چېغىمىزدا، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكەن چاغلىرىمىزدا بىز تېخىمۇ ئىجادى ھەم چېچەن بولۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، مېنىڭچە بىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە خىتاينىڭ قۇل ئەمگىكىنى ئىشلىتىش قابىلىيىتى، ئۇلارنىڭ ئۆز شىركەتلىرىنى بازارنىڭ ئىنتىزاملىرىغا ئىنكاس قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارغا زورلايدىغانلىقى، بۇ قىلمىشلارنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ھەممىدىن مۇھىمى ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا زىيان ئەكېلىدىغانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك كۆرسەتمە بېرەلمىدۇق. شۇنداقلا يەنە ئۇلارغا بېيجىڭدىن ۋە ئۇلارنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول تۈرى» ھەم خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى يەنى خىتاي كومپارتىيەسىدىن كەلگەن باشقا ھەرقانداق ياردەمنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرەلمىدۇق. چۈنكى، خىتاي بۇ دۆلەتلەرنى باھا جەھەتتە، كۆلەم جەھەتتە سۇندۇرۇپ تاشلايدۇ-دە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ‍ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ نۇقتىلارنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يورۇتۇپ بېرىشىمىز ھەم يېتەرلىك بولمىدى.

مۇخبىر: بۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.

باش ئەلچى كېللېي كۇررىي: خۇشاللىق بىلەن.