8-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقادىن تەشكىل تاپقان «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، 23-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تېزلىتىشكە چاقىرغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ مەزكۇر يىغىندا: «بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ‹كېسەك دۆلەتلەر› ئائىلىسىگە قېتىپ، ئورتاق ئەقىل ۋە كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە ياخشى ۋەزىيەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم» دېگەن. ھىندىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ پىكىرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، 24-ئاۋغۇست كۈنى داۋاملاشقان يىغىندا، ئارگېنتىنا، مىسىر، ئېفىيوپىيە، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 6 دۆلەت يېڭىدىن ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى 2024-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
يېڭىدىن ئەزا قىلىنغان بۇ دۆلەتلەر «كېسەك دۆلەتلەر» نىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بولغان خىتاي ۋە رۇسىيەگە يېقىن دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ب د ت دا مۇزاكىرە قىلىنغاندا، ھەممىسى دېگۈدەك خىتاينى قوللاش تەرىپىدە تۇرغانىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» نى كېڭەيتىشكە كۈچەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ غەرىزى ئەمەلگە ئاشسا، دۇنيانىڭ 40 پىرسەنت نوپۇسىنى، يەر شارى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 4 تىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنياغا كۈچ كۆرسىتەلەيدىكەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىغىنىدا يەنە، «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» نىڭ بىرلىشىپ، سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭغا قوشۇلغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە بۇ گۇرۇھقا يېڭىدىن ئەزا بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن پايدىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئامېرىكا ھازىر يېتەكچى ئورۇندا، چۈنكى ئامېرىكانىڭ ئەڭ تېز، ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزەك (چىپ) لىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بار. لېكىن بۇ، باشقا دۆلەتلەر سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ ئامېرىكانىڭ ئىلغار مىكرو ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىدۇ. خىتاي چوقۇم بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىلغار مىكرو ئۆزەكلەردىن پايدىلىنىپ، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ناھايىتى كۆپ مىكرو ئۆزەك سېتىۋالدى، خىتايلار چوقۇم ئۇلارنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىدا خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت. ئۇنى توسۇشنىڭ بىر ئامالى شۇكى، ئامېرىكا ‹كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى› غا ئەزا ھەر قانداق دۆلەتكە مىكرو ئۆزەك سېتىپ بېرىشنى چەكلىشى كېرەك» .
24-ئاۋغۇست كۈنى، «ئامېرىكا ئاۋازى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «‹كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى› دۇنيا تەرتىپىنى يېڭىلاشنى تېزلىتىش ئۈچۈن 6 يېڭى دۆلەتنى ئەزا قىلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» نىڭ يېڭىدىن ئەزا كۆپەيتىشى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي ۋە خېلى چوڭ ئىقتىسادى كۈچكە ئىگە بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ ئىقتىسادىغا ھاكىم بولۇش غەرىزىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
بولۇپمۇ، ئىراننىڭ بۇ «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» غا قېتىلىشى خىتاي، رۇسىيە، ئىراننىڭ غەرب دۇنياسىغا قارشى كۈچ بىرلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن بولسا، «نېفىت شاھى» سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قېتىلىشى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىن يىراقلىشىپ خىتايغا يېقىنلىشىشىغا ۋە چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدا خەلقئارا سەھنىلەردە كۈچ كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.
ناھايىتى روشەنكى «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىدىن تەشكىللەنگەن «7 دۆلەت گۇرۇھى» غا قارشى يېڭى كۈچ ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا خىرىس قىلىشقا باشلىغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورى، سىياسىي ئانالىزچى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» نى كېڭەيتىشكە كۈچەشتىكى مەقسىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى سەپ ھازىرلاش، خىتاينى ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.
خىتاينىڭ 10 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ۋە بۇ قېتىم «كېسەك دۆلەتلەر» گۇرۇھى» نى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىشى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈش، ھەتتا ئۇلارغا دۈشمەن بولۇش يولىنى تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئاندىن خىتاينىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان.
مەزكۇر گۇرۇھنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى، جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى كىرىل رامافوسا يىغىندىكى باياناتىغا قارىغاندا، ھازىر 40 نەچچە دۆلەت «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» غا قېتىلىشقا قىزىقىۋېتىپتۇ، 22 دۆلەت ئۇنىڭغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنۇپتۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر ئۆز پۇلىنى ۋە پۇل تۆلەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى خالايدىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر گۇرۇھقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا مەسئۇللىرى كېلەر قېتىملىق يىغىنغىچە بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات تەييارلايدىكەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن قۇرۇلغان «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» نىڭ بارلىققا كېلىش سەۋەبىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىقتىساد چەمبىرى ھاسىل قىلىش، ئۆز پۇللىرىنى ئىناۋەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنياۋى نوپۇزىنى ئاجىزلىتىش ئىكەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» نىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت ئىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەسىلە شۇكى، ‹كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى› ئەزلىرىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى مەۋجۇت. بىز بۇنىڭدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئەڭ باشتا ئەزا بولغان بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي پىلانى بويىچە ئەمەس، ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى Goldman Sachs نىڭ تىجارەت پىلانى ئاساسىدا ھەمكارلاشقان. 2010-يىل بۇنىڭغا جەنۇبىي ئافرىقا قېتىلدى. بۇ ئايدا قېتىلغان 6 دۆلەت ئورتاق مەنپەئەتى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان بۇ گۇرۇھنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىدۇ. ‹7 دۆلەت گۇرۇھى› غا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىمۇ ئانچە ئۈنۈملۈك ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ئورتاق تەرەپلىرى كۆپ بولغاچقا، ھەقىقەتەن تەسىر كۈچكە ئىگە» .
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇلىنى «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» نىڭ كوزىر پۇلى قىلىپ، خەلقئارادا دوللارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنغان تەقدىردىمۇ، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان، خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىمالىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن. گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى چېكىنىۋاتىدۇ، قايتا گۈللىنىشتىن ئۈمىد يوق دېيەرلىك. شى جىنپىڭ ‹كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى› ئورتاق قوللىنىدىغان يېڭى پۇل تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئاقمايدۇ، ئۇ پۇلنى ئالتۇنغا باغلىغان تەقدىردىمۇ ئاقمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ دوللارنى بېسىپ چۈشۈشى ناتايىن، خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇنىڭغا قادىر بولالمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى پەيدا قىلغان خىرىسقا تاقابىل تۇرالمايدۇ» .
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر دۆلەتنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتى شۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى، تۈزۈمىدىكى مۇكەممەللىكى، كۈچلۈك ئىقتىسادى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا باغلىق بولىدىكەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ خەلقئارادا يۈزى قانچە تۆكۈلسە، ئىقتىسادى قانچە چۆكسە، ئۇنىڭ پۇلىمۇ شۇنچە پاخاللىشىدىكەن. بۇ ئەھۋالدا خىتاي پۇلىنى خەلقئارا پۇلغا ئايلاندۇرۇش پەقەت شى جىنپىڭنىڭ خام خىيالى بولۇپ قالىۋېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي پۇلىدىكى مەسىلە شۇكى، ھېچكىم خىتايغا ئىشەنمەيدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەر ئامېرىكاغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا دوللارنى ئىشلىتىدۇ. دوللارغا ئىشەنمەيدىغانلار پەقەت خىتاي بىلەن رۇسىيە؛ بىرسى ئۆز دۆلىتىدىكى خەلققە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى، يەنە بىرسى باشقا دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلدى. ئامېرىكا ئۇلارنى دوللارنىڭ كۈچى بىلەن جازالىدى. شۇڭا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۆز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى يۇتۇۋېلىش غەرىزىدە ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ. خىتاي پۇلى بىلەن رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ قىممىتى دوللاردىن كۆپ تۆۋەن، شۇڭا كىشىلەر دوللارغا ئېھتىياجلىق. ئۇلار دوللار ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىن يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالالايدۇ. تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئېقىۋاتقان ياۋرو، ياپونىيە يېنى ياكى ئەنگلىيە فوند ستېرلىڭى قاتارلىقلارمۇ باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» ھەر قانچە كېڭەيسىمۇ، ئورتاق ئىدىيەسى، ئورتاق خەۋپسىزلىك نىشانى يوق، پەقەت ئىقتىساد مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر ئىتتىپاق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى دۆلەتلەر يەنىلا ئامېرىكادىن ئايرىلىشنى خالىمايدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، «كېسەك دۆلەتلەر گۇرۇھى» ئەمەلىيەتتە ئۇلى بوش، ئەمەلىي كۈچىدىن بەكرەك سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى چوڭ بولغان، مەنپەئەتتە كېلىشەلمىسە پارچىلىنىش خەۋپى بولغان دۆلەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «7 دۆلەت گۇرۇھى» دەك كۈچلۈك گۇرۇھ بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كېلىش ئېھتىمالى تۆۋەن ئىكەن.