قۇرۇلغۇسى قەشقەر ۋە ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بولالامدۇ؟

0:00 / 0:00


ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇش ئىشىنىڭ نۆۋەتتە جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تەڭرىتاغ تورى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قەشقەر بىلەن ئىلى رايونىدا ئۇنىۋېرسىتېت تەسىس قىلىش پىلانى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئەسلىدە قەشقەردە قۇرۇلغۇسى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ھازىرقى قەشقەر پېداگىگىكا ئىنىستىتۇتى ئاساسىدا كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانلانغان. ھالبۇكى، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلغۇسى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رايونىنى ئەسلىدىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنىغا ئەمەس، بەلكى قەشقەر شەرقىي يېڭى شەھەر رايونىغا بېكىتكەن. ئەسلىدە ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورنىغا كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانلانغان ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رايونى بولسا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىگە بېكىتىلگەن.

بۇ ئەھۋال ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلارنى، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن بىلىم ئادەملىرىدە مەلۇم ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ئۇلار بىردەك قۇرۇلغۇسى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، خىتاي ئاھالىلىرى جىددىي كۆپىيىۋاتقان يېڭى ئېچىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشى يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. ئىلگىرى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەنە شۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپى ۋە يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپ غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنى بازا قىلىپ راۋاجلانغانلىقىنى، 20 - ئەسىردىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭمۇ بۇ ئىككى شەھەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ ئىككى شەھەردە بىرمۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى تەسىس قىلماسلىقى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ يوقىرىقى ئالاھىدە ئامىللارنى كۆزدە تۇتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتاي ئاھالىلىرى نۇقتىلىق ئولتۇراقلاشقان ئۈرۈمچى، سانجى ۋە شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلىشىشى قەشقەر، غۇلجا، تۇرپان ۋە خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئوچاقلىرىنى ئالىي مائارىپ مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ پىكرىمۇ بۇ نۇقتىنى تەستىقلايدۇ.

ئىلشات ھەسەن ئاخىرىدا قۇرۇلغۇسى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتى گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە سىياسىي ئىستراتېگىيىسى بىلەن پىلانلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ئاساسلىق يەرلىك خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئالىي مائارىپنىڭ ئېقىمى بىلەن ئۇچرىشالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە قەشقەر بىلەن غۇلجا ئەزەلدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرى بولۇپ كەلگەچكە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يەردە قۇرۇلغۇسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئەڭ زور ر تىرىشچانلىق بىلەن پايدىلىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.