ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: ئۇيغۇرلار كىمنىڭ تېررورچى، كىمنىڭ مىللىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدۇ

0:00 / 0:00

سېرىقبۇيا ۋەقەسى بىر قانچە كۈندىن بۇيان چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا مۇنازىرە قوزغاپلا قالماي، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك بەس - مۇنازىرىلەرگە سەۋەبچى بولۇپ كەلدى.

ئوخشاشلا خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرىمۇ بۇ ۋەقەنىڭ سەلبىي تەسىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى جەڭگە سەپەرۋەر قىلماقتا.

تەڭرىتاغ تورى 2 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان «رەھىمسىز زوراۋانلىق، قانلىق قەرز» ناملىق ئوبزوردا، ئېغىر ئەنسىزلىككە پاتقان سېرىقبۇيا رايونى ۋەزىيىتىنىڭ بارا - بارا ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئۈندەۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئوبزوردىن مەلۇم بولۇشىچە، زوراۋانلار - تېررورچىلار شايكىسى دەپ ئاتالغان بۇ گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى بىلەن خىتاي ساقچى، ئەسكەرلىرى ئارىسىدا 28 - ئاپرىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. ئوبزوردا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «29 - ئاپرېل ساقچى تارماقلىرى بەش كېچە - كۈندۈز تىرىشىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق 23 - ئاپرېل ئېغىر زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق جىنايىتى دېلوسىنى پاش قىلىپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق شايكىسىنىڭ 25 ئەزاسىنى پۈتۈنلەي تۇتۇپ، پارتلىتىش قۇرۇلمىسىدىن 20نى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى» دېيىلگەن. ئوبزوردا يەنە، 28 - ئاپرېل، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ساقچى خېلىل جېلىل بىلەن ئەخمەت ئوبۇلنىڭ يارىلىنىپ، مارالبېشى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 29 - ئاپرىل كۈنى قەشقەردە سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە ئۆلگەن 15 ھۆكۈمەت خادىمىغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى «ئىنقىلابى قۇربان» دەپ ئاتاپ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆگىنىش ئۆلگىسى قىلماقچى بولدى شۇنداقلا ۋەقەدە ئۆلگەن ئالتە نەپەر ئۇيغۇرنى تېررورچى ئاتاپ قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، زادى كىمنىڭ تېررورچى، كىمنىڭ ئىنقىلابى قۇربان بولىدىغانلىق مەسىلىسىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىكىر ئىختىلابى مەۋجۇت.

«رەھىمسىز زوراۋانلىق، قانلىق قەرز» ناملىق ئوبزوردا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار، خەلققە ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي كۈچلەر سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىپ مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: «كىشىنىڭ تېنى شۈركىنىدىغان ئاشۇ كۈننى ئەسلىگىنىمىزدە، ئىچىمىزدىكى غەزەپ - نەپرەتنى باسالماي قالىمىز. زوراۋانلار قىڭراق ۋە پالتا بىلەن قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق، مەھەللىنىڭ ئۈچ ئايال كادىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈۋەتتى، بۇ تېررورلۇق بولماي نېمە؟ توققۇز كىشىنى بىر ئۆيگە سولاپ، بېنزىن چېچىپ تىرىكلا كۆيدۈرۈۋەتتى، بۇ تېررورلۇق بولماي نېمە؟ كوچىغا چىقىپ پىكاپ ۋە ساقچى ئىشخانىسىنى چاقتى، بۇ تېررورلۇق بولماي نېمە؟ ساقچىخانىنىڭ ئارخىپ ئىشخانىسى ۋە ساقچىلار ياتىقىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى، بۇ تېررورلۇق بولماي نېمە؟»

ھالبۇكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرى تېررورچى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنى مىللىي قەھرىمان دەپ ئاتىماقتا. 1 - ماي كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇر جامائىتى جەم بولغان سورۇندا سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە قۇربان بولغان پىدائىيلار «شېھىتلار» دەپ تەرىپلەندى ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئالار قىلىندى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ميۇنخېن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىمامى تۇرغۇنجان ئالاۋىدۇنھاجىم سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئالتە نەپەر ئۇيغۇرغا نىسپەتەن خەلقنىڭ باھاسى بىلەن خىتاينىڭ باھاسى ئارىسىدا مۇتلەق پەرق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش نەيرىڭىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى»دە 2 - ماي كۈنى يەنە «سېرىقبۇيىلىقلار زوراۋانلىققا ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ» ناملىق بىر باشماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلار، تېررورچىلار دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مەھەللە كادىرلىرىدىن 43 ياشلىق ھۆرىگۈل مەمەت، 29 ياشلىق گۈلبانۇم تۇرسۇن ۋە 24 ياشلىق مېھرىگۈل يۈسۈپلەر مەدھىيىلەنگەن. ئەمما خىتاي مەدھىيىلىگەن بۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم «تاجاۋۇزچى كۈچلەرنىڭ مالايلىرى» دەپ ئاتاپ، ئۇلارغا ئاللاھتىن دوزاق ئازابى تىلىدى. ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسى تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىپ دوست بىلەن دۈشمەن چۈشەنچىسىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا تېرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىنى تونۇيدىغان دەۋىرگە قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.