«دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ «ئاسىياچە نۇسخىسى» دەپ قارىلىدىغان «باڭكوك خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىسىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ خىتابنامىلەرگە ئىمزا قويغانلىقىغا 30 يىل بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئىمزا قويغان بۇ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە قايسى دەرىجىدە ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 19-فېۋرال كۈنى مەخسۇس بىر كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئىككى باسقۇچقا ئايرىلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۆلىمى، بۇنىڭ سەلبىي تەسىرى ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن نازارەت مېخانىزمىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدە قانداق رول ئويناۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا ئالدى بىلەن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى جەك دېلى سۆز ئالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دىن باشلاپ ماكاۋ، خوڭكوڭ قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئالغان مەزگىللەرگىچە ھەمدە شۇنىڭدىن بۇيانقى ئون نەچچە يىللىق ئەمەلىيىتىدە ئىزچىل ئۆزلىرى ئىمزا قويغان ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى ھۆججەتلەرگە خىلاپ ئىش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن «غەربچە قىممەت قارىشى» دەپ قارىغانلىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ، جۈملىدىن ئىنسان ھەقلىرىگە ياتىدىغان كۆپلىگەن ھادىسىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي تەدبىرلەر بىلەن سىغىشالمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، باستۇرۇش يولىنى تۇتقانلىقىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىپادىسى قاتارىدا كۆپلىگەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاماق ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا يۈكسەك ئاپتونومىيە ۋەدە قىلىنغان خوڭكوڭ رايونىدا ھازىر ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاپتونومىيە بېرىلگەن ئۇيغۇرلار دىيارىدا بولسا ھازىر غايەت زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ئەۋج ئېلىپ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» نى پەش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى، خىتاي قانۇن ئىشلىرى بويىچە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان نوپۇزلۇق شەخس جېررىي كوخېن ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» نامىدا بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەرنى ۋە قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغىنىدىن بۇيان 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلگە نەزەر سالغاندا بۇ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» نىڭ زادى كىملەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ بىر قاتار يېڭى قانۇن ۋە نىزاملار ماھىيەتتە خىتايدىكى ئەمگەكچى خەلق ئۈچۈن ئەمەس، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەتكە ياقمىغان ھەرقانداق «غەيرىي پىكىر ساھىبى» قانۇنىي تەرتىپلەرگە خىلاپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىش داۋام قىلىپ كەلگەن. جۈملىدىن ئۇنىڭ ھازىرقى يېقىن دوستلىرىدىن بىرى بولغان قانۇنشۇناس تېڭ بياۋ ئەنە شۇنداق تۇتقۇن ئوبيېكتىنىڭ بىرى بولغان. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىمۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاشكارىلىغىنى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنغان. بۇ خىلدىكى ئەھۋال ھازىر خىتايدا بەكمۇ ئومۇملاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆپلىگەن ھادىسىلەرنىڭ دەل ئەكسى ھازىرقى خىتاي جەمئىيىتىدە مەۋجۇت. يەنە كېلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نوپۇزى قانۇننىڭ نوپۇزىدىن جىق ئۈستۈن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى پۇقراۋى جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمەتنى ياكى دۆلەتنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارى يوق. ئەكسىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن بولغان نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق ئادەمنى ئۆزلىرى خالىغان مۆھلەتكىچە قاماققا ئالالايدۇ.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىممۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆزلىرى ئىگىلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئاساسەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئەڭ زور ئىپادىلىرىنىڭ بىرى پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. سوفىنىڭ پىكرىچە، خىتايدىكى مىڭلىغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاغزىدىن چىقارغىنى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان بولسا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاغزىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى ھېچقانداق سۆز چىقمىغان تۇرۇقلۇقمۇ قاماققا ئېلىنغان، بۇ خىل ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «قانۇنغا خىلاپ» ھالدا بوزەك قىلىنىشى خىتاي تەۋەسىدىن ھالقىپ ھازىر ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق سورۇنلارغا كېڭەيمەكتە ئىكەن، جۈملىدىن ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ چەتئەللەردىكى ۋەكىللىرىدىن بولغان دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىشتەك قانۇنلۇق ھەقلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چاڭگال سېلىشى بىلەن قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىشى بۇنىڭ بىر تىپىك بىر مىسالى ئىكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئەھلىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلغان يەنە بىر نۇقتا 1997-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن خوڭكوڭ رايونىدا ھازىر دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش نامايىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا ئەينى ۋاقىتتا يۈكسەك ئاپتونومىيە بەرگەنلىكى ھەققىدە بولدى. ۋىلسون مەركىزىنىڭ خادىمى، قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى مايكىل دېيۋىس بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغان دېموكراتىيە ۋە ئاپتونومىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا بولمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇق خاھىشىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگىچە كېڭىيىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كومپارتىيەنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىدىغان دەرسلىك كىتابلارغىچە قول تىقىپ بىر ئەۋلاد خوڭكوڭلۇقنى كومپارتىيەگە مايىل قىلىپ تەربىيەلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ خىلدىكى كۆپلىگەن كونتروللۇق سەۋەبىدىن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ، جۈملىدىن جوشۇا ۋوڭ قاتارلىق خىتاي ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشى بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئاخىرلاشقاندا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى. يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلانغۇچە بولغان ئارىلىق تاماق ۋاقتىغا ئاجرىتىلغان بولۇپ، مۇشۇ ئارىلىقتا ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى زەئىد رائاد ھۈسەيىن يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكى ئۈچۈن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئىلگىرى ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتى ئۈچۈن بىرما، سۈرىيە قاتارلىق جايلاردىكى مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى، بولۇپمۇ بېرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ ئىشقا ئانچە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى، ھازىر بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىر مىليوندىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ «ئەسەبىيلىك» كە چېتىلىپ لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، مەيلى بېرمادىكى ئىشلاردا بولسۇن ياكى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدا بولسۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى «خەلقئارالاشتۇرۇش» قا قارشى چىقىش، بىرما ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا قارشى تۇرۇش دېگەندەك ئوخشاش مۇقامدا سۆز قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور ساندا لاگېرلارغا توپلىنىشى رېئاللىق سۈپىتىدە مەلۇم بولۇۋاتقاندا دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا يەنە بىر قېتىم سەل قارىشى ئېغىر بەدەللەرگە ئاپىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلىدۇ.
0:00 / 0:00