«ئىنسان ھەقلىرى ۋە خىتاي دۆلىتى» تېمىسىدىكى يىغىننىڭ مۇھاكىمىلىرى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.02.21
b-d-t-insan-heqliri-yighin-meydani-1.jpg پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «ئىنسان ھەقلىرى ۋە خىتاي دۆلىتى» تېمىسىدىكى يىغىندا سۆزگە چىققانلار. 2019-يىلى 19-فېۋرال.
RFA/Eziz

19-فېۋرال كۈنى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئاجرىتىلغان ئىدى. بۇ باسقۇچنىڭ رىياسەتچىسى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى جەك دېلىي ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە سۆز قىلماقچى بولغانلارنى بىرمۇ-بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پروفېسسور جەك ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرى تۈركەلگە ھاۋالە قىلدى.

نۇرى تۈركەل سۆزىدە ھازىر مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر سەھىپە، دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا ھازىر 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر ھەرقايسى جايلاردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان، دەپ تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇنىڭ كونكرېت شەكلى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىلدىكى لاگېرلارغا نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نام چىقارغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى، جۈملىدىن يازغۇچى، سەنئەتكار، ئالىم، ساخاۋەتچى، تىلشۇناسلارنىڭ بىر-بىرلەپ يىغىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئوخشىمىغان قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىۋاسىتە مىساللىرى بولغان ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ ئوغلى شەخسەن مۇشۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇلارغا ئورتاق بولغان بىر ھال قاتارىدا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا ئائىت قانۇنلىرىغا زەررىچە خىلاپلىق قىلمىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرنى قامىۋېلىش بىلەنلا قالماستىن، يەنە لاگېر سىرتىدىكى نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ روھىي دۇنياسىنى مۆلچەرلىگۈسىز زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ «تېررورچىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئورنىغا ئۇلارنى تېخنىكا ئۆگىنىپ جەمئىيەتكە قايتىپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى» مەزمۇنىدىكى يالغانلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئەركىن دۇنيادىكىلەرنىڭ بۇ خىل يالغان-ياۋىداقلارغا ئىشىنىپ قېلىش ياكى ئۇيغۇرلارغا ئاددىيلا ئىچ ئاغرىتىپ قويۇش ئورنىغا ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىسلىسىز زۇلۇم ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتتە بولۇش لازىملىقىنى بايان قىلدى.

ئىندىيانا شتاتىدىكى روس-خولمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلاردىن تىموسىي گروس بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئاساسلىق قىلىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ ئەھۋالى، ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئون مىڭلاپ غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەمدە لاگېرلارنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە شەخسىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە قانداق شەكىللەردە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇش ھەمدە خىتايلىشىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىشلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرىلا باشلانغان بولسىمۇ 2016-يىلى چېن چۇەنگو تىبەتتىن يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن بىراقلا يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ «ساقچى دۆلىتى» شەكلىدىكى نازارەتكە مەھكۇم بولغانلىقىنى جانلىق مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىپ بەردى.

فىلادېلفىيە شەھىرىدىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېبەككە كلوسىي خانىممۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۆزىنىڭ 2016-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرگەنلىرىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ئەۋجىگە چىققاندىن كېيىن بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا روھىي جەھەتتىن قانداق زەربە بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ پاسپورتسىز، پۇلسىز، ياردەمسىز قېلىش سەۋەبىدىن ھەر جەھەتتىن قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا سۆزلەپ ئۆتتى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىدىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، بۇنىڭدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە بەس-بەستە سوئاللار سورىدى. سوئاللارنىڭ كۆپلۈكى ۋە خىلمۇ-خىللىقىدىن بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن بەكمۇ قىزىقارلىق بىر قېتىملىق ئىلمىي پائالىيەت بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

يىغىندىن كېيىن بىز پروفېسسور رېبەككە كلوسىي بىلەن نۆۋەتتە ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلارغا نىسبەتەن قانداق مەۋقەدە بولۇشى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. ئۇ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم مەسىلە قاتارىدا ئەسلىدە سىياسىيونلارنىڭ ئىشى بولغان بۇ خىلدىكى پاجىئەلەرگە ھازىر ئىلمىي ساھەنىڭ قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشىغا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

«مېنىڭ قارىشىمچە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئادەتتە دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇش مەجبۇرىيىتى ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان تارماقلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىدە بولۇشى، ئۇلارنىڭ ماكانىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئۇلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەردە بولۇشى زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ھەممىلا ئادەم پائالىيەتچى بولۇپ كەتمەيدۇ، ھەممىلا ئادەم ئاخبارات ساھەسىگە سۆز قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە پەيتتە ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇ جايدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇش ھەمدە شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ جەھەتتە قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇ جايدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا نىسبەتەن پەرۋاسىز بولۇۋېلىش ئىلمىي خادىملارغا توغرا كەلمەيدۇ. ئارىمىزدا ھەتتا ئاممىۋى سورۇنلاردا ‹شىنجاڭ› دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چىقىرىشتىنمۇ قورقىدىغان كىشىلەر بار. چۈنكى ئۇلار بۇ سۆزنى دەپ سالسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە يامان كۆزدە قاراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى پەرۋاسىزلىق ياكى ھېچنەرسە كۆرمىگەندەك بولۇۋېلىش بىزگە يارىشىدىغان قىلىق ئەمەس.»

بۇ قېتىمى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان يەنە بىر داڭلىق مۇتەخەسسىس نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى، دۇنياغا داڭلىق خىتاي قانۇنشۇناسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ جازا لاگېرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن مەشھۇر شەخس جېررىي كوئېن ئىدى. يېشى ئاللىقاچان 90 غا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ پىكىرلىرى شۇنچە ئوچۇق بولغان بۇ مويسىپىت ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەگە دۇنيانىڭ سەل قارىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى:

«خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك ھەر قېتىم مەن ناتسىستلار گېرمانىيەسى قۇرغان جازا لاگېرلىرى بىلەن خىتايلار قۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئوخشاشلىقىنى تىلغا ئالغىنىمدا كىشىلەر ‹ياق، ياق. بۇنداق سېلىشتۇرغىنىڭىز توغرا بولمىدى. چۈنكى خىتايدا ئۇنداق زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ھادىسىسى كۆرۈلمىدى› دەيدۇ. مەن ئۇلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: ‹1933-يىلى گىتلېر جازا لاگېرلىرىغا كىشىلەرنى توپلاشقا باشلىغان مەزگىلدىمۇ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى دەرھاللا باشلانمىغان. ئەمما لاگېرلاردا زورلۇق ۋە جىسمانىي ۋەھشىيلىكلەر ئاللىقاچان ئومۇملاشقان. › ئىشلار ئەنە شۇ يوسۇندا داۋام قىلغان. ئاخىرى بېرىپ زور كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن خۇلاسىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە ھامىي بولۇشى ئاستىدا كىشىلەرنىڭ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشى يۈز بەرگۈچە كۈتۈپ تۇرساق بولمايدۇ. چۈنكى ھازىر شىنجاڭدىكى جازا لاگېرلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتى بىزگە قاراڭغۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە بوشاشماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز، مۇشۇنداق يىغىنلارنى ئېچىشىمىز، بۇ ھەقتە سۆز قىلىشىمىز، بۇ توغرىسىدا تۈرلۈك ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىمىز، ئىشقىلىپ قولىمىزدىن كەلگەنلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشىمىز لازىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدىكى داڭلىق خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇشى مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.