ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 28-نويابىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانچە كېڭەيتىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىگە قارىتا پۈتۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق سودا شىركەتلىرى ۋە خەلقئارادا تونۇلغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.
3-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تور بېكىتىدە، مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن 28-نويابىر كۈنى تەييارلانغان «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەرشارى خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك» دېگەن تېمىدا بىر قىسقا دوكلات ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقانلاردىن بىرى. زۇبەيرە خانىم 4-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتنى تەييارلاشتىكى مەقسەت ۋە دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى.
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كېڭەيتىۋاتقان «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دېگەندەك ناملار قويۇلغان «جازا لاگېرلىرى» نى تاقاش ۋە بۇ جايلارغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ قامىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللىنىشقا ئائىت كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەرشارى خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتتا، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق سودا شىركەتلىرى ۋە خەلقئارادا تونۇلغان تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ھەر خىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە، ئۆز ئالاھىدىكى ۋە ئۆز شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن كۈتىدىغان كونكرېت تەلەپ ۋە ئۈمىدلەر تۈرلەر بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلارنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
بىرىنچى تەلەپ: ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى دەرھال تاقاشنى ۋە بۇ يەرگە قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ھەم بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ شەرتى قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
ئىككىنچى تەلەپ: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەرگە قارىتا خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئېمبارگو قويۇش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك.
ئۈچىنچى تەلەپ: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى پاكىتلىرى ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايوندىكى خەلقنىڭ سىياسىي، ھوقۇقى، دىنىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك.
تۆتىنچى تەلەپ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ باشقا ئەللەردىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىدە، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.
زۇبەيرە خانىم خەلقئارا تونۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرىنى تاقاش مەسىلىسىدە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، بىر قىسىم تونۇلغان تەتقىقاتچىلارنى نەقىل ئېلىپ، ئۇلارنىڭ لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى پاش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نيۇ-يورك شەھىرىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر دوكتورى مەمەت ئىمىن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، خەلقئارادا تونۇلغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بايانىدا ئەگەر بۇ تونۇلغان ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلسا، بۇنىڭ لاگېرلارنى تاقاشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
زۇبەيرە خانىم يەنە نۆۋەتتە ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش تەلەپلىرى كۈچلۈك ۋە پوزىتسىيە قاتتىق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدە، بۇ ئەھۋالغا قارىتا پاسسىپ پوزىتسىيەدە تۇرۇش ھالىتىنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00