دۇنيا جامائىتى «ئەمدى يۈز بەرمەيدۇ» دەپ ۋەدە قىلغان قىرغىنچىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دائىملىق مۇزاكىرە تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مىليونچە ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالدى» دېگەن ئۇچۇرلاردا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا مەھكۇم بولغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەندە يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بۇ قاباھەتتىن ۋە ساندىن گۇمانلاندى. ئەنە شۇ خىل ۋەزىيەتتە ياش ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن دوكتۇر دەررېن بايلېرنىڭ 2021-يىلى ئۆكتەبىردە نەشردىن چىققان «لاگېرلاردا: خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق جازا ئەۋج ئالغان مۇستەملىكىسى» ناملىق ئەسىرى ئۆزىنىڭ ئىخچام بايانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» 26-ئۆكتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن ئاپتور بىلەن بىر مەيدان كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى تور مۇھاكىمىسىنىڭ رىياسەتچىسى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئېلىس ئەندېرسون ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، دوكتۇر دەررېن بايلېرنىڭ ئەسەرلىرى، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ساھىبى نۇرىي تۈركەلنىڭ خىزمەتلىرى ھەمدە بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل سۆھبەتنى باشلاشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بەردى. . شۇنداقلا بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ سىياسىي باستۇرۇشنى قانداق كۆلەمگە ۋە دەرىجىگە ئېلىپ چىققانلىقىنى، رەقەملىك ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقى، ئاقىۋەتتە جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدىكى قاباھەتلىك جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا رەسمىي بارلىققا كەلگەنلىكىنى، دەررېن بايلېرنىڭ كىتابىنىڭ دەل ئاشۇ خىل رېئاللىققا بېغىشلانغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، دەررېن بايلېرنى بۇ ھەقتە كىتابخانلارغا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
دەررېن بايلېر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە نازارەتكە مەھكۇم بولۇشىدەك ئومۇمى ئەھۋالىدىن گەپ باشلىدى. . دوكتۇر دەررېن بايلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۇنياسىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىسى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تولۇق نازارەتكە ئېلىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال بولۇپ قالغان. ئۇ كىتابتىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىشتا 2000-يىللىرى تارىم ۋادىسىدىكى بىر چەت يېزىدا تۇنجى بولۇپ يانفون سېتىۋالغان بىر دېھقان يىگىتنىڭ قىسمىتىنى يىپ ئۇچى قىلغان. شۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل يېزىدىكى كىشىلەر بۇ تېلېفونغا مۆجىزە كەبى ھەيران قالغان بولسا ئارىدىن ئون يىللار ئۆتكەندە تېلېفون يېزىلاردىمۇ ئادەتتىكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئەمما 2010-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى دەررېن بايلېر زىيارەت قىلغان كىشىلەر بۇ ھالنى «تېلېفوننىڭ بالاسى» دەپ تەسۋىرلىگەن. چۈنكى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى تېلېفونغا باغلىنىشلىق «بالايى-قازا» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان. ئەنە شۇ تەرىقىدە زامانىمىزدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بىرى بولغان تېلېفون ئالاقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ھالقىپ، ئۇلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا «خىزمەت» قىلغان. .
دەررېن بايلېرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى باستۇرۇشلىرى تېلېفون بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ساھەدىلا توختاپ قالمىغان. كۆزىتىش سىستېمىسى، ئاۋاز ئېلىش تېخنىكىسى دېگەنلەر لاگېرلاردىكى مەھبۇسلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئىنسانىي خورلۇققا گىرىپتار قىلىشقا ئىشلىتىلگەن بولسا، لاگېر تېشىدا بارلىق كىشىلەرنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ۋە خاتىرىلەشكە قوللىنىلغان. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە ئايان بولغان. ئەمما بۇ ھال كېيىنچە ئۇيغۇر دىيارىدىن ھالقىپ باشقا كىشىلەرگىمۇ يېيىلغان. مەزكۇر كىتابتىكى پېرسوناژلارنىڭ بىرى دەل ئاشۇ غەرب دۇنياسىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىغا «بۆشۈك» بولغان تېخنىكا شەھەرلىرىدىن سېئاتىل شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچى بولۇپ، خىتايدىكى تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بارغاندا مەكتەپتىن ئەۋەتىلگەن ئېلخەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن كومپيۇتېرىغا مەۋھۇم خۇسۇسىي تور (VPN) ئورناتقان. نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئەتىسىلا ئىزدەپ كەلگەن ۋە تۇتقۇن قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمىي نازارەتكە ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاپتور ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنى «مىكروسوفت» شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان شىركەتلەر ياسىغانىكەن. بۇنىڭ بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى شىركەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشىغا ئاسانلىق ۋە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ چىققان بۇ تېخنىكىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا 21-ئەسىردىكى قاباھەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئاپتور 2014- ۋە 2015-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا ئۇ تونۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىر-بىرلەپ تۇتۇلۇشقا باشلىغان. كېيىنچە ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇننىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ تارىختىكى يېڭى بىر قىرغىنچىلىقنىڭ باشلانغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەنە شۇ تۇتقۇندا غايىب بولغان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى غەرب دۇنياسىدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئىلمىي تەتقىقاتچى تىلىدا ئەمەس، ئەكسىچە ئاممىباب تىلدا بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتى كېلەر يىلى نەشر قىلىش پىلانىغا ئېلىنغان «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىدىكەن. ئومۇمەن، دەررېن بايلېرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىزدىنىشلىرى، ئۆزى بىۋاسىتە كۆرگەن قاباھەتلەر، ئۇ سۆزلەشكەن لاگېر شاھىتلىرى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى بىر چوڭ لاگېرغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىدەك رېئاللىق «لاگېرلاردا: خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق جازا ئەۋج ئالغان مۇستەملىكىسى» ناملىق ئەسەردە ئاددىي ۋە ئاممىباب شەكىلدە بايان قىلىپ بېرىلگەن. .
دەررېن بايلېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى (Holocaust) ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىكى تەسۋىرلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەينى يوسۇندا قايتىدىن زاھىر بولۇشى، بولۇپمۇ لاگېر شاھىتى بولغان يەھۇدىي يازغۇچىلارنىڭ بايانلىرى بىلەن ئۇيغۇر لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرىدىكى ئوخشاشلىقلار ئۇنىڭغا ئالاھىدە تەسىر قىلغان. ئۇلارنىڭ تەسۋىرىدىكى لاگېر قۇرۇلمىسى، لاگېرلاردىكى سىياسىي مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى، لاگېرلاردا شۇ زاماندىكى ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ قوللىنىلىشى، مەھبۇسلارنى ھايۋاننىڭ ئورنىدا خورلاش قىلمىشلىرىنىڭ ئوخشاش تەكرارلىنىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقىدىن ھېچقانچە پەرقى يوقلۇقىنى جانلىق نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتور يېپىق شەكىلدە زىيارەت قىلغان نەچچە ئون لاگېر شاھىدلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم بىر چەتئەللىك تەكشۈرگۈچىگە ئۆز كەچمىشلىرىدىن مەلۇمات بەرگەنلەر بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆز ئىسىملىرىنى تىلغا ئالمىغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن يالغان ئېيتىشقا ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بۇ شاھىتلارنىڭ لاگېر ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىكى غايەت زور ئوخشاشلىق ئاپتورنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان. بۇ ئوخشاشلىق بولسا بۇ قېتىمقى كىتابتا تولۇق بايان قىلىنغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئاساسلىق ئوقۇرمەنلىرى كەڭ جامائەتنى نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپتور ئېغىر ئىلمىي تەتقىقات تىلىدا ئەمەس، بەلكى ئاددىي ۋە ئاممىباب بايان شەكلىنى قوللانغان. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە مەزكۇر ئەسەرنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئاممىباب چۈشەنچە بېرىشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.