ئەنگىلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدىكى ئەشمولىن مۇزېيى 1677-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر مۇزېينىڭ شەرقىي ئاسىيا سەنئەت بۆلۈمى «روبېرت شاۋ كوللېكسىيونى» دا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن يىغىۋېلىنغان بىر قىسىم كىيىم-كېچەكلەر ساقلانماقتا ۋە كۆرگەزمە قىلىنماقتا. كىيىم-كېچەكلەر ئاساسلىقى ئەر-ئاياللارنىڭ تاشقىي كىيىملىرى، باش كىيىملىرى ۋە ئاياغ كىيىملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ھالەتتە ساقلانغان. كىيىم - كېچەك ئۆرنەكلىرىدىن ھازىر قالغانلىرى27 دانە ئەتلەس تون، 20 دانە دوپپا-تۇماق، كەشتىلىك پايپاق ۋە نەقىشلىك خۇرۇم ئۆتۈكلەردىن تەركىب تاپقان.
ئۇنداقتا، بۇ مۇزېيغا ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى قانداق كېلىپ قالغان؟ بۇ كىيىم-كېچەكلەر كىم تەرىپىدىن، قايسى دەۋردە بۇ مۇزېيغا كەلتۈرۈلگەن؟
بۇ كىيىم-كېچەك ئۆرنەكلىرى 1962-يىلى ئوكىسفورد ئەشمولىن مۇزېيىغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئەنگىلىيەلىك سەيياھ روبېرت شاۋ شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ كىيىم-كېچەكلەر ئىنتايىن نەپىس ۋە گۈزەل بولۇپ، 1995-يىلى 1-مارتتىن 30-ئاپرېلغىچە مەخسۇس كۆرگەزمىگە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاۋامغا كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ دەسلەپتە روبېرت شاۋنىڭ سىڭلىسى كلارا ياڭخازبەند، ئاكىسى روبېرت شاۋ شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كەلگەن 300 پارچىدەك كىيىم-كېچەك ۋە باشقا بۇيۇملارنى ھىندىستان تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، بۇ كىيىم-كېچەكلەر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، ۋىكتورىيە ئالبېرت مۇزېيى ۋە پىترېۋىرىس مۇزېيلىرىغا يۆتكەلگەن. تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئەنگىلىيەلىك روبېرت شاۋ 1868-1869-يىللىرى ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىن يولغا چىقىپ، پامىر تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قەشقەر، يەركەند قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان ۋە بۇ قېتىملىق سەپىرى ھەققىدە «يەركەند ۋە قەشقەرگە زىيارەت» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان.
روبېرت شاۋ قەشقەر ۋە يەركەندكە بىر چاي سودىگىرى سالاھىيىتى بىلەن كېلىپ، يەركەندتە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ بەگ قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان ئىدى. 1868-يىلى ياقۇپ بەگ قەشقەردىكى ئوردىسىدا روبېرت شاۋنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇزۇن سۆھبەتتە بولغان.

ياقۇپ بەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەركەندتىكى بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار روبېرت شاۋنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇنىڭغا ئەستەرلىك ۋە پاختىلىق تون، ئۆتۈك، دوپپا، تۇماق قاتارلىق كىيىم-كېچەكلەرنى يوللاپ تۇرغاندىن باشقا يەنە، ئورۇندۇق، كارىۋات قاتارلىق بىر قىسىم ئۆي جاھازلىرىنىمۇ تەمىنلەپ بەرگەن. «تون كىيگۈزۈش» ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۆپ ساندىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، روبېرت شاۋ كۈندىلىك خاتىرىسىدە ياقۇپ بەگنىڭ دوستانىلىقى ۋە مېھماندوستلۇقىدىن مەمنۇنلىقىنى بىلدۈرگەن. ياقۇپ بەگ بىلەن بولغان تۇنجى كۆرۈشۈشتىن بىر قانچە ئايلار ئۆتۈپ، روبېرت شاۋ يەركەندتە تۇرۇۋاتقان، ئۆزىنى «ئافغان» قىياپىتىدە نىقابلىۋالغان خەيۋارد ئىسىملىك يەنە بىر ئەنگىلىيەلىك كىشى (ئېكىسپىدېتسىيەچى) بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بايقايدۇ. 1869-يىلى ئاپرېل ئايلىرىغا كەلگەندە، روبېرت شاۋ، ياقۇپ بەگ بىلەن ئىككى قېتىم سۆھبەتتە بولىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ «ئاتالىق غازى» ياقۇپ بەگدىن ھىندىستانغا قايتىپ كېتىش پەرمانىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ياقۇپ بەگ روبېرت شاۋغا ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما روبېرت شاۋ ئۆزىنىڭ قەشقەرىيەگە شەخسىي نامىدىن كەلگەنلىكىنى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپنى بۈيۈك بىرىتانىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 1869-يىلى 6-ئاپرېلدىكى ئاخىرىقى كۆرۈشۈشتە، ياقۇپ بەگ روبېرت شاۋغا زەر يىپتا كەشتىلەنگەن ئېسىل بىر تون، قاما تۇماق ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تەقدىم قىلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىگىمۇ ئېسىل تون يوللۇق تۇتىدۇ. ئىككىنچى يىلى روبېرت شاۋ بىرىتانىيەگە قارام ھىندىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن يەنە شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ بىر گۇرۇپپا ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ياقۇپ بەگ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا ئەۋەتىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ياقۇپ بەگ يىراق ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلىنىپ قەشقەردىن ئايرىلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ روبېرت شاۋ ياقۇپ بەگ بىلەن قەشقەردە كۆرۈشەلمەي لاداققا قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېيىن ئۇ بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى تەرىپىدىن بېرماغا ئەۋەتىلىدۇ ۋە 1879-يىلى 40 يېشىدا شۇ جايدا ۋاپات بولىدۇ.
ئوكسفورد شەھىرىدىكى ئەشمولىن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان تون، دوپپا ۋە ئۆتۈك قاتارلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ھەممىسى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇيۇملار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پاختىلىق تونلار سوغۇقتىن قوغدىنىش رولىغا ئىگە بولسا، نېپىز يىپەك رەختلەردە تىكىلگەن كىيىملەر راھەت ۋە ئېسىل بولۇپ، ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆركەم دوپپىلار بولسا پاختا رەختلەرگە مەشۇت يىپتىن كەشتە-نەقىشلەر چېكىلىپ تىكىلگەن. كىيىم-كېچەكلەرنىڭ خام ماتېرىياللىرى ۋە نۇسخا-نەقىشلىرى يەرلىك كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستان، ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان سودا، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ كىيىم-كېچەكلەرنى تۈرلۈك جەھەتلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
بۇ كىيىم-كېچەكلەر ئىشلەنگەن ۋاقتى ۋە دەۋرى ئېنىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كىيىم-كېچەكلەر يەنە 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە يەرلىك مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ھەم تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.