خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا نىقابلانغان كۆچمەن يۆتكەش تاكتىكىسى - «ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش»
2024.08.22
19-ئاۋغۇست «غەربىي دىيار» تورىدا «سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تەربىيەلەش ۋە ئېلىپ قېلىشتىكى شىنجاڭ ئۇسلۇبىنى تونۇشتۇرۇش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نۇقتا بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تەربىيەلەش ۋە ئېلىپ قېلىش(引才留用)» سۆزىدۇر. قارىماققا بۇ سۆز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى ھەر جايلاردىن قوبۇل قىلىش دېگەندەك مەنىدە چۈشىنىلسىمۇ، ئەمما «ئېلىپ قېلىپ پايدىلىنىش(留用)» سۆزىنىڭ كۆچمەن يۆتكەش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىنى جەزم قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت ياكى رايونلار ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ خىتاي قىلىۋاتقىنىدەك، يەرلىكلەرنى يوقىتىش ۋە يوقىتىلغان نوپۇسنىڭ ئورنىنى كۆچمەنلەر ئارقىلىق تولدۇرۇش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلمايدۇ!
ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشتا بىر قىسىم يېڭىچە تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى سەۋەبلىك، «ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش» ى بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ھەتتا ماقالىدە ئۇيغۇر سۆزىمۇ ئېلىپ تاشلىنىپ پەقەت «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» دېيىلگەن.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان يېڭى تەدبىر بولسا، ئاتالمىش ئىختىساسلىقلارغا بېرىلىدىغان ھەر خىل تەمىناتلارنى ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتقان. يەنى ماقالىدا دېيىلىشىچە، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» قوبۇل قىلغان ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ياكى تەربىيەلىنىشكە بېرىدىغان ئايلىق ياردەم پۇلى 5 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇ پۇللارنىڭ تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىكى تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە يەتمەيدىغانلىقى؛ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» بۇ خىلدىكى تەمىنات پۇلىنى ئىككى-ئۈچ ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرگەندىن بۇيان، تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەلۋەتتە بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان «ئىختىساسلىقلار» نىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەر ئەمەس، بەلكى سىرتتىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكى ئېنىق! كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىن قوبۇل قىلغان ئاتالمىش «خىتاي ئىختىساسلىقلار» مەزكۇر دوختۇرخانا تەمىنلىگەن ئىقتىساد بىلەن ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. بۇ نېمىدېگەن ئېسىل ئىش ۋە ياخشى پۇرسەت ھە؟! ماقالىنىڭ مەقسىتىمۇ ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىشتا «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» قوللانغان «يېڭى تەدبىر» لەرنى تەشۋىق قىلىش بولغان. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈپ كېلىشىلا بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈلۈشىدۇر.
خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز تەرىپىدىن 2020-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش رامكىسى ئىچىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىگە جايلاشقان «نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئەقىل ئامبىرى» نىڭ 2018-يىلى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دوكلات «نەنكەي دوكلاتى» دەپ ئاتالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە «نەنكەي دوكلاتى» دا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما دوكلاتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنى ياخشىلاش ئاساسلىق مەقسەت بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى توپلىشىپ ياشاش ۋە ئائىلىۋى تۇرمۇش قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسىنى ئازايتىشنى نىشان قىلغان. «نەنكەي دوكلاتى» دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىراقنى كۆزلەپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ياقا يۇرتلاردىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كاللىسىنى يۇيۇش، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، خىتايغا سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان.
دېمەك، ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە زور كۆلەمدە يۆتكەش بىلەن تەڭ، خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئىلىغا زور كۆلەمدە يۆتكەپ كېلىش ئارىسىدا مەلۇم سەۋەب ۋە نەتىجە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق سەۋەب ۋە قايسى نەتىجىنى كۆرسىتىدۇ؟
خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇر نوپۇسىنى مەجبۇرىي يۆتكەشتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى «نەنكەي دوكلاتى» دا ئېنىق يېزىلغان. يۇقىرى تەمىنات ۋە ئەۋزەل سىياسەتلەر بىلەن خىتاي نوپۇسلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەپ كېلىشمۇ، يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، خىتاي نوپۇسىنى يەرلىكتە نوپۇس ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. قىسقىسى، بۇنداق ئۇسۇلدا ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئاز ۋە ئاجىز ھالەتكە چۈشۈرۈش، ئاقىۋەتتە خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش «ئىختىساسلىق خادىم» سۈپىتىدە كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى يالغۇز «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرى، ھەرقايسى ساھەلىرىگىچە كېڭەيگەن. مىسالغا ئالساق، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى» 2024-يىلى 30-مايدا «شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى سىياسەتلەر جۇغلانمىسى (خىزمەت ئۇنۋانى، ئولتۇراق ئۆي، مائاش، ياردەم پۇلى قاتارلىقلار)» نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ئىختىساسلىقلارغا بېرىلىدىغان تەمىناتلار ئىچىدە، نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەلگەنلەرگە بىر قېتىملىق 100 مىڭ يۈەندىن 300 مىڭ يۈەنگىچە ئولتۇراق ئۆي تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدىكەن؛ نوپۇسىنى يۆتكىمىگەنلەرنىمۇ 3 يىللىق ھەقسىز داچا ئۆي بىلەن تەمىنلەيدىكەن. تۇرپاندا بولسا دوكتورلار ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەنلەرگە 100 مىڭ يۈەنلىك ئورۇنلىشىش پۇلى، ھەر ئايدا 3 مىڭ يۈەن ئىختىساسلىقلار ياردەم پۇلى، تۇرپاندا ئۆي سېتىۋالغان بولسا، يەنە 200 مىڭ يۈەن ئۆي سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى قوشۇپ بېرىلىدىكەن. قەشقەردە بولسا تەمىنات تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، تۇرمۇش، ئۆي سېتىۋېلىش ياردەملىرى بېرىلىشتىن سىرت، دوكتور ئاسپىرانتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەنلەرگە 5 يىلغا بۆلۈپ، 50 مىڭ يۈەن، 150 مىڭ يۈەن ۋە 200 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدىكەن. ئەگەر قەشقەردە 5 يىل خىزمەت قىلغان ۋە ئۆي سېتىۋالغان بولسا، 50 مىڭدىن 400 مىڭ يۈەنگىچە ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.
يۇقارقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا نوپۇس يۆتكەشتىكى سىياسەتلىرىدە داۋاملىق ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق. بولۇپمۇ 2024-يىلى يەنى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە ئېھتىياجى ئاشقانسېرى، ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكىلىشنى خالايدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ تەلەپلىرى بارا-بارا كۆپىيىشكە باشلىغان. تېگىشلىك تەلەپلەر ئورۇنلانمىغان، يېتەرلىك ئىقتىسادىي ياردەملەر بولمىغان ئەھۋالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ «كۆچۈش قىزغىنلىقى» مۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن. يەنى، خىتاي ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەش ئۇنچە ئاسانغا توختىمايۋاتقانلىقى ئاشكارا.
نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىدا نۇرغۇن چېكىنىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ياشلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشتا كۈچلۈك كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتىمۇ، خىتايدىكى ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار» نىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈرۈپ كېلىنىشى زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە ئەۋزەل سىياسەتلەر بىلەنمۇ قۇلايلاشماسلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى» نىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتىكى «يېڭى تەدبىر» لىرىنىڭ خىتايدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىشىدىن، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكەپ كېلىشنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز تەس ئەمەس!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]