ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقنى بىلدۈرۈشنىڭ ۋە ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان ئۈمىدىنىڭ بىر سىمۋولى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرىدە، ئۆيلىرىدە، ئىشخانىلىرىدا، ئاشخانا-رېستورانلاردا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېسىش ئادىتى ئومۇملاشماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيىش، ياغلىق-شارپىلىرىنى ئارتىش، ئۇنى تەگلىك سۈرەت قىلىپ ئىشلىتىش بارا-بارا بىر ئېقىمغا ئايلانماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ئاي-يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن كۆك رەڭلىك شارپا ئارتىش 15-مارت كۈنى دۇنيادىكى 14 دۆلەت ۋە 18 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىدا بىردەك قوللىنىلىدىكەن.
دۆلەت بايرىقى بىر دۆلەتنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى. تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق 1933- ۋە 1944-يىلى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتىكى ئاي-يۇلتۇز شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پاك ئېتىقادى بولغان ئىسلامغا سىمۋول قىلىنغان، كۆك رەڭ بولسا بىپايان ئاسمانغا ۋە ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان ئىكەن.
بۈگۈنكى كۈنگىچە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدا، نامايىشلاردا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق لەپىلدەپ كەلمەكتە. ئۇلار چەتئەللەردە ئۆسۈۋاتقان، تۇغۇلغان ئەۋلادلىرىغىمۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى قەدىرلەشنى، سۆيۈشنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە ۋە ئۇنى مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم تەربىيەلەردىن بىرى دەپ قاراپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرە ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى ئەلانۇر خانىم ئۆزىنىڭ كۆك بايراققا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىنى «كۆك بايرىقىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنى يۈرىكىمىزدە، ھۆرمىتى باش تاجىمىز كەبى بېشىمىزنىڭ ئۈستىدە،» دېگەن ھاياجانلىق سۆزلىرى بىلەن ئىپادە قىلدى.
بەش-ئالتە ياش چاغلىرىدا ئائىلىسى بىلەن بىللە ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلىپ، ئاخىرى تۈركىيەدە ياشاپ قالغان نۇرئەلا خانىم ئۆزىدىكى كۆك بايراق سۆيگۈسىنىڭ ئاتىسىدىن مىراس ئىكەنلىكىنى، ئاتىسى كىچىكىدىنلا ئۆزىگە ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قۇرۇپ چىققان مۇستەقىل دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇرلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى، ئۇنى قوغداشنىڭ ھەر بىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە مىللىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. «بولۇپمۇ ئانا ۋەتەندىن ئۇزاق ئايرىلغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ كۆك بايراق، مىللىتىمنىڭ غۇرۇرىدۇر، مۇستەقىللىق غايىسىنىڭ سىمۋولىدۇر،» دەيدۇ ئۇ.
ئەلانۇر خانىم يەنە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىدا نامايىشچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى شارپا قىلىپ تاقايدىغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، ھەتتا چەتئەللەردىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي دەۋا پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىدە ئالاھىدە ئاكتىپلىق كۆرسىتىۋاتقان ياشلاردىن ھاجىنۇر سېتىۋالدى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، گەرچە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ، كىچىكىدە كۆك بايرىقىنى كۆرۈشتىن ۋە بىلىشتىن مەھرۇم ھالدا ياشىغان، ھەتتا مەكتەپتە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ھېچ زامان خىتاينىڭ بايرىقىغا نىسبەتەن سۆيگۈ پەيدا قىلالمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىگە چىقىشنى بىر بۇرچ دەپ بىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ھەممە بىردەك ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك شارپا ئارتىپ چىقىدىغان -15 مارتتىكى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشنىڭ ياشلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ساقلاش، ۋەتىنىگە ئىگە چىقىشتەك غايىسىنى ئىپادە قىلىدىغان سىمۋوللۇق بىر خىل ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ھاجىنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىرلا كۈندە ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشقا قاتنىشىدىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كۆك بايراقنى ئورتاق نامايىش فورمىسى قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئىستانبۇلدىكى «نۇزۇگۇم فوندى» نىڭ مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە ئىلمىنۇر خانىمنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ شۇنداقلا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كۆك بايراق ۋە ئاي-يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن كۆك شارپىلارنى ئىشلەپ تارقاتقان «نۇزۇگۇم ئۇيغۇر مىللىي بۇيۇملارنى ئىشلەش فابرىكىسى» دىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بار ئىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ياش ئەۋلادلارغا ۋەتەن سۆيگۈسى، كۆك بايراق سۆيگۈسى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە، ماقالىلەر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن رۇقىيە تۇردۇش خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، گەرچە ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى بولغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتىن قاچىدىغان قىسمەن كىشىلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە بارغانچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىي بايرىقىغا بولغان تونۇشىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىن دۆلەت بولۇشىنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ بايراققا ئىگە چىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىگە، ۋەتىنىگە، مىللىتىگە، ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىغا ئىگە چىقىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00