«كۆك بۆرە» لەر«ئەجدىھانىڭ پۇشتى» بولالامدۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزىلاردا خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەۋج ئالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ جايلاشقان رايونلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بېزەكلەر بىلەن بېزىلىپ، قارىماققا خىتاي شەھەرلىرىگىلا ئوخشاپ قالغان ھالىتى كىشىنى ئېچىندۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كوچا-كويلار، باغچىلار، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە مېھمانخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلار ئەجدىھا شەكىللىك بېزەكلەر بىلەن قاپلانغان، ئۇيغۇر خەلقى بولسا خىتايلارنىڭ ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇللىرىغا سېلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي تىلىدا «بىز ئەجدىھا پۇشتى» ۋە « خۇاڭدى ئەۋلادى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىۋاتقان سىن-فىلىملىرىمۇ خىتاي تور سەھىپىلىرىدە كەڭ تارقالماقتا.

كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرىلەر شۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش باھانىسى بىلەن ئەجدىھا، پانۇس ۋە تۈگرە قاتارلىق خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئامىللىرىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىش ئارقىلىق، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى» يارىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

ئەجىبا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى زورلاپ تېڭىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشى ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش مەۋجۇت؟

ئالدى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا خىتاي كىملىكىنى تېڭىش تاكتىكىسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى مەلۇم قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغان پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە ئورتاق ئىرقداشلىق، قانداشلىق ۋە ئۇرۇقداشلىققا ئوخشاش ئامىللار بىر دۆلەتنىڭ مىللىي كىملىكىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم شەرتلەر دەپ قارىلىدۇ. مەيلى ئېتنىك كېلىپ چىقىشى بولسۇن ياكى مەدەنىيەت قاتلاملىرى جەھەتتىن بولسۇن، خىتاي مىللىتى بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا خىتاي دۆلىتى كىملىكىنى تېڭىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە يالغان تارىخ ياساش ھىيلىسىنى قوللانغان.

«ئەجدىھا» توتېمى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ئەجدادلىرى چوقۇنىدىغان بىر تۈرلۈك سىمۋول بولۇپ كەلگەن، ئەمما خىتاي ئىمپېراتورلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا «ئەجدىھا» توتېمىنى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن ۋە بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇنى خىتاي دۆلىتىنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن «بۆرە توتېمى» نى ياۋلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىدىغان ۋە خىتاي ئاسسىمىلياتسىيەسىگە قارىتا بىر تۈرلۈك سىمۋوللۇق قارشىلىق سۈپىتىدە تونۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى خەن مىللىتى بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ «خۇاڭدى ئەۋلادى» (炎黄子孙) ياكى «ئەجدىھا پۇشتى» (龙的传人) دەپ ئاتاش ھادىسىسىنى-مەيلى گومىنداڭ مىللەتچى پارتىيەسى بولسۇن ياكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتى ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن ۋاسىتە دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر خەلقى «ئەجدىھا پۇشتى» ياكى«خۇاڭدى ئەۋلادى» دېگەندەك ناملارنى ھاقارەت دەپ بىلىپ، ئەسلا قوبۇل قىلماي كەلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىگە ئىزچىل قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتىكى« قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1947-يىل، 7-يانۋار سانىغا بېسىلغان «تۈرك ئوغلى» ئىمزاسىدا يېزىلغان بىر پارچە ئوبزور ماقالىسىنى مىسال قىلىپ ئۆتۈش مۇمكىن:

«ئىزا تارتمىغان ئەپسانە كونسېرت بازاردىن چىقسۇن» ناملىق تېمىدىكى ئوبزوردا، ۋۇ جۇڭشىننىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە باشلىق بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ئاسسىمىلياتسىيەسىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قاتتىق رەددىيە بېرىلگەن. ئوبزورنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىدا ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى «خۇاڭدى ئەۋلادى (خەن مىللىتى ئەۋلادى)، نەسلىڭلار خىتايلار بىلەن بىر» دەيدىغان ئەپسانىلەرنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقى ۋە بۇ مەزمۇن يەركەنت ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما سانايى نەفىسەسى تەرىپىدىن ئوينالغان سەھنە ئەسىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت، مائارىپ ۋە تارىخ-ئارخېئولوگىيە ساھەلىرىدە«ئەجدىھا» سىمۋولى يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇشتەك قارا نىيىتى قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلاردىن كۆرۈنەرلىك بولغانلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن قېزىۋېلىنغان ئاتالمىش «دۆلەت گۆھىرى» نامىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئارخېئولوگىيەلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ بىردىنلا ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە «ئەجدىھا» سۈرىتى بولغان ماددىي يادىكارلىقلار نامىدا جاكارلىنىپ، كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇلاردىن بىرقانچە ئۆرنەكلەرنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 2024-يىل، 9-فېۋرال ئۈندىدار تور سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان يازمىسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ ئەجدىھا تېما قىلىنغان زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىۋالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە ئالتۇن، مىس، ياغاچ، يىپەك، ساپال، فار-فۇر ۋە قاشتېشى قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئەجدىھا ئوبرازى ئىنتايىن جانلىق ھالدا گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. قېزىلما يادىكارلىقلار قاراشەھەر، نىيە، قورغاس ۋە سانجى قاتارلىق جايلاردىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، كەمەر توقىسى، مىس كۆرگۈ (ئەينەك)، تاش ئابىدە، فار-فۇر تەخسە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى مەدەنىي يادىكارلىقلاردا ئەجدىھانىڭ تېما قىلىنىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپنە ئادىتىنىڭ غەربىي رايون مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئېلان قىلغان. ئۇلار يەنە ئەجدىھا ئوبرازىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايوندىكى 36 بەگلىكنى باشقۇرغانلىقى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي رايوننىڭ قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

بۇ قېزىلما يادىكارلىقلار 1975-يىلى ۋە 1995-يىلى ئارىسىدىكى دەۋرلەردە قېزىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلار ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلىنغان تۇرسا ، نېمە ئۈچۈن ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەندە، ئۇ يادىكارلىقلارنىڭ يۈزىدە ئەجدىھانىڭ رەسىمى بار ئىكەنلىكى خەۋىرى قايتا تارقىتىلىدۇ؟

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلىرىغا «ئەجدىھا تامغىسى» نى ئۇرۇشى ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى» يارىتىش سىياسىتىنى قوللاش ۋە كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان نەيرەڭدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر زېمىنىدىن بايقالغان مەدەنىيەت مىراسلىرىدا ئەجدىھا ئوبرازىنىڭ كۆرۈلۈشى خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىق قىلغىنىدەك خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئەمەس. بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئارخېئولوگلار ۋە تارىخچىلار ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەنىدى. مەسىلەن، ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا ئەپەندى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى» نىڭ 1998-يىللىق، 2-سانىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، 1959-يىلى تەكلىماكاندىكى نىيا خارابىلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، بۇ جايدىن تېپىلغان بۇيۇملار ئارىسىدا ئەجدىھا ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن بىر قىسىم بۇيۇملارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇ ئوبرازنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەردە كۆرۈلىدىغانلىقى ۋە سىمۋوللۇق مەنىسىمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن. مەسىلەن، ھەمزەككە (كۆك رەڭلىك پاختا رەخت) بېسىلغان ئەجدىھا رەسىمى بۇددا دىنىدىكى سۇ ئىلاھىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇدۇندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان زامانلاردا، ئادەم سىياقىدىكى شىر، ئايال ئىلاھ، سۇ ئىلاھى قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان بۇددا دىنى رىۋايەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي ماھارىتى ئارقىلىق ھەمزەككە بېسىپ چىقىرىپ، بۇددا دىنىنى تېخىمۇ ئوبرازلاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلغانىكەن.

يادىكارلىقلار ئارىسىدىكى مىس كۆرگۈ ۋە كەمەر توقىسىغا كەلسەك، بۇلاردىن بىر قىسىملىرى يەرلىك مەھسۇلاتلار بولسا، يەنە بىر قىسمى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارقالغانلىقى ئېنىق. بۇ ھەقتە شىۋېتسىيەلىك ئارخېئولوگ فولك بېرىگمان (Folk Bergman) «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى» ناملىق كىتابىدا، 1934-يىللىرى ئۆزىنىڭ جۇڭگو-شىۋېتسىيە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان قېزىپ-تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا كىروران قەدىمكى شەھىرى ۋە لوپنۇر چۆللۈكى رايونىدىمۇ كۆپ ساندا تۇچ ۋە مىستىن ياسالغان، ئۈستىگە خىتايچە خەت ياكى ھايۋان رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن ئەينەكلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تۇچ ۋە مىس كۆرگۈلەرنىڭ خەن سۇلالىسى يادىكارلىقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇيۇملار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ئىشلەنگەنلىكى ۋە شۇ جايدىن كەلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان. بېرگماننىڭ ئىزاھلىشىچە، بەلباغ توقىسىمۇ يايلاق مىللەتلىرىگە خاس مەدەنىيەت بولۇپ، ھونلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ۋارىسلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى ئىكەن. ئەمما بېرگمان قېزىلما يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر تۈرلۈك كەمەر توقىلىرىنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئائىت بولۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ قورال-ياراغ تۈرلىرىگە تەۋە بولۇشى پەرەزگە يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىدا ياشاپ كەلگەن تۈركىي خەلقتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەجدادلىرى تېۋىنغان «ئەجدىھا» توتېمىغا ئەمەس، بەلكى «كۆك بۆرە» توتېمىغا مەنسۇپ قەدىمىي مىللەت ئىكەنلىكى دۇنياغا ئايان بىر ھەقىقەت. تۈركىي مىللەتلەر قەدىمدىن تارتىپ ياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بۆرىنى قۇتقۇزغۇچى، يول كۆرسەتكۈچى رەھبەر سۈپىتىدە ئۆزلىرىگە سىمۋول قىلىپ كەلگەن ۋە بۆرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىر مىللەتنىڭ تارىخ سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالىشىدىكى مۇھىم خۇسۇسىيەت دەپ تونۇپ كەلگەن. بۆرە گەرچە ئەپسانىۋى ئوبراز بولسىمۇ، تۈركىي مىللەتلەر خەۋپكە ۋە كىرىزىسكە يولۇققاندا، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە كۈرەشكە چاقىرىش ئىدىيەسىنى بۆرە ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن.

شۇنى ئېيتىش كېرەككى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئەجدىھا پۇشتى» نامىنى تېڭىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ پۇشتى بولۇپ قالمايدۇ.گەرچە ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئوچۇق-ئاشكارا قارشى تۇرالمىسىمۇ، سۈكۈت ئىچىدە سىمۋوللۇق ۋاسىتىلەر بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەن. 2007-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، ما داجېڭ، شۇ جيەنيىڭ ئاپتورلۇقىدىكى «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى خام خىيالىنىڭ بەربات بولۇشى» ناملىق كىتابتا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بىر قىسىم مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم نامايىشلاردا كۆك بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بايراقلار ۋە كۆك بۆرە نامىدا قۇرۇلغان ئازادلىق تەشكىلاتلىرى پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزم ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ كۆرسىتىلگەن. «كۆك بۆرە» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ، شۇنداقلا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان بولسا، خىتايلار ئۈچۈن بىر تەھدىت ۋە قورقۇنچتىن ئىبارەت، خالاس.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.