ياپونىيە ئانالىزچىسىنىڭ نەزىرىدىكى كوڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ماھىيىتى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان ياپون تىلىدىكى «خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى غەلىتە ھەرىكەتلىرى ناملىق مەجمۇئەدە» «ۋاسېدا، رېتسىمېيكان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا قۇرۇلغان كۇڭزى مەكتىپىنىڭ سىرلىرى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان كۇڭزى مەكتىپى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

ئاپتور ماقالىدە خىتاينىڭ ئاۋۋال ئۆز مەدەنىيىتىنى باشقا ئەللەرگە تېڭىش ئارقىلىق مەدەنىيەت جەھەتتە مۇستەملىكە قىلىش كۈرىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بۇ خىل مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى خىتاي مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ نېگىزى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ژۇرنالىست كائورى ماقالىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان كۇڭزى مەكتەپلىرى سىرتقى كۆرۈنۈشتە خىتاي تىلىنى ئۆگىتىش، خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپلەرنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ باشقىچە سىياسىي تۈس ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2007-يىلى 4-ئايدا ياپونىيە ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان كۇڭزى مەكتىپى ھەققىدە توختالغان مەزكۇر مەكتەپنىڭ بىر خادىمى ژۇرنالىست كائورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى كۇڭزى مەكتىپى كۆرۈنۈشتە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاينىڭ تەشۋىقات مەركىزى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ئىش بار، دېگەن.

ماقالىدە 2004-يىلى تۇنجى قېتىم كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا قۇرۇلغان كۇڭزى مەكتىپى تەرەققىي قىلىپ 2013-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 120 دۆلەتتە، 440 كۇڭزى مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى باشقۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالە ساھىبى كائورى ماقالىسىدە ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان كۇڭزى مەكتىپى 2005-يىلى كيوتودىكى رېتسىمېيكان ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغانلىقى ھازىرغىچە پۈتكۈل ياپونىيەدە 20 كۇڭزى مەكتىپىنىڭ بارلىقىنى، ئوقۇش پۇلىنىڭ ئەرزان بولۇشى، ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشى،خىتاي دۆلىتىگە ئوقۇش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بېرىشتەك ئەۋزەل شارائىتلار ئارقىلىق ھازىر بۇ مەكتەپ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغانلىقىنى بايان قىلغان.

ياپونىيەدە قۇرۇلغان كۇڭزى مەكتەپلىرى يالغۇز تىل ئۆگىتىش مەركىزىلا ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت سالونى ئىكەنلىكى، ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۇڭزى مەكتىپى خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش مەركىزى بولۇپ، بۇ مەركەز ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونتروللۇقىدا ئەمەس، ئەكسىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتقانلىقىدىن ئاپتور ئۆزىنىڭ تولىمۇ ھەيران بولۇۋاتقانلىقى ۋە بىر قىسىم ئىشلاردىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۇڭزى مەكتىپى خادىملىرى بىلەن ژۇرنالىست كائورى بىر نەچچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ئەمما بۇ مەكتەپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ رۇخسىتىسىز بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ياماگاجو ياپونىيەدىكى كۇڭزى مەكتەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ياپونىيەدىكى كۇڭزى مەكتەپلىرىنىڭ نامى كۇڭزى نامى بىلەن ئاتالغان بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدە كۇڭزى تەتقىقاتىغا ئائىت ھېچنېمە يوق. بۇ ناھايىتى غەلىتە ئەھۋال. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورنى. بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر ياشلارنىڭ ئىدىيىسىنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ. ئابې ھۆكۈمىتى كۇڭزى مەكتەپلىرىنى تاقىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا، كانادادا قۇرۇلغان بەزى كۇڭزى مەكتەپلىرىنىڭ تىل مەكتەپلىرى ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ تەشۋىقات مەركەزلىرى ئىكەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن، كۇڭزى مەكتىپىگە قارشى چىققۇچىلار ئاساسلىقى خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كۆچمەنلەر ئائىلىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا، كانادادىكى «ئالىي مەكتەپلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشمىسى» نىڭ پروفېسسورلىرى كۇڭزى مەكتىپىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان،ئەركىنلىككە قارشى تۇرىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى،مەتبۇئاتلار بولسا كۇڭزى مەكتىپىدە تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ھەققىدە سۆز قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، بۇ ھەقتە ياپونىيە توئىن يوكوھاما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىبەتلىك پىما گارپۇ ژۇرنالىست كائورىغا بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتلار بەرگەنلىكى ماقالىدە كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لۈ يۈنشەنىڭ 2010-يىلى 1-ئايدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ «پارتىيە قۇرۇلۇشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان كۇڭزى مەكتىپى ۋە چەتئەللەردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ خىزمەت پىلانى ھەققىدە بەرگەن يول يورۇق سۆزىدىنمۇ نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، لۈ يۈنشەننىڭ سۆزىدە: «جۇڭگونىڭ بۆلۈنمەسلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان،تىبەت،تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشىمىز، بۇددىزم تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇشىمىز، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوغا قارشى ئىدىيىسى بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە پىلانى تۈزۈپ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. چەتئەللەردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى- كۇڭزى مەكتەپلىرىدە بۇ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى جانلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك»، دېگەن.

ماقالىدە ئاپتور چەتئەللەردىكى كۇڭزى مەكتىپى، مەدەنىيەت مەركەزلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ ئۇنىڭدا:«كۇڭزى مەكتىپى،مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەقسىتى مېڭە يۇيۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىش، كومپارتىيە بۇ ئورۇنلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان،تىبەت،تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى نىشانلىغان. ئۇندىن باشقا بۇ مەركەزلەر دېموكراتىيىگە قارشى، بۇددىزم تەلىماتىغا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغا»، دېگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋنىڭ قىزى ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئۆزلىرى ئوقۇغان ئەنگلىيە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدە توپلانغان ئالتە يۈز مىليون ياپون پۇلىنى ھەدىيە قىلغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇستازى پروفېسسور پېتانولان ئارقىلىق بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا خىتاي تەتقىقات مەركىزى قۇرغانلىقى، ئەمما بۇ مەركەز كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

ژۇرنالىست كائورى ماقالىسىدە خىتاي، دۆلەت ئىچىدىكى نامرات مەكتەپلەرگە مەبلەغ سېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرسىمۇ ئەمما كۇڭزى مەكتىپى، مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارغا مىليونلارچە دوللار خەجلەۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەيىنلەنگەن يۇقىرى مائاشلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدە شۇنداقلا تايلاند پادىشاھىنىڭ كۇڭزى مەكتىپىنى كۈچلۈك قوغدىغۇچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.