خىتاي باشقۇرۇشىدىكى « تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرىدە، 2024-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «تەمىنلەش، سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى» سىستېمىسى يېڭىدىن كەنت دەرىجىلىك تەمىنلەش-سېتىش مۇلازىمەت پونكىتىدىن 500 نى قۇرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە 120 تەمىنلەش-سېتىش كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇش بىلەن تەڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقى دېيىلگەن.
«كوپىراتىپ» ، «كوللېكتىپ ئىگىلىك» قاتارلىق ئىبارىلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىلىدىن 70-يىلىغىچە ئارىلىقتا تۇغۇلغانلار ئۈچۈن ناتونۇش ئىبارىلەر ئەمەس. شۇنداقلا بۇ ئىبارىلەر شۇ دەۋرنى ياشاپ باققانلار ئۈچۈن ئاچارچىلىق، نامراتلىق ۋە قاباھەتتىن باشقا بىر مەنىسى بولمىغان قارا كۈنلەردۇر. گەرچە كىشىلەر بۇ قارا كۈنلەرنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئاستا-ئاستا ئەستىن چىقىرىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما «كوپىراتىپ»، «كوللېكتىپ ئىگىلىك» لەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىن پۈتۈنلەي غايىب بولغان بولماستىن، بىر مەزگىل «سۈكۈتتە قالغان»، خالاس!
ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنلەش-سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى» 1950-يىلى «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەمكارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نامىدا قۇرۇلغان. 1956-يىلى ئاندىن ئۆز نامىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنلەش-سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مەزكۇر كوپىراتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى» دا دېھقانلارنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى «كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىش» نامىدا تارتىۋېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەزكۇر كوپىراتىپ تەرىپىدىن يەرلىرى تارتىۋېلىنىپ، ئەينى دەۋردىكى بىڭتۈەن ئىگىلىكىدىكى ئاتالمىش دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەمچى بولۇشقا مەجبۇر بولغان. مەسىلەن، ئۆكتەبىر تىراكتور زاۋۇتى، 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر شىركىتى، 1-ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، ئۇن زاۋۇتى، يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى… ۋەھاكازالارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ۋە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار، دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنىسى مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە كوپىراتىپلارنىڭ «قايتا تىرىلىشى» دىققەت قىلىشىمىزغا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىش جەريانى بىلەن كوپىراتىپ تۈزۈمىنىڭ «تىرىلىش» جەريانى ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولۇشى سەۋەبسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە!
بىز بۇ سەۋەبنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاي يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان «كەنت دەرىجىلىك تەمىنلەش-سېتىش مۇلازىمەت پونكىتى» نىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسىگە قاراپ باقايلى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەنبەلىرىدە «يېزا دەرىجىلىك تەمىنلەش ۋە سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيەسى: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يەرلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى مەركەز قىلىدۇ. دېھقانچىلىقتىكى تېرىش ۋە يىغىۋېلىشتىن تارتىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش، ماركا قويۇش ۋە سېتىپ چىقىرىشقىچە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ» دېيىلگەن.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلماقچى بولغان 500 دانە «تەمىنلەش-سېتىش كوپىراتىپى» نىڭ نىشانى يەنىلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەرلىرىدىن ئايرىش دېيىشكە بولىدۇ.
خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان يەرلەرنىڭ كۆلىمى بىر مىليون مودىن ئاشقانىدى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ سانى 28 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، كوپىراتىپلارغا ئەزا قىلىنغان دېھقانلارنىڭ سانى 1 مىليون 806 مىڭ 100 بولۇپ، دېھقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 38 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.
خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى دەل 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئوخشاشلا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، يوقىتىلغان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان، تۇتقۇن قىلىنغان، لاگېرغا قامالغان، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن كوللېكتىپ كۆچۈرۈلگەن ۋاقىتلار ئىدى. دېمەك، يۇقىرىقى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدا تىلغا ئېلىنغان يەرلىرىدىن ئايرىلغان ئىككى مىليونغا يېقىن دېھقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىدە گەپ يوق! شۇنداقلا بۇ دېھقانلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاققۇنلىرى، خىتاي كارخانىلىرىدىكى قۇل ئىشچى، لاگېر، تۈرمىلەردىكى سىياسىي جىنايەتچى. . . ۋەھاكازالاردىن ئىبارەت. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ دېھقانلارنىڭ قىسمەتلىرى شەخس بىلەنلا چەكلەنگەن بولماستىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، پەرزەنتلىرى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ زور كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كوپىراتىپلارنى كۆپەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى پۈتۈنلەي يەرسىزلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقى ئېنىق! چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يىلتىزى دەل يەرگە ۋە تۇپراققا باغلانغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىدۇر. ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قوغدىغۇچىلىرىدۇر. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يوقىتىش، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدۇر!
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.