مەلۇم بولۇشىچە، كۇچانىڭ ئۇزۇن بازار سېغىز سۆگەت كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت.
مەزكۇر كەنتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2001-يىلى كۇچا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ساقچى باشلىقىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى دەل مۇشۇ سېغىز سۆگەت كەنتىدە يۈز بەرگەن. سېغىز سۆگەتتىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى قاھار بارات ئەپەندى، خىتاينىڭ سېغىز سۆگەتتە ساقچى باشلىقى چېن پىڭنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ساقچى خادىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ساقچى باشلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنى خىتاينىڭ سىنا تورىدا 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرمۇ دەلىللىمەكتە. خەۋەردە دېيىلىشىچە، كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 6 -كۈنى ئىزدىلىۋاتقان ئاتالمىش تېررور گۇماندارلىرىدىن بىر قىسمىنىڭ سېغىز سۆگەتتە يوشۇرۇنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن يەنى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 4:30 مەزگىلىدە ساقچى باشلىقى چېن پىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 50 نەپەر ساقچى خادىمى ئابدۇسايىم قۇربان باشچىلىقىدىكى 3 نەپەر گۇماندارنى يوشۇرۇنغان قورۇسىدا قورشاۋغا ئالغان. ساقچى باشلىقى چېن پىڭ قورۇ ئىشىكىدىن كىرىشىگە گۇماندارلار خىتاي ساقچىلىرىغا قارىتىپ قول بومبىسى ئاتقان، چېن پىڭ ئەتراپىدىكى ساقچىلارنى چېكىنىشكە يەنى قېچىشقا بۇيرۇغان، ئۆزىمۇ ئىشىك يېنىدا دالدىلانغان. بۇ چاغدا گۇماندارلار ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقىپ چېكىنىۋاتقان ساقچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. ساقچى باشلىقى چېن پىڭ كۆكسىگە ئوق تېگىپ نەق مەيداندا ئۆلگەن؛ يەنە بىر نەپەر ساقچى يارىلانغان. خىتاي ساقچىلىرى سان ۋە قورال جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئابدۇسايىم قۇربان باشلىق 3 گۇماندارنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. خىتاينىڭ سىنا قاتارلىق تورلىرىدا ئەينى چاغدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئۆلگەن ساقچى باشلىقى چېن پىڭنىڭ 47 ياش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ توقۇنۇش مەيدانىدا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشى قەھرىمانلىق دەپ تەسۋىرلەنگەن ھەمدە سەپداشلىرىنى توقۇنۇشتىن چېكىنىشكە بۇيرۇشى بولسا سەپداشلىرىنى قوغداش دەپ تەرىپلەنگەن. خەۋەردە ئابدۇسايىم قۇربان قاتارلىق 3 گۇماندار ئېتىلغاندىن كېيىن يەنە، ۋەقەگە چېتىشلىق 11 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى يېزىلغان؛ ئەمما ئابدۇسايىم قۇربان ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ كىملىكلىرى ۋە شۇ قېتىمقى توقۇنۇشتىن ئاۋۋال ئېلىپ بارغان ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
مانا بۇ قانلىق ۋەقە بىلەن نۆۋەتتە سېغىز سۆگەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى ئارىسىدا بەلگىلىك باغلىنىش بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سىياسىي كۆزەتكۈچى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي دائىرىلىرى سېغىز سۆگەتنى قاتتىق زەربە بېرىش ۋە مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىدە نۇقتىلىق كەنت قىلىپ بېكىتىپ، ئۆلگەن ساقچى باشلىقى چېن پىڭنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.