ئاتالمىش «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» نىڭ ماھىيىتى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى ئويدۇرمىسى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە تاراتقۇلىرىدا «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» دەيدىغان بىر ئاتالغۇ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلماقتا، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر بارلىق مەزمۇنلار بۇ رامكىغا باغلاپ شەرھلەنمەكتە.

ئاتالمىش «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» دېگەن بۇ يېڭى ئاتالغۇ نۆۋەتتە شى جىنپېڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتنىڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئالاھىدە تەكىتلىنىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى نېمە ئۈچۈن «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ۋە ئۇنىڭ خىتايچە تەبىرىنى كۆتۈرۈپ چىقتى؟ بۇ ئاتالغۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي غەرەز ۋە مەقسەت زادى نېمە؟

خىتاي تىلىدا «كۇنلۇن» (昆仑) دەپ ئاتالغان مەركىزىي ئاسىيادىكى بۇ ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئەسلى نامى «قۇرۇم» تاغلىرى بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئەجدادلىرى بۇ تاغ تىزمىلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىكى قارامتۇل رەڭنى بەلگە قىلىپ، ئۇنى «قۇرۇم» تاغلىرى دەپ ئاتىغانلىقى مەلۇم. «قۇرۇم تاغلىرى» نىڭ يەنە بىر تارمىقى «قاراقۇرۇم» دەپ ئاتالغان بولۇپ، خىتايچىدا ئۇنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «كالاكۇنلۇن» (喀喇昆仑) دەپ ئاتىغان. قۇرۇم تاغلىرى غەربتە پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىنى بويلاپ شەرقىي-جەنۇب يۆنىلىشى بويىچە تاكى تىبەت ئېگىزلىكىگىچە سوزۇلىدۇ. ئومۇمىي. ئۇزۇنلۇقى 3000 كىلومېتىرغا سوزۇلىدۇ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، قۇرۇم تاغلىرى تاجىكىستان، ئافغانىستان، ئۇيغۇر ئېلى، پاكىستان، ھىندىستان ۋە تىبەت قاتارلىق بىر قانچىلىغان دۆلەت ۋە رايونلار كېسىپ ئۆتىدۇ. قۇرۇم تاغلىرى ئاسىيا قىتئەسىدىكى مەشھۇر تاغلاردىن بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلگەن. ئۇ مەركىزىي ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقىنى جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقى (ھىندىستان يېرىم ئارىلى) دىن ئايرىپ تۇرىدىغان تەبىئىي جۇغراپىيەلىك توسۇق ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» دەيدىغان يېڭى ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە ئۇنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە باغلاپ ئىزاھلىشى، بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى گېئو-سىياسىي مەنپەئەتىنىڭ ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتنى نۇقتا قىلغان چېگرا خەۋپسىزلىكى ۋە كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان.

20-ئەسىردىكى غەرب گېئو-سىياسىي ئىلمىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولغان (Halford John Mackinder) خالفورد جون ماكىندېر 1904-يىلى «دۇنيا مەركىزى بەلبېغى» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە، قايسى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى ئەۋزەللىككە ئىگە بولسا، شۇ دۆلەت دۇنيانىڭ مەركىزى بولالايدۇ ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئاسانلا كونترول قىلالايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» دەيدىغان بىر ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغا مەلۇم جەھەتتە خىتاينىڭ تارىختىن قالغان «كۇئېنلۇن ئەپسانىسى مەستانىلىقى» سەۋەب بولسا؛ يەنە بىر جەھەتتىن قۇرۇم تاغلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا تۇتقان ئىستراتېگىيەلىك ئورنى سەۋەب بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇم تاغ تىزمىلىرىنى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى بەلبېغى بولۇشقا ھەقلىق دەپ قارىغان ۋە ئۆزىنى «دۇنيانىڭ مەركىزىي بەلبېغى» نى كونترول قىلىپ تۇرغان خوجايىن ھېسابلىغان.

«يېڭى بېيجىڭ خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 2023-يىل 26-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، «كۇئېنلۇن مەدەنىيەت ئابىدىسى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتىكى ئىشەنچلىك ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاينىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايان قىلىشتىكى كۆزنەك» دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» نى ئۇيغۇر ئېلىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىقى خوتەن رايونى نىشان قىلغانلىقى مەلۇم. قۇرۇم تاغلىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى بۆلىكى خوتەن قاش تېشى چىقىدىغان ئاساسلىق مەنبە رايون بولۇپ، قاش تېشى تارىختىن بۇيان خىتاي مەدەنىيىتىدە ئۇلۇغلانغان، سىمۋوللاشتۇرۇلغان ۋە سىرلىقلاشتۇرۇلغان بۇيۇمدۇر. شۇڭىمۇ تارىختىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىرىدىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالىرىغىچە قاش تېشىنى ئۇلۇغلايدىغان، ئۇنى بايلىق ۋە قۇدرەتنىڭ سىمۋولى قىلىدىغان ئادەت داۋاملاشقان. مەنچىڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ گومىنداڭ ۋە كوممۇنىست خىتايغىچە دۆلەت تامغىلىرىنى خوتەن قاش تېشىدىن ئويدۇرىدىغان ئەنئەنە شەكىللەنگەن. شۇڭىمۇ خىتاي ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە قاش تېشى چىقىدىغان قۇرۇم تاغلىرىنى ئىلاھلاشتۇرىدىغان، ئۇنى خىتايلارنىڭ ئەپسانىۋىي ئىلاھى شىۋاڭمۇ (غەربىي بۇزرۇگۋار ئانا) تۇرىدىغان جاي دەپ تەسۋىرلەيدىغان رىۋايەتلەر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى تارىختىكى قۇرۇم تاغلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە-رىۋايەتلەر بىلەن بۈگۈنكى گېئو-سىياسىي مەنپەئەتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئېرادىكى ئاتالمىش «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» نى كۆتۈرۈپ چىققان.

بۇندىن باشقا خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردە خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا «كۇئېنلۇن مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى»، «ئۇدۇن تەتقىقات ئىنستىتۇتى»، «جۇڭخۇا قاشتېشى مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى» ۋە «خوتەن بۇددا مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى» قاتارلىق تۆت تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە، بۇ مەركەزلەرنىڭ ۋەزىپىسى «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» نىڭ مەنىۋىي ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سىمۋوللىرىنى مەدەنىيەت جەھەتتىن شەرھلەش، تولۇقلاش ۋە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.

شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» نى ئۇيغۇر ئېلىگە باغلاپ شەرھلەش ئۇرۇنۇشى، تۈرلۈك يوللار بىلەن خوتەن دىيارىدا يارىتىلغان بۇددا مەدەنىيەت مىراسلىرى، خوتەننىڭ قاشتېشى، يىپەك، گىلەم قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىغا خىتاي مەدەنىيەت رامكىسىنى كىيدۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە، خوتەن خەلقى ياراتقان بىناكارلىق، تېبابەتچىلىك، گىلەم توقۇش، ئەتلەسچىلىك، قاشتېشىچىلىق قاتارلىق مەدەنىيەتلەر ۋە يەرلىك ھۈنەر-تېخنىكىلارنىمۇ خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە قىلىپ كۆرسىتىشكە؛ يەرلىك ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسىپ ئىگىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ خىتاي تىجارەتچىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە ئۇرۇنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ ئارقىلىق خوتەن دىيارىدىكى قەدىمكى يۇرتلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى خىتاي تارىخىغا باغلاش ۋە خىتايلارنىڭ ئەزەلدىن بۇ جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتەك سىياسىي مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان.

ئۇنداقتا، خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۇ ئۇقۇمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە تەسىرى قايسى جەھەتلەردىن كۆرۈلمەكتە؟

خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاتالمىش «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» نېگىزىدىن ئېيتقاندا، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى» ئىكەن، يەنى كۇئېنلۇن تېغىغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي رىۋايەت-ئەپسانىلىرى خىتاينىڭ داۋجىياۋ تەرىقىتى بىلەن كۇڭزى ئىدىيەسىنى يادرو قىلغان مەدەنىيەتتىن بىخلاپ چىققان ئىكەن.

ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى «يېڭى دەۋردىكى كۇئېنلۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قايتا قۇرۇش» شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ شوئارنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» سىياسىتى بىلەن زىچ باغلاپ ئىجرا قىلماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان سىياسەتلىرىدە بۇ نۇقتا تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەردە گەۋدىلەنمەكتە:

1. ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنى ئاتالمىش «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» گە باغلاش.

خىتاي تارىخچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمكى يېزىقتىكى ۋەسىقىلەرنى «تاغ-دەريالار دەستۇرى» (شەنخەيجىڭ»، «تارىخنامە» قاتارلىق قەدىمكى خىتاي رىۋايەتلىرىدىكى مەزمۇنلارغا باغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىنى خىتايلارنىڭ ئەجدادلىرى سانالغان خۇاڭدى-يەندى نەسلى بىلەن ئوخشاش يىلتىزغا ئىگە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. مەسىلەن، نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان خىتايچە خەت كەشتىلەنگەن يىپەك مۇھاپىزەت يەڭلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە قوغدىلىپ، «غەربىي رايوندا مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ئىپادىسى» ۋە «شەرقىي خەن سۇلالىسى ئىدېئولوگىيەسىنىڭ خوتەن رايونىدىكى كونتروللۇقىنىڭ بەلگىسى» دېگەندەك ئويدۇرمىلارنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق كۈچەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.

2. رىۋايەت-ئەپسانىلەرنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بۈگۈنكى سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىش.

«غەربكە ساياھەت» ، «شى ۋاڭمۇ» رىۋايىتى قاتارلىق خىتاي قەدىمكى رىۋايەت-ئەپسانىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يۇرتلىرىنىڭ تارىخىغا باغلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايچە مەدەنىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ساياھەت ئورۇنلىرى تەسىس قىلىش ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى دېتاللىرىغىچە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈۋېتىش نەيرىڭىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. خەلقئارا ئىلىم دۇنياسىدا بىمەنىلىك بىلەن تولغان ئەپسانىۋىي ئېيتىم ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شىۋاڭمۇ رىۋايىتىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرىغا باغلاپ تەشۋىق قىلىنىشى، خىتاينىڭ تارىخنى بۇرمىلاش ھەرىكىتىنىڭ رىۋايەتلەرگە «كۆچكەن» لىكىنىڭ ئىپادىسى، خالاس.

3. تارىخىي يازمىلارغا باغلاش.

خىتاي تارىخچىلىرى خەن سۇلالىسى ئەلچىلىرىنىڭ 2000 يىل بۇرۇن قەدىمكى خوتەن ئەتراپىغا كېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىنىڭ دەل مۇشۇ قاراقۇرۇم تاغلىرى ئېتەكلىرىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىدەك ئەخمىقانە سەپسەتىلەرنى بازارغا سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، خوتەن ئەتراپىدىكى قەدىمكى «قاشتېشى يولى» ۋە «قاراڭغۇ تاغ» نىڭ ئىزلىرىغا يېڭىدىن خىتايچە ئىسىملار ئويۇلغان ئابىدىلەرنى تىكلىگەن. بۇ ئارقىلىق قاراقۇرۇم تاغلىرىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىش ئېغىزى دەپ قارايدىغان كۆز قاراشنى بازارغا سېلىپ، خىتايلارنىڭ ئەزەلدىنلا بۇ جايلاردا ياشاپ كەلگەنلىكىدەك بىر يالغان تارىخنى ياساپ چىقماقچى بولغان.

خۇلاسىلىگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» نى تىبەت ۋە تىبەتتىكى مۇقەددەس جايلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش تەشۋىقاتى ئارقىلىق، تىبەت رايونىدا خىتايچە ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق تىبەتنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ، مۇستەملىكىچىلىك قەدىمىنى تېزلەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «كۇئېنلۇن مەدەنىيىتى» ئويدۇرمىسىنى بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ماكانلىرىدىن بىري بولغان خوتەن دىيارىنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە باغلاشقا ئۇرۇنماقتا. سىياسىي غەرەز ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ماھىيىتىنى ئاتالمىش «كوئېنلۇن مەدەنىيىتى» دېگەندەك چىرايلىق بېزەكلەر بىلەن ئوراپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنۇشتەك خىتاينىڭ بۇ رەزىل قىلمىشى شەك-شۈبھىسىزكى، دۇنيا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ئاشكارا بولغۇسى.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]