خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۇنمىڭ ھۇجۇمى ھەققىدىكى بايانلىرى: كونا زىددىيەت، يېڭىچە توقۇنۇش

0:00 / 0:00

خىتاي مەتبۇئاتلىرى كۇنمىڭدا يۈز بەرگەن پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ تەشۋىق قىلماقتا ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا ۋەقەنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە جەريانى ھەققىدىلا مەلۇمات بەرمەكتە.

ئەمما خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا، خىتاينىڭ ئەيىبلىمىسىگە ئورۇن بېرىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، 8 نەپەر ھۇجۇمچىنى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندۇرغان قوزغاتقۇچ ئامىللار ھەققىدە توختالماقتا. كۆپ ساندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئورتاق قارىشى بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر تۈرلۈك زۇلۇم سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىدۇر.

تۆۋەندە ۋاشىنگتون پوچتىسى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ئاۋسترالىيە گېزىتى قاتارلىق مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەزمۇنلار سۇنۇلىدۇ.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ۋەقەنىڭ تاسادىپىي بىر ۋەقە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنىڭ مىللىي ئىسيان ۋە مىللىي توقۇنۇشقا سەھنە بولۇشى يېڭى ئىش ئەمەس، بۇ، يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەت. ئەمما بۇ قېتىمقىسى بىلەن ئالدىنقى قېتىمقىسى يەنى كۇنمىڭدىكىسى بىلەن تيەنئەنمىندە يۈز بەرگىنى باشقىچە.» گېزىت بۇ ئىككى ھۇجۇمنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە سىگنال بېرىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن :«بۇ قېتىمقىسى ئىنتايىن سەزگۈر بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى؛ يەنى خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، قورچاق خەلق ۋەكىللىرى، يىللىق يىغىن ئېچىش ئۈچۈن بېيجىڭغا توپلانغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.» ۋاشىنگتون پوچتىسى يەنە، كۇنمىڭ ۋەقەسىنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەسلىدىنلا ناچار بولغان يامان ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خىتاينىڭ باستۇرۇشىنىڭمۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنىڭمۇ كۈچىيىدىغانلىقى ھەققىدە پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاۋسترالىيە گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى مۇنداق : «كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر توقۇنۇشى شى جىنپىڭنى قېيىن ئەھۋالدا قويدى.» شى جىنپىڭنىڭ ئېتنىك زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشكە ئېھتىياجى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەمما، كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى قورقۇنچلۇق ھۇجۇم يەنى 33 كىشىنىڭ پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئەمەلىيەتتە كونا زىددىيەتنىڭ يېڭىچە توقۇنۇشى، يەنى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىشى.» گېزىت يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە نوپۇس نىسبىتىنىڭ يېرىمىگە چۈشۈپ قالغانلىقى، رايوندىكى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن خىتايلارنىڭلا بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق ئېچىنىشلىق رېئاللىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭمۇ ئەمەلىيلەشمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئاۋسترالىيە گېزىتى بۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە بەش تۈرلۈك كۈچلەر بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇلار تىبەتلىكلەر، مۇستەقىلچى تەيۋەنلىكلەر، فالۇنگۇڭلار، دېموكراتچى خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلار؛ ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئەڭ خەتەرلىك دەپ قارىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار.» ئاۋسترالىيە گېزىتىمۇ كۇنمىڭ ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. گېزىت ھۇجۇمنىڭ بېيجىڭدا ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش مەزگىلىگە مەقسەتلىك توغرىلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇلار يەنى ھۇجۇمچىلار، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە سىگنالىنى بېرىپ بولدى. ئەمدى بۇ رەھبەرلەر ئۇزۇندىن-ئۇزۇن يىغىن نۇتۇقلىرىنى قايتىدىن يېزىشقا مەجبۇر بولدى.» گېزىت يەنە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سىياسىي تارىخچى جىم لېيبولدنىڭ پىكرىگە ئورۇن بەرگەن؛ جىم لېيبود مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قېيىن ئەھۋالدا؛ ۋەقە سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنى بەك ئەيىبلىۋېتەي دېسە، مىللىي زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمايدىغان ئىش چىقىدۇ؛ ئەگەر مەسىلىنىڭ مىللىي زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاي دېسە، ئۇ چاغدا پارتىيىنىڭ خىزمىتىنى يەنى ئۆزىنىڭ تۈزۈمى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىنكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.»

ئەنگلىيەنىڭ گۋاردىيان گېزىتى كۇنمىڭ ۋەقەسىدىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ مەقسىتى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقمىغان ھازىرقى باسقۇچتا پەقەت، بۇ ئەر-ئايال ھۇجۇمچىلار كۇنمىڭ ۋەقەسى ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى دېگەننىلا مۇلاھىزە قىلالايمىز. ھۆكۈمەت ھەر قېتىم بۇنداق ۋەقەلەرنى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ۋەزىيىتىدىن مەمنۇن ئەمەس؛ ئۇلار كۈندىلىك ھاياتىدىكى مىللىي كەمسىتىشتىن تارتىپ، دۆلەتنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىلىرىگىچە كۆپ ئىشلاردىن شىكايەتچى. بۇلار ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي كۆچمەن نوپۇسىدىن تېخىمۇ نارازى.»

گۋاردىيان گېزىتى بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرغان: «شۇنداق، بۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ؛ ئەمما ئۇ پۈتۈن شىكايەتلەر ۋە نارازىلىقلارنى تالىبانلار شەكلىدىكى ئىسلامىي بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارنى چەتئەلدىن كېلىۋاتقان خەلقئارا جىھادنىڭ تەسىرى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە پاكىستان، ئافغانىستاننى ئۈندەككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى تاشقى ياردەمدىن توسۇپ قويدى.» گۋاردىيان بۇ ماقالىسىدە، كۇنمىڭ ۋەقەسىنى ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتكەن ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ خىتاي ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گۋاردىيان يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق، ئىسيان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، 19-، 20-ئەسىرلەردە قوزغىلاڭ ۋە ئىنقىلابلار ئارقىلىق مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇتۇۋېلىنغانلىقىنى، يېقىنقى دەۋردىكى ئەڭ زور قانلىق توقۇنۇشنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. گۋاردىيان ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن :«ئۇيغۇرلار، خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي خەلقى تەرىپىدىن بۇرۇندىنلا گۇمان(يامان كۈز) بىلەن قارىلىپ كەلگەن، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.»

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ھەر مىللەت خەلقى ئىناق-ئىتتىپاق دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلىتىپ، خىتاينىڭ بۇ بايانلىرىنى كۇنمىڭدا ئاققان قاننىڭ ئىنكار قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى يەنە، يىللاردىن بېرى، قاتتىق باستۇرۇش، باش كۆتۈرگەن ھامان يانجىش، قىلچە رەھىم قىلماسلىق دېگەندەك فاشىست شوئارلارنى توۋلاپ كەلگەن خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۇنمىڭدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن يۇمشاق ئاۋازلارنىڭ چىقىشقا باشلىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. بۇ گېزىتنىڭ نەقىل ئېلىشىچە، خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسى ئۆز تور بېتىدە خىتاي خەلقىگە خىتاب قىلىپ «نېمە يۈز بەرگەن بولسا بولسۇن، مۇھەببەتكە ۋە ئاق كۆڭۈللۈككە بولغان ئىشەنچىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئادالەتنىڭ كۈچىگە ئىشىنىڭلار» دەپ يازغان؛ خىتاي خەلق گېزىتىمۇ، «ئاچچىقىڭلارنى تېررورچىلاردىن بىر مىللەتكە بۇرىماڭلار» دەپ يازغان.

يۇقىرىدا بىر قىسىم مەشھۇر خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.