1-مارت كۈنى كۇنمىڭدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋەقەنى «مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بۇ بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان ئىدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي ھوقۇقلىرىنى بېرىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق شۇنداقلا ئىلھام توختىغا ئوخشاش زىيالىيلارنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆز قولى بىلەن ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىقنى تاللاشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە باغلانغان تېررورچىلار تەرىپىدىن قىلىنغان ھەرىكەت دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆزىگە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمەسلىكى ۋە بۇ ھەقتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشى ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمايدىغان پەرەز ۋە گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. دۇنيا جامائەتچىلىكى 8 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كۇنمىڭدا مۇشۇنداق زور ۋەقە پەيدا قىلىشىغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتامدۇ، دېگەن سوئالنى مۇنازىرە قىلىۋاتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە رەئىسى نۇر بەكرىلەر بېيجىڭدىكى يىغىن مەزگىلىدە ۋەقە ھەققىدە توختالغاندا بۇنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى، تېررورنىڭ مىللىتى ۋە دىنى يوقلۇقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، تېررورچىلارغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. مۇخبىرلار قىزىقىۋاتقان بۇ كىشىلەر كىم، قەيەرلىك، نېمە ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى قىلدى؟ ئۇلار بۇ ۋەقەنى جىھادچىلىق ئىدىيىسى ياكى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى ۋە ياكى باشقا بىر سەۋەبتىن پەيدا قىلدىمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ھەممىسى جاۋابسىز قالدۇرۇلغان ئىدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ۋال سترىت ژۇرنىلىدا «كۇنمىڭدىكى جىنايەت ھەققىدىكى توغرا جاۋابلار» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى ئەگەر راستىنىلا ئۇيغۇرلار سادىر قىلغان بولسا، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ، چىقىش يولى قويمىغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رابىيە قادىر خانىم ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇنلار ئۈستىدە رادىئومىزدا سۆھبەتكە قاتنىشىپ، كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان بىر قاتار زۇلۇملارنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ مەركىزى دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇ ۋېيچۈنمۇ كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى خىتاينىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي رەھبەرلەر ھەر قېتىملىق ۋەقەدە مانا بۇ ئىدىيىنى كۈچەپ ئالغا سۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن. رابىيە قادىر خانىم ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رابىيە قادىر خانىم سۆھبىتىدە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خاتا سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
رابىيە قادىر خانىم ۋال سترىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپلارنىمۇ قولغا ئېلىپ جىمىقتۇرغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۆكتىچى پىكىرلەرگىمۇ قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. رابىيە قادىر خانىم مۆتىدىل يول ئارقىلىق خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا رۇخسەت قىلىنغان ماددىلار ئاساسىدا ئۆز مىللىتى ئۈچۈن باش قاتۇرغان زىيالىيلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلدى، دېدى. رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خاتا سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە بۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.