مۇتەخەسسىسلەر: «كۈنتاختا يالغۇز مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭلا ئەمەس، يەنە بۇلغىنىشنىڭمۇ مەھسۇلى» (1)

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى كۈندە قۇياش ئېنېرگىيەسىنى بىۋاسىتە شەكىلدە توكقا ئايلاندۇرىدىغان زىيانسىز «يېشىل ئېنېرگىيە» گە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا كېرەكلىك ئاساسلىق ۋاسىتە ھېسابلىنىدىغان كۈنتاختا سانائىتى دۇنيا مىقياسىدا تېز تەرەققىي قىلماقتا. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىنى پۈتكۈل خىتاينى، ھەتتا دۇنيانى يېشىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بازىغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا يەرشارىدىكى كۈنتاختا سانائىتى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زۇلمىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقى مەلۇم. يېقىنقى يىللاردا خىتايدا ئىشلەنگەن ۋە كۈنتاختا ۋە خام ئەشيالىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى قۇللارغا ئايلاندۇرۇشى ۋە ئۇلار سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە باغلىنىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ، دۇنيانى قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتىدە خىتايغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا تايىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇردى.

يېقىندا «دەۋر» ژۇرنىلىدا چىققان بىر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ۋە قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرىنى چەكلىگەن. شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە» ساھەسىدە خىتايغا بېقىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق چەكلىمەكتىكەن. ھالبۇكى ئامېرىكا ھازىرغىچە خىتاي ئېكىسپورت قىلىۋاتقان ئەرزان باھالىق كۈنتاختىلىرىنىڭ ئىككىنچى چوڭ بازىرى بولۇپ كەلگەنىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارىلاشقان كۈنتاختىلارغا دۇنيانىڭ سەزگۈرلۈكى بارغانچە ئېشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇش خەۋپىدىن باشقا ئەمدى يەنە يوشۇرۇن بۇلغىنىش خەۋپى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئەنگلىيە شېفىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلىنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزى بۇلتۇر نويابىردا ئېلان قىلغان «زىيادە ئاشكارىلىنىش» تېمىسىدىكى دوكلاتىدا خىتاي قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتى ۋە ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تەسىرىنى شەرھىيلەپ كۆرسەتكەنىدى. شېففېل ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىنى تەييارلاشقا قاتنىشىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، دوكتور يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاي دۇنيادىكى كۈنتاختا ياساشقا كېرەكلىك بولغان كۆكتاش (پولېيسېلىكون) ئىشلەپچىقىشتا 89% نى ئىگىلەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر رايونى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالغان. تېخىمۇ مۇھىمى «مۇھىت بۇلغىمايدىغان يېشىل ئېنېرگىيە» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان كۈن تاختىلىرى پۈتۈنلەي بۇلغانغان مۇھىتتا «زامانىۋى قۇللار» ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولغاچقا ئۇنى «ئەڭ بۇلغىنىشچان كۈنتاختا» دېيىشكە بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈنتاختىلارنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماي بۇلغىنىشنىڭمۇ مەھسۇلى ئىكەنلىكى 2022-يىلى 15-نويابىر كۈنى «بۆسۈش ئىنىستىتۇتى» ئاقىللار مەركىزى ئېلان قىلغان «قۇياش ئىمپېرىيەسىنىڭ گۇناھلىرى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا شەرھىلەپ بېرىلگەنىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كۈنتاختا ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق سەلبىي ھادىسىلەر سىستېمىلىق شەرھىلەپ چىقىلغان بۇ دوكلاتتا كۈنتاختىلارنىڭ قانداق ناچار مۇھىتتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلئىقى، قەيەردە ياسىلىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىدىن قانداق مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقى، «پاكىز ئېنېرگىيە» ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان خەلقئارا دۇنيانىڭ مۇشۇ خىلدىكى «گۇناھ ۋە رەزىللىك» كە تولغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئىشلىتىشتىن توختىشى لازىملىقى دېگەنلەر كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈن تاختا ياسايدىغان كۆك تاشلارنى تاراشلاش ۋە كېسىپ تەييارلاشقا غايەت زور ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سەرپ بولىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئېنېرگىيەنى زاۋۇتلاردىن يىراق بولمىغان كانلاردىن غايەت زور ساندا كۆمۈر قېزىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. زاۋۇتلارغا كېرەكلىك توك سەرپىياتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور مىقدار كۆمۈر كۆيدۈرۈلگەنلىكتىن ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچلىرى ئىزچىل «قىزىل» ھالەتتە بولۇپ كەلگەن. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، كۆپ قۇتۇپلۇق سانائەت ئەنە شۇ تەرىقىدە بىۋاسىتە كۆمۈر سەرپىياتى يۇقىرى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بىلەن باغلىنىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە مۇھىتقا زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئۇنداقتا كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچلىرى قانداق بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ قايسى باسقۇچلىرىدا بۇلغىنىشنىڭ خەۋپىگە بىۋاسىتە ئۇچرىشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىپ ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى مەلۇم قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

بۇ مۇتەخەسسىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان كۈنتاختا بىلەن خىتاينىڭ مەھسۇلاتىدا ماھىيەت جەھەتتىن چوڭ پەرق يوق بولۇپ، كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى كەم دېگەندە تۆت مۇھىم سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچى سانائەت خام ئەشياسى بولغان سىلىكوننى ئايرىۋېلىپ ساپلاشتۇرۇش جەريانى يەنى كۆكتاش (پولىسىلىكون) ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى؛ ئىككىنچى باسقۇچى كۆكتاشنى يەنە پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۇنى كۆكتاش ياپراقچىسىغا ئايلاندۇرۇش جەريانى؛ ئۈچىنچىسى كۆكتاش ياپراقچىسىدىن قۇياش باتارېيەسى ياساش جەريانى؛ تۆتىنچىسى بولسا قۇياش باتارېيەسىنى قۇراشتۇرۇپ كۈنتاختا ياساش جەريانى. بىر كۈنتاختاسىدا ئادەتتە 60 دىن 80 گىچە قۇياش باتارېيەسى بولىدۇ.

مەزكۇر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئادەتتە كۈنتاختانىڭ زاۋۇت تەرەپ كاپالىتى 25 يىل بولۇپ، 25 يىلدىن كېيىنمۇ ئاز مىقداردا توك چىقىرالايدىكەن. «كۈنتاختىلىرى ئىشلىتىلىشتىن توختىغاندىن كىيىن قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز» دېگەن مەسىلە تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرماقتا. گەرچە كۈنتاختا بۇزۇلغان ياكى چۇۋۇلغاندىن كېيىن ئېقىپ چىققان زەھەرلىك ماددىلار ياكى قالدۇقلىرى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن مۇھىت ۋە ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى چوڭ بولمايدۇ، دەپ مۆلچەرلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا يەنى كۈنتاختىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى بولغان كۆكتاش (پولىسىلىكون)نى ئايرىش باسقۇچى ئەڭ خەتەرلىك بۇلغىنىش باسقۇچى ئىكەن.

دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىۋاتقان كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئاساسەن تەمىنلەش زەنجىرنىڭ بىرىنچى باسقۇچى يەنى كۆكتاش ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى مۇھىم شىركەتلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ 40% تىنى ئىگەللەيدۇ. گەرچە كۈنتاختا ئىشلىتىش جەريانى مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ ۋە چىقىرىدىغان ئىككىلەمچى زىيانلىق مەھسۇلاتلىرى يوق، دېيىلسىمۇ لېكىن كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى غايەت زور مىقداردا ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان بولۇپ بۇ زاۋۇت ئىشلەتكەن توكلار كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ جەريانىدا نۇرغۇن تاشلاندۇق قالدۇقلار مۇھىتنى بۇلغايدۇ.

بۇ ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسنىڭ تەكىتلىشىچە، كۆكتاش ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدىن يېنىپ چىققان سۇ بۇلغانغان سۇ بولۇپ، كېرەكسىز سانائەت قالدۇقلىرىمۇ زەھەرلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى بۇلغانغان ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قاتتىق سانائەت ئۆلچەملىرى بولمىغان خىتايدا ئاشۇ زاۋۇتلارنىڭ قالدۇق سۇ ۋە ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ھەمدە سانائەت ئۆلچەملىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى سوئال پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا كۈنتاختىنىڭ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىلا ئەمەس، ھەتتا يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا بارغانچە كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇۋاتقان كۈنتاختا مەيدانلىرى چىقىرىدىغان بۇلغىنىشچان ماددىلارنىڭ بىر ئەمەس، بىر قانچە ئەۋلادقىچە ساغلاملىق خەۋپى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ «دۆلەتلىك ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەبلەغ سالغان ئىككى يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرى بۇلتۇر 24-ئۆكتەبىر كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلىغان. بۇ قۇرۇلۇشلار ئۈرۈمچىدىكى 600 مىڭ كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيە يورۇقلۇق باتارېيەسى قۇرۇلۇش تۈرىنى ۋە قۇمۇلدىكى بىر مىليون كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيە يورۇقلۇق باتارېيەسى قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قۇرۇلۇش تۈرى ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي قۇربان توڭغۇت چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىكەن. قۇمۇلدىكى بىر مىليون كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيە يورۇقلۇق باتارېيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونىدىكى قۇرۇلۇش بىلەن قوشنا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

يەنە بىر غايەت زور كۈنتاختا بازىسى بولسا، خىتاي دائىرىلىرى كۇچا ناھىيەسىدە قۇرغان «شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» دەپ ئاتالغان قۇرۇلۇش بولۇپ، 2022-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى. بۇ يەر شارى بويىچە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ تۈر، دېيىلمەكتە. بۇ جايدا كۈنتاختىلارنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 9500 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ 900 دىن ئارتۇق پۇتبول مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىغا باراۋەر.

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، 2024-يىللىق «شىنجاڭ كۈنتاختا كۆرگەزمىسى» 2024-يىلى 29-مارتتىن 31-مارتقىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىكەن. بۇ كۆرگەزمىنى رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىز يېڭى ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن يوليورۇقىنى بىجا كەلتۈرۈپ، دۇنيا كۈنتاختا بازىرىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئىكەن.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۆلەملىشىۋاتقان كۈنتاختىلار يەنە كەلگۈسىدە نورمال مەشغۇلاتتىن قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تاشلاندۇقلىرى يەنە قانداق خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىمىزدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىمىزغا قارىتا ئوخشىمىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىتىمىز.