خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئېھتىمالىغا قارشى تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.28
omer-qanat-state-department.jpg مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2018-يىلى 2-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قامىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ھەر كۈنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىيناشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خەلقئارانىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا.

بولۇپمۇ بۇنىڭدا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرى باشلامچىلىق رول ئويناش بىلەن بىرگە، ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ نارازىلىق ئىنكاسلىرى يۈكسەلدى. نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئورتاق تەلەپ بولسا «ئۇيغۇر ئېلىگە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىپ، لاگېرلار ئۈستىدىن بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش» تىن ئىبارەت. 

بىراق، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئېھتىمالغا قارشى تەييارلىق قىلىشقا ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى 27-دېكابىر كۈنى «يەرشارى پوچتىسى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا «خىتاي چەتئەللەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتامدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ مەسىلىدىكى سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. 

ئۇ ماقالىسىدە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھازىر بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ تاملىرىدىكى تىكەنلىك سىملارنى ئېلىۋېتىشكە باشلىغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ تەكشۈرگۈچىلەر كېلىپ قالسا لاگېرلارنى تىلغا ئالماسلىق ھەققىدە تەنبىھ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ يەنە لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە ئىككى مىليون كىشى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىدىيە ئۆزگەرتىش تەربىيىسىگە سېلىنغىنى ئاز دەپ، ئەمدىلىكتە بۇ تۇتقۇنلارنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى» ئاشكارىلانغانلىقىنى، دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا «كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى» دەپ چۈشەندۈرۈۋاتقان بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە «ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان» «مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى» ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرېۋ خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ: «ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا ‹زامانىۋى قۇللۇق› دەپ ئاتىلىدىغان بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ»، دېدى. ئۇ سۆزىدە «خەلقئارادىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ئائىت قانۇنلاردا بىر كىشىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا، ئۇنى مەلۇم بىر ئورۇندا مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن» دەپ كۆرسەتتى. 

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئەدلىيە ساھەسىگە قارايدىغان بولۇپ، ئىلگىرى خىتايدا يولغا قويۇلغان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» سىستېمىسىنىمۇ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئىجرا قىلغان ئىكەن. 

ئۆمەر قانات ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە، لاگېرلاردىكى نەچچە يۈزمىڭلىغان تۇتقۇننىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلارنى تەكشۈرۈش ئېھتىمالىغا قارىتا قىلىۋاتقان تەييارلىقى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، «بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ناھايىتى قاتتىق مەخپىي يوسۇندا يۆتكىلىشى تولىمۇ ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بېشارىتى»، دېگەن.

لۇئىسا گىرېۋ خانىم بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدىغان ئېغىر مەسىلىلەر بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: «لاگېرلاردا يېتىپ چىققان شاھىتلارنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ يەردە تۇتقۇنلارغا ئۇلارنىڭ كاللىسىنى تورمۇزلاپ خامۇش قىلىپ قويىدىغان دورا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئاياللارغىمۇ ئۇلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالدۇرۇلىدىغان دورا بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا ئوكۇل ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش مەسىلىسىدۇر، مانا بۇلار بىزنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا» دېدى. 

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاشكارىلىنىۋاتقان مانا مۇشۇنداق ئۇچۇرلار خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئورگانلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەلەپنى ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ۋە شۇنداقلا كانادا، فىرانسىيە، دانىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە، نورۋېگىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق15 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىرلىكتە ئىمزالىق مەكتۇپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا يەنە، ھىندونېزىيەدىكى ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرىمۇ ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يېزىش ئارقىلىق خىتاينى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.