29-فېۋرال ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ساماۋەر چايخانىسىدا لاگېر ھاياتى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى رومان «خەير-خوش قۇياش» نىڭ ئىمزالىق سېتىش پائالىيىتى ۋە روماندا تەسۋىرلەنگەن لاگېر ھاياتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ روماننىڭ ئاپتورى ياش يازغۇچى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان بولۇپ، ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن شېئىر ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ كەلگەن ئىكەن.
روماندا ئارسلان ۋە رەيھاندىن ئىبارەت ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ھايات ھېكايىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، لاگېر شاھىتلىرى تەمىنلىگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى ھايات، خورلۇق، كەمسىتىلىش جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلار، قىسقىسى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەر تەسۋىرلەنگەن.
بۇ رومان 2018-يىلىدىن بىرى ھەر خىل يوللار بىلەن لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلاردىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە ئۆمۈربېك ئالىي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى يىپ ئۇچى قىلغان بولۇپ، روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ لاگېردا تارتقان كۈلپەتلىرى راست ھېكايىلەرنى بەدىئىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا يورۇتۇلغان.
ساماۋەر چايخانىسىدىكى سۆھبەتكە لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن كېلەلمىگەن. ئاپتور مۇيەسسەر خەندان روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە يېزىش مەقسىتىنى سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشقان. سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلار بۇ روماننىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان ئازابلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئاپتورغا رەھمەت ئېيتىشقان.
روماننىڭ ئاپتورى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمىنى خاتىرىگە ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاگېردا ئۈن-تىنسىز ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان تۇتقۇنلارنى ئەسلەش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر خاتىرە خاراكتېرلىك ئەسەرنى يازغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ بىرى لاگېر ھاياتىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن بالىلىرى بىلەن بىر كۈن لاگېر تامىقىغا ئوخشايدىغان قاتتىق موما ۋە سۇيۇق ئۇماچ ئىچكەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇ روماننى يازغانلىقىمدىن رازى بولدۇم. چۈنكى مەن مۇشۇ رومانىم ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاشۇ لاگېردا يېتىۋاتقانلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولالىسام، خۇش بولىمەن!»
سۆھبەتكە قاتناشقانلار ئاساسەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ياشلار بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسىنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ياكى بىر قانچە كىشى ئاشۇ روماندا تەسۋىرلەنگەن لاگېرلارنىڭ تۇتقۇنلىرى ئىكەن. ئۇلار روماننى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاشۇ لاگېردا يېتىۋاتقانلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
رومان ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدىكى سوئال سوراش باسقۇچىدا ئوقۇرمەنلەر ئاپتوردىن روماندا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەردىن ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان بىرىنىڭ قايسىلىقىنى سورىغاندا، ئاپتور ئەسەردىكى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەقىقىي ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تەسىرلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت مۇشۇ ساماۋەر چايخانىسىدا يېقىندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن، قاتناشقۇچىلار سانى كۆپ بولغان بىر قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ، تۈركىيەدىكى ياشلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياشلار گۇرۇپپىسىدىكى ئابدۇرىشىت بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا بىر سەھنە لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەشكىلاتلار ۋە ياكى شەخسلەرنىڭ ياشلارغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرلىرى بار بولسا ۋە بىز ئۇنى مۇۋاپىق دەپ قارىساق، پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمىز. بۇ روماننى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئوقۇشى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقىمىز، ياشلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە يازغۇچىلارغا ئىلھام بولۇشى ئۈچۈن بىز بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق.»
سۆھبەتتە ياش يازغۇچى خەنداندىن «بۇ روماننىڭ ئاخىرى بارمۇ، كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىز ھەققىدە ئۇچۇر بەرسىڭىز؟» دېگەندەك سوئاللار سورالغان. خەندان بۇ روماننىڭ ئاخىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە قويۇپ قويغانلىقىنى، كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ باشقا يېڭى بىر تېمادا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە رومان ئۈچۈن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن لاگېر شاھىتلىرىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ روماننىڭ سېتىلىشى ناھايىتى تىز بولۇپ، نەشردىن چىقىشىغىلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار زاكازنى باشلىۋەتكەن. لاگېر ھەققىدىكى بۇ تۇنجى رومان ھازىر تۈركچىگە ۋە ئىنگلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىۋېتىپتۇ.
0:00 / 0:00