ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى دۇنيانىڭ نەزىرىدىن مەخپىي قالالامدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىياردىكى جازا لاگېرلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ يىل ئاۋغۇستتا خىتاي دىپلومات خۇ لىيەنخې ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش «جازا لاگېرى» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس دېگەن ئىدى. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى ئىنكار قىلىشتىن ئۇنى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئاخىرىدا پەردازلاپ كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرىغا سۆز قىلىپ، «چەتئەل ئاخباراتلىرىدا دېيىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى› ئەمەلىيەتتە ‹كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى›دۇر، بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى رايوندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە ھەرخىل تەنھەرىكەت تۈرلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى قۇرۇلغان. ياتاقلارنىڭ ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزور قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن. بۇ بىر دەم ئېلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئارامبەخش جايدۇر. . .» دېگەن.

يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ فىلىملىك تەشۋىقاتى خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بېرىلگەن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئىچكى مەنزىرىسى» تېخىمۇ پەردازلاپ كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر سىن خەۋىرىدە «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دە تەربىيىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يامان يولغا مېڭىپ كەتكەنلىكى، تەربىيە قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىدىيە قاراشلىرىدا ئالاھىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكى» بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئالىي مۇھەررىرى خۇ شىجىن تۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «كەسپىي تېخنىكا تەربىيە مەكتەپلىرى» نى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇ مەكتەپلەرنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلاردا دېيىلگەندەك جازا لاگېرى ئەمەسلىكى ھەققىدە جار سالغان ھەمدە «تەربىيەلەنگۈچى» لەرنىڭ ۋاسكېتبول، ۋالىبول ۋە مىللىيچە ئۇسسۇللارنى ئويناۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تارقاتقان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئەستايىدىل قاراپ كېلىۋاتقان بەزى پائالىيەتچىلەر بۇ مەنزىرىلەرنى «سەت ئادەمنىڭ يۈزىگە گىرىم قىلىپ ئۇنى چىرايلىقلاشتۇرغانلىقى» غا ئوخشاتقان. كانادادىكى بېرىتانىيە كولومبىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى ئوقۇغۇچىسى شاۋىن جاڭمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا شۇ سىن كۆرۈنۈشى تارتىلغان مەكتەپنى سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ، نۇرغۇن پەرقلەرنى بايقاپ چىققان. ئۇنىڭ سېلىشتۇرمىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «تەربىيەلەنگۈچى» لەر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەيدانغا ئاز دېگەندە 4-5 ئىشىكتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتا كۆزىتىش مۇنارلىرى بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ خالىغانچە پائالىيەت قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. يەنە بىر قىزىقارلىق نۇقتا شۇكى، ۋاسكېتبول مەيدانىغا بىر تال پالاس سېلىنىپ بېزەلگەن. ئەمەلىيەتتە لاگېرنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر مەيدانمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.

شاۋىن جاڭنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىشىدە دىققەتنى تارتىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭ رايوندىكى لاگېرلار بىلەن تۈرمىلەرنى پەرقلەندۈرۈشىدۇر. يېقىندىن بۇيان خىتاي تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى بىلەن ھەقىقىي تۈرمىنىڭ تىپىك پەرقىنى بىلىشمۇ قىيىن بولماقتا. شاۋىن جاڭ بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، لاگېرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، كۆپ قىسمى شەھەردىن يىراق، كەڭ ۋە ئوچۇق بىر دائىرىگە سېلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ساندىكى لاگېرلارنى ئۇنىڭ ئادرېسى، دەرۋازىسىنىڭ سانى ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرىغا قاراپلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا رادىيومىزدا بىر تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىچىخار شەھىرىدىكى تەيلەي تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. بۇ ئۇچۇر رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ قەشقەر توققۇزاقتىكى بىر ساقچى خادىمى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى داۋامىدا ئاشكارىلانغان ئىدى. شاۋىن جاڭ مۇشۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى كۆپلەپ قۇرغىنى بىلەن تۈرمىلىرى ئۇنچە جىق ئەمەس. مېنىڭچە، ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن تۇتقۇنلارنىڭ 2 پىرسەنتتىن 5 پىرسەنتىگىچە بەلگىلىك قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئاساسىدا جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئۇنچە جىق ئادەم سىغمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن گەپ.»

يۇقىرىدىكى مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرخىل ياسالمىلىقلار بىلەن لاگېرلارنى ئاۋۋال ئىنكار قىلىش، ئاندىن قىسمەن ئېتىراپ قىلىش، ئاخىرىدا ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتەك بىر-بىرىگە زىت بولغان جەريانلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىقماقتا. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھەرقانچە تەدبىر قوللانسىمۇ، لاگېرلار مەسىلىسىنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ قېلىشقا پۈتۈنلەي ئىمكانسىز ئىكەن. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ بۇنداق بىر بىرىگە زىت بولغان ئىنكاسلىرى تاشقى دۇنيانىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ قىلىۋاتقان بىر ھەرىكەتمۇ؟ خىتاي مۇشۇنداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ قالالامدۇ؟ بىز شاۋىن جاڭدىن بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارنى ئۇنىڭغا قامالغان تۇتقۇنلارنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى لاگېرلارنى توختىماستىن پەردازلاپ كۆرسىتىشتۇر. سىز قانداقسىگە خىتاي بولمىغان بىر مىللەتنى ئۆزى خالىمىغان ئاساستا خىتاي ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلىشقا كۆندۈرەلەيسىز؟ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نى باھانە قىلىپلا ئۇيغۇر مىللىتىنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلسا، ئېنىقكى رايوندا تېخىمۇ خەتەرلىك بىر ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، ئاۋام خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشلار پەيدا بولىدۇ.»