خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى ئاقلاش ھەرىكىتى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ لاگېر تەشۋىقاتىغا ئوخشىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.10.26
magnus-fiskesjo-lager-heqqide-twit.jpg كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيونىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىست لاگېرلىرىنى ئۇيغۇر لاگېرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان تۋىتتېردىكى يازمىسى. 2018-يىلى 19-ئۆكتەبىر.
Social Media

1930يىللاردىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدىكى تەشۋىقاتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى ئاقلاش تەشۋىقاتىدىكى ئوخشاشلىقلار كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تەسىس قىلغان «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنى دەسلەپتە پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان بولسا، بۇ ھەقتىكى ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنىڭ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىسمەن ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان زور ساندىكى لاگېرلارنى «ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن تولۇق بولغان تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى» ئىكەنلىكىنى، بۇ «مەكتەپلەر» نىڭ «ئارامبەخش» جايلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن خۇشال-خۇرام ھالدا «راھەت» كە تولغان «تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى» دە دۆلەت تىلى، قانۇن دەرسلىكلىرى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەدەپ رەسىم ۋە سىن فىلىملىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى. خىتاي ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا تارقىتىلىۋاتقان بۇ تەشۋىقاتلار ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1930-يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىمۇ يەھۇدىيلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازا لاگېرلىرىنى ئاقلاشتا دەل مۇشۇنداق تەشۋىقات ئۇسۇلى قوللانغان ئىكەن. ئۇلارمۇ ئەينى چاغدا بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى» دەپ ئاتىغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سېلىشتۇرما رەسىمىنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان ئىككى تارىخىي دەۋردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىق كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

بىز بۇ ھەقتە پروفېسسور ماگنۇس فىسكەسيو ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سۆھبىتىمىزدە ميۇنخېن سىرتىغا جايلاشقان داخاۋ جازا لاگېرلىرىغا ئائىت خاتىرە كۆرگەزمىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللاردا كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي تۇتقۇنلىرى لاگېرلىرىنى خىتايغا ئوخشاشلا زۇلمەتلىك ئورۇنلار ئەمەس، ئەكسىچە كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن كەسپىي تەربىيە ئالىدىغان جاي سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىللاردا ناتسىستلار ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنى ئالدىن تەييارلانغان، سەھنىلەشتۈرۈلگەن جايلارغا غەلىبىلىك ھالدا تەكلىپ قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنى رەسىمگە تارتقۇزۇپ خەۋەر ئىشلەتكەن. بىر قىسىم ئاخباراتلار ھەقىقەتەن بۇ تەشۋىقاتلارغا ئىشىنىپ خەۋەر تارقاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھازىر دەل مۇشۇ تەشۋىقاتنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. مەن بۇ ئوخشاشلىققا دىققەت تارتىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمدە ئۆزىنىڭ ئاخباراتلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، ئۇلار ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا دۇنيا بۇ تەشۋىقاتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك.» 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا بۇ ئاتالمىش «تېخنىكا ئۆگىتىش مەكتەپلىرى» دە ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى ۋە باشقا تۈرلۈك كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، بۇ چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. نۇرغۇن غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلارنى ئاقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پاكىتلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پروفېسسور ماگنۇس فىسكەسيو ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نۇرغۇن داڭلىق زىيالىيلار، ئاكادېمىك-تەتقىقاتچىلار، بايلار، سەنئەتچىلەر ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ لاگېرغا تۇتۇلغانلىقىدەك بىر پاكىتنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا زىتلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەلۇم كەسىپ ۋە ساھەدە ئاللىقاچان ئۆز ئورنىنى تېپىپ بولغان، بىلىم ئۆگىتىدىغان ۋە نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەرگە يەنە نېمە ئۆگىتىدۇ؟ مەنچە بۇ ھەربىر كىشى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ناھايىتى كۈچلۈك بىر پاكىت. يەنە بىر ئامىل بولسا ‹كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى› دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلارغا قېرى-ياشانغان كىشىلەرنىڭمۇ تۇتۇلۇشىدۇر. نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا شۇ لاگېرلاردا ئۆلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ئىشەنچلىك خەۋەرلەر بار. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ خۇددى يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاش. بۇ ياشانغان كىشىلەرنىڭ ‹كەسپى تەربىيىلەش ئورنى› دا نېمە ئىشى بار. ئۇلار بۇ ياشقا كەلگەندە نېمە ئۆگىنىدۇ؟ مانا بۇنىمۇ خەلقئارا بىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ياشانغانلارنى جازالاش، ئۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن ئۇلارنى لاگېرغا سولاۋاتىدۇ.»

پروفېسسور ماگنۇس ئەپەندى ئەينى يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى تېپىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشتا بەلگىلىك غەلىبە قازانغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭمۇ شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەپسۇسكى، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە، ھەتتا غەربتىمۇ مۇشۇنداق تەشۋىقاتلارغا ئىشىنىشنى خالايدىغان، ياكى يالغان تەشۋىقاتلار ئۈچۈن ۋاسىتە بولىدىغان كىشىلەر مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ دەل مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ھەرقايسى جايلاردىكى ئاخباراتلارنىڭ، كىشىلەرنىڭ بۇنداق تەشۋىقاتلارغا سوئال قويۇشىنى، ئوبيېكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىشىگە ئۈمىد بېرىدىغىنى، نۇرغۇن چەتئەل ئاخباراتلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ. مەن سىلەرگە بۇ خىزمىتىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى بۇ بەك مۇھىم. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە ئوخشاش ئاكادېمىكلەر ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ ئېغزىنى يۇمدۇرۇپ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇۋاتقانلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىمىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار بىز خالىغىنىمىزنى قىلالايمىز، دەپ ئويلايدۇ. بىز ھەرگىز بۇنىڭغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىيەتلەرنى قېزىپ چىقىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈشىمىز، بۇ مەسىلىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى داۋاملىق ئاخباراتتا تۇتۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.