كۆزەتكۈچىلەر: ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە چاقىرىلغان دىپلومات ۋە مۇخبىرلار خىتاينىڭ تەشۋىقات «پېچكىسى» بولۇپ قالماسلىقى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.01.11
lager-yasalma-ussul.jpg 12 دۆلەت دىپلوماتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئورۇنلاشتۇرۇلغان» زىيارىتى جەريانىدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» دىكى ئۇسسۇل سەنئەت پائالىيىتى. 2019-يىلى 5-يانۋار، خوتەن.
REUTERS

خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، ئافغانىستان، تايلاند، كۇۋەيتتىن ئىبارەت 12 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى ئۆتكەن ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەنلەرگە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يۇقىرىدىكى ئورۇنلاردىكى ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ زىيارەتلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. بۇ تەشۋىقاتلار ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى مەخسۇس تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات ئۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن. 

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلار بۇ زىيارەتنى «بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ قايتا تەربىيە مەركەزلىرى ھەققىدىكى ئاساسسىز خەۋەرلىرى ۋە ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان جاۋاب» دەپ كۆرسەتكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» بۇ زىيارەت ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە بەزى دىپلوماتلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. مەسىلەن، خەۋەردە مالايشىيانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد خۇسەينى شاھىراننىڭ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن: «مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە كېلىشىم، ئىلگىرى ئاساسلىقى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىن شىنجاڭنى چۈشەنگەنىدىم، ئەمما بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى چىن، ئوبيېكتىپ ئەمەس ئىكەن، مەسىلەن: شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىگە بوھتان چاپلاپتۇ ۋە قارا سۈركەپتۇ، كۆرگەندىن كېيىن بىلدىمكى، ئىشلار ھەرگىزمۇ ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەسكەن.»

ئامېرىكىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى ماگنۇس فىسكەسيو خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دۆلەت ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ زىيارەتكە ئائىت خەۋەرلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىنى قانداقتۇر پەقەتلا غەرب ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى پەقەت غەرب مەتبۇئاتلىرى، پەقەت غەرب ئاخباراتلىرى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق دېيىش ئارقىلىق غەربنى بۇ مەسىلىدە يالغۇز قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ تاكتىكىسى. ئۇلار بۇ تەنقىدلەر خۇددى غەربتىنلا كېلىۋاتقاندەك رەڭ بېرىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى ئىنسانلارنى-ياكى ھىندونېزىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئامما ئۈستىدە ئۇلار خۇددى غەربكە قارشى خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكتەك تۇيغۇ پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. 

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «خەلق گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە يۇقىرىدىكى دىپلوماتلارنىڭ زىيارەتلىرى داۋامىدا بۇ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش خىزمىتىنى ماختىغانلىقىنى بازارغا سالدى. مەسىلەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندونېزىيە، قازاقىستان دىپلوماتلىرى ئۇ ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى» نىڭ شارائىتلىرىنى ۋە بۇ ئورۇنلار بېرىۋاتقان ئۈنۈمنى ماختىغان. خەۋەردە قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى كابازايېف ماناربېكنىڭ «مەن بىر قىسىم خەۋەرلەرنى كۆرگەن، نەق مەيداننى كۆرگەندىن كېيىن، تامامەن ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇ يەردە ئىنتايىن راھەت مۇھىت بار ئىكەن» دېگەنلىكى، ئافغانىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى سەيىد ھەبى براھماننىڭ ھەتتا «شىنجاڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان پايدىلىق سىناق ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدىكەن» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

ماگنۇس فىسكەسيو ئەپەندى سۆزىدە ئەگەر يۇقىرىدىكى دىپلوماتلار ھەقىقەتەن شۇنداق دېگەن بولسا بۇ تولىمۇ «يىرگىنچلىك» دېدى. ئۇ سۆزىدە «مەن شىنخۇا تورىنىڭ بۇ زىيارەت ھەققىدىكى خەۋىرىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنىڭدا بەزى دىپلوماتلارنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن شۇ نەقىل ئېلىنغاندەك سۆزلەرنى قىلغان بولسا بۇ تولىمۇ يىرگىنچلىك. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ زىيارەتنى ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىش بولغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ بۇ دىپلوماتلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى ئۆز تەشۋىقاتىغا ماسلاشتۇرغانلىقتەك ئېھتىماللىقنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدا ھىندونېزىيە دىپلوماتىنىڭ بۇ مەركەزلەردىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ. ئافغانىستانلىق دىپلومات›بۇرۇن كەلگىنىمدە يەرلىك خەلقلەر بىكار يۈرەتتى، ھورۇنتى، ھازىر ئالدىراشكەن‹دېگەندەك يەرلىك خەلقلەرنى مەسخىرە قىلغان سۆزلەرنى قىپتۇ. بۇ سۆزلەردىن ئىشغالچى كۈچلەر بۇرۇندىن تارتىپ يەرلىكلەر ھەققىدە ئىشلىتىپ كەلگەن تەشۋىقات پۇراپلا تۇرىدۇ. مەن بۇ دىپلوماتلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بۇرمىلانغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئۇلار خەۋەرلەرنى ئوقۇغان بولسا ۋە ئۇ سۆزلەرنى قىلمىغان بولسا دەرھال بۇ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىشى كېرەك». 

ماگنۇس ئەپەندى سۆزى داۋامىدا، بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىلغان دىپلوماتلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئاپىرىلغان بۇ ئورۇنلارنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تۈزەشتۈرۈلگەن ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس تاللانغانلىقى، ئۇ جايدىكىلەرنىڭ قاتتىق تەنبىھ بېرىلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي نېمە دەپ تەنبىھ قىلغان بولسا، شۇنى دەيدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ: «بۇ دىپلوماتلار بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەقىقىي لاگېرلار ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان بىر ئويۇنلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ‹مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئەمەلىيەت مۇنداقكەن› دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتسە ئۇ ھالدا ئۇلار خىتاينىڭ پېچكىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىنىشىغا سېلىپ بەرگەنلىك بولىدۇ ۋە مەنچە بۇ تولىمۇ نومۇس قىلارلىق بىر ئەھۋال». 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىدىكى دىپلوماتلاردىن سىرت يەنە، خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلاردىن رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە پاكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئاخبارات خادىملىرىنىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ ئوخشاش ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. قازاقىستاننىڭ «كاز-ئىنفورم» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ زىيارەت 3-5 يانۋار كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان. 

يۇقىرىدىكى بۇ زىيارەت كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان بولغاچقا ئامېرىكىنىڭ CNN تېلېۋىزىيىسى رايونغا بارغان رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەن بلەنچاردنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۆزىگە لاگېر دەپ كۆرسەتكەن ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ئىشەندۈرگەنلىكىنى سورىدى. رويتېرس مۇخبىرى سوئالغا جاۋاب بېرىپ؛ «بۇنداق زىيارەتلەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ راست، قانچىلىكىنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىش قىيىن. بىز بۇ ئورۇنلاردىن بىرىگە بارغاندا ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە كېيىن ئىنگلىزچە ناخشا ئوقۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدىغاندەك تۇراتتى. . .» دېدى. بىراق ئۇنىڭ بۇ جاۋابى تۋىتتېردا بەزى قوللانغۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار بۇ رويتېرس تارقاتقان ۋىدىيولاردىكى «تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ» كۆزىدىن ئۇلارنىڭ ئېنىقلا يادلىۋالغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق تۇرمامدۇ» دېدى. 

ماگنۇس ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىدا رويتېرس مۇخبىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «رويتېرس مۇخبىرىنىڭ بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلماسلىقى مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى. CNN رىياسەتچىسى ئۇنىڭدىن بۇ ئورۇنلار سەھنىلەشتۈرۈلگەنمۇ؟ سىلەر زىيارەت قىلغانلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغانمىكەن، دەپ سوئال سورىسا، ئۇ بۇ سوئاللارغا «شۇنداق» دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، مۈجمەل جاۋاب قايتۇردى. مەنچە بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق. چۈنكى خىتايدا شۇنچە يىل ئۇزۇن خىزمەت قىلغان تەجرىبىلىك بىر مۇخبىرنىڭ ۋە رويتېرسقا ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم خەۋەرلەرنى ئىشلىگەن بىر ئورۇننىڭ مۇخبىرىنىڭ بۇنى ئېنىق دېيىشتىن ئىككىلىنىشى بەك قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. مەنچە بۇ زىيارەتنىڭ پۈتۈنلەي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر زىيارەتلىكىنى دېيىش زىيارەتكە بارغان بارلىق ژۇرنالىستلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئەگەر سەن ئۇنداق قىلالمايدىكەنسەن، ئۇ ھالدا سەن بۇ زىيارەتكە بېرىشنى رەت قىلىشىڭ كېرەك». -

ماگنۇس ئەپەندى مەيلى رايونغا بارغان دىپلوماتلار بولسۇن ياكى ژۇرنالىستلار بولسۇن ھەممىسىنىڭ بۇ مەسىلىدە يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن ئىش كۆرۈشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئەمەلىيەتنى سۆزلەشكە قەتئىي قادىر بولالمىسا، ئۇ ھالدا ئۆزىنىڭ سۆزلىمەسلىك ياكى ئىپادە بىلدۈرمەسلىك ھوقۇقىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.