لى جىنىڭ قايتا ئاتتىن چۈشۈشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟

0:00 / 0:00


11 - مارت، چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جىنىڭ قانۇن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن لى جى خىتايدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئاتتىن چۈشكەن ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ 6 - سى بولۇپ قالدى.

لى جى2009 - يىلىدىكى - 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. دائىرىلەر ئەينى چاغدا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمىگەن بولسىمۇ، تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ جازالىنىشىنىڭ 2009 - يىلى - 3 سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان خىتاي ئاممىسىغا قىلغان «مىللىي زىددىيەت سالىدىغان قۇتراتقۇلۇق بايانلىرى»نىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە بىر مەزگىل مۇلاھىزىلەر كۈچەيگەن ئىدى. ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پارىخورلۇقنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ تورىغا چۈشىنىشىنىڭ نېمە ۋە كىملەرگە باغلىنىدىغانلىقى مەتبۇئات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتا مۇنازىرە قوزغىدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىئومىزدا ئۆزىنىڭ قىياس ۋە مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىققىتىڭىز مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ سۆھبىتىدە بولسۇن.