ما شىڭرۈينىڭ «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» چاقىرىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.10.13
ma-xingrui ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ، 2022-يىلى 30-ئىيۇل، ئۈرۈمچى
www.ts.cn

خىتاي ئاخباراتلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 9-ئومۇمىي يىغىنى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي «مەسىلىلەرگە جىددىي قاراش» ۋە «تىغنى ئىچىگە قارىتىش جاسارىتىنى كۈچەيتىش» توغرىلىق مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەن. ئارقىدىنلا «شىنجاڭ گېزىتى» مەخسۇس تەھرىرات ئوبزورى ئېلان قىلىپ، «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» توغرىلىق داۋراڭ كۆتۈرگەن. بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان چەت ئەلدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كۈنسايىن قەبىھلىشىشىگە قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ جىددىي تۈس ئېلىشى، خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

دەرۋەقە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە چىن گاڭنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ قايتىدىن تەيىنلەنگەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ «قارا قۇتا» لىق ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ (RFI) بۇ يىل 10-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا قىسمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋۇ گوخۇانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، ئەمما خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى باش شىتابىنىڭ ئۇنى «مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلدى» دەپ ئېلان قىلىشىدەك يەنە بىر زور ۋەقە، خىتاي ئارمىيەسى ئىچىدىكى ئىختىلاپ ۋە يەڭ ئىچىدىكى كۈرەشلەرنى يەنىمۇ ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.

كانادادا ياشاۋاتقان «دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى شېڭ شۆ خانىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن نۆۋەتتىكى «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» سىياسىتىنىڭ شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ ئىيۇل ئېيىدىن بۇيانقى يۇقىرى دەرىجىلىك قاتلاملىرىدا يۈز بەرگەن ئىچكى قالايمىقانچىلىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە مۇستەملىكە سىياسىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن:

«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتكۈل دۆلەتنى كونترول قىلىدىغان سىياسىي ماشىنىسىدۇر. ئۇ بارلىق ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈۋالغان بىر زوراۋان تەشكىلاتتۇر. كومپارتىيەنىڭ خۇددى باندىتلىققا ياكى مافىيەگە ئوخشايدىغان ئىچكى قۇرۇلمىسى بار. مەلۇمكى، خىتايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە تەسلىم بولغان، ئۇنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا مەنپەئەتلىنىۋاتقان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلىرى مەۋجۇت. ھالبۇكى، كومپارتىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان، ئۇلارغا تەسلىم بولغان، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار مەيلى قايسى كىشىلەر توپىغا ۋە ياكى قايسى مىللەتكە مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كومپارتىيە بۇ كىشىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. ھازىر بىز خىتاينىڭ ئىچكى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز. يەنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ نەچچە ئاي يوقاپ كېتىشى، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ غايىب بولۇشى، ئۇندىن باشقا يەنە خىتاي ئارمىيەسى راكېتا قىسمىنىڭ پۈتكۈل رەھبەرلىكىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قاتارلىقلاردىن خەۋەر تاپتۇق. شۇڭلاشقا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى بارلىق رايونلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى ۋە مۇستەبىت سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مافىيە قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش مۇشۇ خىلدىكى قارا گۇرۇھلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. »

شېڭ شۆ خانىم يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئالاھىدە ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ رايوندا چېكىدىن ئاشقان كونترول قىلىش ۋاسىتىلىرىنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى.

«ئەمەلىيەتتە، شى جىنپىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئىنتايىن گۇمانخور بىر مىجەز-خاراكتېرى بار. بۇ يەردىكى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىنى بىر ھەرىكەتچان پارتلاتقۇچ بومبا دەپ قارايدۇ. شۇڭا شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئالاھىدە ئەنسىرەيدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ چېكىدىن ئاشقان كونترول قىلىش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. ئەمما بۇ خەلقنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز. چۈنكى ئامېرىكا ۋە كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ نورمال بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ھەتتا دوستانە رىقابەتلىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا بىز خىتاينى پۈتۈن دۇنياغا، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ھاكىمىيەت، دەپ قارىشىمىز كېرەك. »

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى شىزىئوكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Shizuoka University) ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، موڭغۇل تەتقىقاتچى، موڭغۇل تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس ئوخنوس چوگتۇ (ياڭ خەييىڭ) ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، خىتاينىڭ مەيلى ئۇيغۇر رايونىدا بولسۇن ياكى ئىچكى موڭغۇل، تىبەتتە بولسۇن، «بىر قېتىمدا مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش» (一劳永逸) ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، خىتايدىن باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى يوقىتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:

«بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) مەسىلىسىنى ‹بىر قېتىمدا ھەل قىلىپ تۈگىتىش› سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداقلا خىتاي ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا ھېچقانداق مەسىلە يوق دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشىغا قىلچە پەرۋا قىلماستىن، شەرقىي تۈركىستاندا ھەممىنى ‹بىر قېتىمدا ھەل قىلىش› ئىستراتېگىيەسىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي بارلىق ھەل قىلىش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ‹مەسىلە› نى مەڭگۈ ھەل قىلىشنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بۇ قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق تۈپتىن ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئاخىرقى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى شۇكى، ئۇ ئۆزىگە زىيانلىق دەپ قارىغان بارلىق كۈچلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر سىگنالدۇر. بۇ ۋەجىدىن مەن ھەرقاچان شۇنى تەكىتلەيمەنكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا، ئىچكى موڭغۇلغا ۋە ياكى باشقا چېگرا رايونلارغا ئەۋەتىلگەن مەيلى تىلەمچىسى بولسۇن ياكى سەرخىللىرى بولسۇن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قوللايدۇ. بىز بۇنى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەك. »

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەن ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» سىياسىتىنىڭ، جۈملىدىن شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئومۇمىي رەھبەرلىكىنى قوغداش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» تەك بۇ بىر قاتار يوليورۇقلىرىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى سىياسىي ھەرىكىتىدە تەكىتلەنگەن مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. خې ئەنچۈەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ئەزەلدىن شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت سىياسىي ئويۇنى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قاتلاممۇ-قاتلام كۈچەيتىپ بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي شەكىلۋازلىققا تولغان بۇ خىلدىكى يەرلىك پارتىيە كومىتېتى يىغىنلىرى ئارقىلىق، يەرلىك رايونلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەتتە تەسۋىرلەپ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقىنى ئالۋاستى قىلىپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى ‹تېررورلۇق ھەرىكىتى› دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىر خىتايدا ‹جاسۇسلارنى تۇتۇش› چاقىرىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ يوقاپ كېتىشىدەك غەلىتە سىياسىي ۋەزىيەت مەۋجۇت بولماقتا. بۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى بارلىق كىشىلەرنى خەتەرلىك دەپ گۇمان قىلىشىدەك كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەنە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىچىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇ دېمەككى، شى جىنپىڭ ئۇ ئۆزى ئىشىنىپ ئۆستۈرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ۋە سىياسىي بىيۇرودىكى كاتتىباشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە شى جىنپىڭغا بولغان شەخسىي ساداقەتمەنلىكىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شى جىنپىڭنىڭ ھازىر قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكىدىن گۇمانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ھازىر شى جىنپىڭنى ھەتتا ئۆزىدىنمۇ گۇمانلىنىدۇ، دېسەك خاتا بولمايدۇ. بىز نۆۋەتتە خىتاينىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقانلىقىنى، شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيەگە بولغان ساداقىتىدە دەز كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. »

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 9-ئومۇمىي يىغىنىدا ئاتالمىش «تىغنى ئىچىگە قارىتىش» چاقىرىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق بولمايۋاتقانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنىڭ بىر بېشارىتى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.