پروفېسسور ما خەييۈننىڭ مۇلاھىزىسى: «تەڭرىتاغدا پەرۋاز قىلغان سۇمۇرغ» نىڭ چولتا بايانلىرى (3)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015.12.14
xitay-herbiy-maniwer-terror-qarshi.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 2-ئىيۇل، قۇمۇل.
ImagineChina

«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ مۇخبىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى دىنىي ئېتىقاد، «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق دەپ قارىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ھەر دەرىجىلىك سېكرېتارلاردىن ئون نەچچە كىشىنى زىيارەت قىلغان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ يۈننى زىيارەت قىلغاندا ئۇ مۇخبىرلارغا يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەلۇم ساندىكى ئەسەبىي «ئۇنسۇرلار»نىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە قەتئىي زەربە بەرمەي بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇ قاتاردا ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلاردىن نەچچە ئونلىغان كىشى، جۈملىدىن قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى، قوشۇمچە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جۇ شۆبىڭ «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ مۇخبىرلىرىغا بىردەك ئۇيغۇر رايونىدا ئىزچىل يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» ئاساسىدىكى قاتتىق بېسىملىق سىياسەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مىسلىسىز زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى رايون ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «قاتتىق زەربە بېرىش» ئارقىلىق يول ئېچىش ھازىرقى ۋاقىتتا مۇقەررەر تاللاش ئىكەن، «قاتتىق زەربە بېرىش» بولمىغاندا مەيلى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بولسۇن ياكى ئاممىۋى خىزمەت بولسۇن ھېچقايسىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلەش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. بىز ئۇيغۇرلار رايونىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتەك ئەڭ ئەقەللىي تەدبىرگە باش قاتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئىزچىل تۈردە «قاتتىق جازا» شەكلىدىكى مۇشۇنداق ئۇسۇلغا يېپىشىۋالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا پروفېسسور ما خەييۈن بۇنىڭ روشەن سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور ما خەييۈن مۇنداق دېدى: «ئۇلار تىلغا ئالغان ‹قاتتىق زەربە بېرىش› نىڭ ئەمىلى ئەھۋالى سەل باشقىچە، يەنى بۇنىڭدا ھە دېمەيلا بىر چوڭ مەسىلىنى بايقاش مۇمكىن. چۈنكى خىتايدا ‹قاتتىق زەربە بېرىش› پائالىيىتى باشلانغان دەسلەپكى يىللاردا جىنايى ئىشلارغا، جۈملىدىن قاتىللىق، باسقۇنچىلىق دېگەندەك قىلمىشلارغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما بۇ ھەرىكەت شىنجاڭدا تەدبىقلانغاندا بولسا تېزلا بىر تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالدى. يەنى ‹قاتتىق زەربە بېرىش›نىڭ ئوبيېكتى ئاساسەن جىنايى ئىشلارغا دائىر جىنايەتلەر ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش ‹ئۈچ خىل كۈچلەر›نى تازىلاش مەقسەت قىلىندى. شۇڭا ئۇ شىنجاڭدا باشلانغاندىلا جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەت بولمىدى، ئەكسىچە، بىر تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەت تەرىقىسىدە ھەرقايسى جايلارغا كېڭەيدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ھۇجۇم ئوبيېكتى قىلغان. شۇڭا بۇ خىل ‹قاتتىق زەربە بېرىش› يولغا قويۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا چاتاق چىقىشقا باشلىغان. چۈنكى، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ‹قاتتىق زەربە بېرىش› ھەرىكىتىدە ئاساسلىق قىلىپ نوقۇل ھالدىكى جىنايى ئىشلارغا دائىر قىلمىشلار نىشان بولغان بولسا، شىنجاڭدا بۇ ھەرىكەت سىياسىي خاراكتېرنى ئالغان ھالدا باشلانغان.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن غۇلام ياغما ئەپەندى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «يېڭىلىق » ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدا دائىرىلەر يەرلىك خەلقىنىڭ«يۈرىكىنى مۇجۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغانلىقى»نى تىلغا ئالدى.

«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ مۇخبىرلىرى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئوبيېكتى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيوڭ شۇەنگونى زىيارەت قىلغاندا «دىنىي ئەسەبىيلىك»نىڭ ئىپادىلىرى قاتارىدا ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇۋېلىشى ۋە ئاياللارنىڭ ھېجابلىنىشى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ مۇخبىرلارغا چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھېجابلىنىش ۋە ياش يىگىتلەرنىڭ ساقال قويۇۋېلىشى دەل «دىنىي ئەسەبىيلىك»نىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان ئىشلار ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ «يۇمشاق» شەكىلدە ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى ئىكەن. بۇنىڭ ئارقىسىغا مىللەتلەر ئارا زىددىيەت پەيدا قىلىش، جەمئىيەتتىكى ئىناقلىققا ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك سىياسىي مۇددىئا يوشۇرۇنغان ئىكەن.

كىشىلەرنىڭ شەخسىي پائالىيەت ئەركىنلىكى دائىرىسىگە مەنسۇپ بولغان ئاياللارنىڭ ھېجابلىنىشى ۋە ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى قاتارلىق ئىشلارغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونى بىلەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىرقەدەر زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان نىڭشيا، گەنسۇ ۋە چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئوخشاش بولمىغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا پروفېسسور ما خەييۈن بۇنىڭ سەۋەبىنى بىرنەچچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇنىڭدا مېنىڭچە مۇنداق بىرنەچچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچىدىن، شىنجاڭ رايونى خىتاي تەۋەسىدىكى ئالاھىدە بىر رايون. چۈنكى بۇ رايوندا دائىرىلەر ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار قانۇنغا ۋە جامائەت پىكرىگە قارشى خالىغىنىنى قىلالايدۇ. ئەگەر ئۇلار شىنجاڭدا قىلغان بۇ خىل ئىشلارنى خىتاينىڭ باشقا ھەرقانداق بىر ئۆلكىسىدە قىلسا مەيلى قانۇن بولسۇن ياكى جامائەت بولسۇن بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇڭا دائىرىلەرمۇ بۇنداق ئىشلارنى باشقا جايلاردا قىلالمايدۇ. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭدا بۇ خىلدىكى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا ئىرقىي مەسىلىلەر مەۋجۇت. چۈنكى ئىرقىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ساقال بۇرۇتى ناھايىتى قويۇق كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇڭا خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساقال بۇرۇتلۇق بولۇشى خىتايلاردىكى ئەرلەر كوسا بولۇشتەك ئەھۋال بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ساقال بۇرۇت قويۇش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن بەكمۇ نورمال بولغان بىر ھادىسە. مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ ئىرقىي ھادىسە ئاسانلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن باغلىنىپ قالغان. شىنجاڭ خىتايدىكى «تېررورلۇققا قارشى ئالدىنقى سەپ» دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا يەرلىك دائىرىلەر نېمە دېسە شۇ راست بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئىرقىي ئالاھىدىلىك ۋە دىنىي ئالاھىدىلىك ساھەسىگە مەنسۇپ بولغان نۇرغۇنلىغان نورمال ھادىسىلەرنى زەربە بېرىشنىڭ نىشانى قىلىۋېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا بۇنى شىنجاڭدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى پائالىيەتتە بەزى قارىغۇلارچە باشلانغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىڭ ئىنكاسى دېيىشكە بولىدۇ.»

بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا قارىتا غۇلام ياغما ئەپەندى بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقاد بويىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى، يەرلىكتىكى دائىرىلەرنىڭ بۇنى چەكلىگەنسېرى ئۇنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ مۇخبىرلىرى 2015-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇلغان «ئاممىۋى سورۇنلاردا چۈمبەل ئارتىشنى مەنئى قىلىش» ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملارنىڭ باشقا جايلارغا كېڭەيتىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سورىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيوڭ شۇەنگو بۇنى ئىنكار قىلمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.