ما شڭرۇينىڭ «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى تەكتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.03.29
ما شڭرۇينىڭ «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى تەكتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. 2022-يىلى 25-مارت، ئۈرۈمچى.
wlmq.gov.cn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇ ۋاستىلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت جەريانىدا ئۇ شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكتلىگەن.

ما شىڭرۇي «شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» دە قىلغان سۆزىدە، دىنىي ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى، قانۇن-نىزام تەشۋىقات تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتوتىدا قىلغان سۆزىدىمۇ يوقىرىقى بىر قاتار نۇقتىلارنى قايتا تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۇي ئ‍ۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن بۇيان، «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش» دېگەندەك سىياسىي شۇئارلارنى ئىزچىل ھالدا تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئۇ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق دىن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت زىيارەت قىلدى. 2022-يىلى 25-مارت، ئۈرۈمچى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت زىيارەت قىلدى. 2022-يىلى 25-مارت، ئۈرۈمچى.
wlmq.gov.cn

خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىمۇ «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش» توغرىلىق مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ ياڭ، ما شىڭرۇي قاتارلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى بىردەك تەكتلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ زىيارەتنىڭ «تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلماسلىقى» نى ئالدىنقى شەرت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشاش بىر مەزگىلدە ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» تا چىڭ تۇرۇشنى كۈچەپ تەكتلىشى، كۆزەتكۈچىلەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات پروگرامما ئالىي مەسئۇلى پېتېر ئېرۋىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىغا ۋە دىنىي ساھەگە قاراتقان باستۇرۇشلىرى يورۇتۇلغان ‹ئىسلام بىر تەرەپ قىلىندى-خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىماملىرى ۋە دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى› ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى داۋاملىق كۈچىيىپ بارماقتا. خىتاي بەزى جايلارنى ب د ت نىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئاچقان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىدۇ. ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەيران قىلىنغان 16 مىڭ مەسچىتلەرنىڭ ئورنىنى، ئۆيىدە قۇرئان ساقلىغانلىقى ۋە بالىسىغا ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكە تىرىشقانلىقى سەۋەبلىكلا لاگېرلارغا سولانغان تۇتقۇنلارنى كۆرسەتمەيدۇ. تەكشۈرگۈچىلكەرگە ھېچ بىر ئۇيغۇر ئەركىن-ئازادە گەپ قىلالمايدۇ. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ دىنغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ھازىرلىغان سەھنىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە دىنىي ساھەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.»

پېتېر ئىرۋىڭ يەنە ما شىڭرۇينىڭ «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نى تەكتلىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› دىگەن بۇ سۆز، ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش دېگەنلىكتۇر. بولۇپمۇ بۇ سۆزنىڭ پارتكوم سېكرېتارى تەرىپىدىن تەكتلىنىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى بىز دىگەننى دەيسەن، بىز دېگەننى قىلىسەن، دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونتروللۇقىغا ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خىتاي بىلەن كېلىشكىنى بويىچە ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلسا، پۈتكۈل جەرياننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق كونتروللۇقى ئاستىدا بولىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا بىز ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ بۇ زىيارىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىمىزنى ئوچۇق بايان قىلغان ئىدۇق.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بايراملىرىنى تەبرىكلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا رامىزان مەزگىلى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەڭ قاتتىق تەقىپكە ئۇچرايدىغان بىر مەزگىل بولۇپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈش، دىنغا قارشى ئۇرۇش ئېچىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇرقى رامىزاندا قىسمەن جايلاردا ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتۇشقا، مەسچىتكە كىرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان؛ ھېيتگاھ مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنى ساماغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەتتا ئىماملارنىمۇ ئۇسسۇلغا سالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ روزا ھېيت مەزگىلىدە بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ دېپلوماتلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىغان تەشۋىقات سەھنىلىرى ئىدى، خالاس.

ۋاشىنگىتوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما مەسئۇلى ئارسلان ھىدايەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ رامازان ئېيى يېتىپ كېلىشنىڭ ھارپىسىدا دىنىي ساھەدە كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئىلگىرىكى سىياسىي تەشۋىقات ئالدامچىلىقىنى قايتا ئويناشنىڭ تەييارلىقى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارسلان ھىدايەت ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە روزا تۇتۇش ياكى ھەج قىلىشتىن سۆز ئېچىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقىمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۆزىنىڭ يالغان تەشۋىقاتى ۋە ياسالما سەھنىلىرى بىلەن ئالداپ كېتەلىسە، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشتا يەنە بىر كوزېرغا ئىگە بولغان بولىدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.