«ما شىڭرۈي دەۋرى» دىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى
2022.05.23
ئۇيغۇر دىيارىدا چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ما شىڭرۈينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقىنىغا يېرىم يىل بولدى. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپىسىدىن توختىتىلىپ، ما شىڭرۈي ئىسىملىك گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سابىق ئۆلكە باشلىقىنى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەنلىكى خىتاي ئاخباراتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا قىلغان تۈرلۈك بېسىم، جازا تەدبىرلىرى يولغا قويۇشى بىلەنلا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن بۇ خىل ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ھادىسىسى، خەلقئارادا ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا تۈرلۈك قىياسلارغا سەۋەب بولغانىدى. ھەتتا نۇرغۇن ئانالىزچى ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ ھادىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان بېسىمىنىڭ روشەن نەتىجىسى دەپمۇ خۇلاسىلىگەن. ئۇنداقتا ما شىڭرۈي دەۋرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە چېن چۈەنگو دەۋرىدىكىدىن پەرقلىق ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ ئۇ ھالدا بىز ئالدى بىلەن ما شىڭرۈي ۋە چېن چۈەنگو دەۋرىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى.
2016-يىلى 8-ئايدا چېن چۈەنگو ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كۈنىدىكى نۇتقىدا ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ۋەجىدىن ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا ئۇيغۇر دىيارىدا ئالدى بىلەن 30مىڭدىن ئارتۇق ساقچى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كوچا-كويلىرىغا قەدەمدە بىر تەكشۈرۈش پونكىتى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ ۋەزىپە تۇتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ سانى 7300 دىن ئارتۇققا يېتىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاتالمىش «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرى» قاپلىدى. ئىككىنچىدىن، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىغا، كومپىيۇتېرلىرىغا نازارەت دېتاللىرىنى مەجبۇرىي قاچىلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇسادىرە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېسىپ تاشلىدى. ئۇيغۇر دىيارى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارا بېرىش كېلىشىدىن تارتىپ، شەھەر، رايون، ھەتتا كوچا ئاتلاپ سىرتقا چىقىشىغىچە تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئالاھىدە كىنىشكا يەنى «ياخشى پۇقرا كىنىشكىسى» بولمىغانلارنىڭ رايون ئىچىدىكى ئەركىن بېرىش-كېلىشلىرى چەكلەندى. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنى جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدە تۈرگە ئايرىلىپ، ئارخىپلاشتۇرۇلغىنى بويىچە، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېرغا، تۈرمىگە قاماشنى باشلىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاجىز، ياشانغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ، ئاتالمىش ياشانغانلار لاگېرىغا قامالدى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بولسا تۆمۈر رىشاتقا، سىم تورلار بىلەن تۆت ئەتراپى قامال قىلىنغان ئاتالمىش ياتاقلىق يەسلى، مەكتەپ، ئەمەلىيەتتىكى بالىلار لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلىندى. ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي كارخانىلىرىغا قۇل ئىشچى قىلىپ سېتىلدى. . . . . . . . . . . . ئۇيغۇرلار تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇزغۇنچىلىق، زۇلۇم ۋە قاباھەتلەر چېن چۈەنگو دەۋرىدە دۇنيانىڭ كۆزىدىلا ئوچۇق-ئاشكارا يۈز بەردى.
2021-يىلى 12-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگونىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىپىسىدىن توختىغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، گۇاڭدۇڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى ما شىڭرۇينىڭ ئالمىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ما شىڭرۈي شۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ خىزمەت نىشانى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا شى جىنپىڭغا مەڭگۈ ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ۋەدىسىنى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلىغانىدى: 1. پارتىيەگە بولغان ساداقەتتە چىڭ تۇرىدىغانلىقى، بايرىقىنى روشەن قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىدىيە، سىياسەت ۋە ھەرىكەتتە شى جىنپىڭنى مەركەز قىلغان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايدىغانلىقى؛ 2. يېڭى دەۋردىكى خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى توغرا ۋە مۇكەممەل ئىجرا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ تىنچ ۋە مۇقىم ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى؛ 3. ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى؛ 4. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پرىنسىپىدا تەۋرەنمەي، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى. يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئەمەلدار ئۆلچىمى ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ لاياقەت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى كادىرلارنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر بىرىگە باغلانغان، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئومۇملۇقنى ئورتاق نىشان قىلغان، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى كادىرلار قوشۇنى بىلەن سىياسىي خىزمەت مۇھىتى يارىتىش؛ 5. سىياسىي ئىنتىزام ۋە قائىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرىغا ئاساسەن، ئىشنى ئۈنۈمى، نەتىجىسى بىلەن قىلالايدىغان بولۇش. . . ۋەھاكازالار.
دەرۋەقە، مەيلى چېن چۈەنگو بولسۇن ياكى ما شىڭرۈي بولسۇن ھەر ئىككىلىسىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىدا، شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سادىق چاكىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. چېن چۈەنگو شۇ ۋەدىسىنى شى جىنپىڭنىڭ كۈتكىنىدەك ئورۇنلىغانىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندا شى جىنپىڭ ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن، ما شىڭرۈيمۇ چېن چۈەنگو دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئاتالمىش «ئاسان قولغا كەلمىگەن مۇقىملىق» نىڭ بۇزۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مانا بۈگۈن ما شىڭرۈينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگىنىگە يېرىم يىل بولدى. ئۇ كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا چېن چۈەنگو دەۋرىدىكىدىن پەرقلىق ھادىسىلەر بارلىققا كەلدىمۇ؟ خۇددى ما شىڭرۈي ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىغا قەدەم باسقاندىن بۇيان ئىزچىل سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئاتالمىش «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى داۋام قىلىپ كەلدى. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبتىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئازايتىش، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي ماكانلىرىنى چېقىش، باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايلارغا سىڭدۈرۈۋېتىش، لاگېرلارغا داۋاملىق قاماش، قۇل ئىشچى قىلىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش. . . . . . . . . . . . قاتارلىقلار چېن چۈەنگو دەۋرىدىن بۈگۈنگىچە ئىزچىل داۋام قىلدى.
2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە قىسمەن يوشۇرۇن قىرغىنچىلىقتىن، ئاشكارا قىرغىنچىلىققا ئۆتۈشتىكى مۇھىم دەۋر بولغانىدى. تاكى 2021-يىلىغا كەلگۈچە ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشيەن ۋە چېن چۈەنگودىن ئىبارەت «بىرىنچى قول شىنجاڭ ئەمەلدارلىرى» ئۇيغۇر دىيارىدا «قاتتىق ۋاسىتە بىلەن باشقۇرۇش(ۋاڭ لېچۈەن)»، «يۇمشاق ۋاسىتە بىلەن باشقۇرۇش (جاڭ چۈنشيەن)» ۋە «يىلتىزىدىن يوقىتىش(چېن چۈەنگو)» تىن ئىبارەت سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەنىدى. لېكىن بۈگۈن ما شىڭرۈي بولسا ئون نەچچە يىل ئاۋۋالقى ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەزىيىتى» دىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان، «ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىدى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە قويۇلغانىدى. دېمەك، ئۇيغۇر دىيارى ئاللىبۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغىنىدەك مۇقىم ۋە تىنچ بىر ماكانغا ئايلانغان بولۇپ، ما شىڭرۈي دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت خەۋەرلەردە ئىقتىسادقا ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باياشات تۇرمۇش يارىتىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك، خۇشال-خۇرام، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت تەشۋىقاتلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلىشى سەۋەبسىز ئەمەس ئەلۋەتتە.
بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قاپلىشى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا ئائىت قانۇنلارنى ئېلان قىلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق كارخانىلار، مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە كىرىشىنى چەكلىشى قاتارلىق خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ما شىڭرۈينىڭ ئالدىغا قويۇلغان يېڭى مەسىلە بولۇپ، ما شىڭرۈينىڭ بۈگۈن خەلقئارانىڭ خىتايغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان سەلبىي قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشتىنمۇ مۇھىم ۋە جىددىي ۋەزىپىسى يوق. يەنى، ما شىڭرۈينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم خىزمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى دۇنيانىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇپ قېلىش.
ما شىڭرۈي گەرچە ئۇيغۇر دىيارىغا 2021-يىلى يۆتكىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش نامراتلىقنى يوقىتىش سىياسىتى نامىدا باشلانغان بولۇپ، 2014-يىلىدىكى ئاتالمىش «ئىككىنچى نۆۋەتلىك مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، يەنى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان، ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن.
ما شىڭرۈي 2007-يىلىدىن تارتىپ «خىتاي ئالەم تېخنىكىسى گۇرۇھى شىركىتى» نىڭ پارتكوم سېكرىتارىلىق ۋە باش دىرېكتورۇلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بولسا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ھەربىي سانائەت كارخانىسىدۇر. بۇ كارخانا 2021-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك قارا تىزىمغا ئېلىنغان 59خىتاي ئۇچۇر-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
2014-يىلى ما شىڭرۈي گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانىدى. ئاتالمىش «ئىككىنچى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 12ۋىلايەت ۋە ئوبلاستى بۆلۈپ بېرىلگەندە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا مەسئۇل قىلىنغان. 2014-يىلى 4-ئايدا ما شىڭرۈي گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆمەك باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن. ئۇ قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، تېبابەت، پەن-تېخنىكا. . . . قاتارلىق ساھەلىرىنى مەبلەغ، كارخانا، ئىختىساسلىق خادىملار ئارقىلىق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. دەرۋەقە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئاتالمىش شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىدە يېڭىچە ئۇسلۇب يارىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا قۇل ئىشچى قىلىپ سېتىلىشى قاتارلىق تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىدە ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.
بولۇپمۇ ئادرىئان زېنز 2020-يىلى ئېلان قىلغان «نەنكەي دوكلاتى» دىكى خوتەن ۋىلايىتىدىن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا سېتىلغان ئۇيغۇر قۇل ئىشچىلىرىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. مەسىلەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئاتالمىش شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش نامىدا يۇقىرىدا ما شىڭرۈي تىلغا ئالغان مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكا، تېبابەت. . . . . قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ياردەم سىياسەتلىرى» نى يولغا قويغان بولۇپ، «نەنكەي ھۆججىتى» دىكى گۇاڭدۇڭغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى دەل «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان.
دېمەك، ما شىڭرۈي خۇددى ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چۈنشيەن ۋە چېن چۈەنگولارغا ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان. ما شىڭرۈي دەۋرىدە قاتتىق باستۇرۇش، چوڭ تۇتقۇنلارنىڭ بولماسلىقى، ما شىڭرۈينىڭ يېڭىچە سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئاۋۋالقى يىللاردىكى ئىرقىي قىرغىنىچىلىق سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنى باش كۆتۈرۈش ئىمكانلىرىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىدىندۇر خالاس!
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.