دوكتور ئادرىيان زېنىز: «ما شىڭرۈي ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ»
2021.12.27
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 25-دېكابىر كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ باشقا ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ئۆلكە باشلىقى بولغان ما شىڭرۈينىڭ يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
چېن چۈەنگو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا باش رول ئوينىغان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ جازا تەدبىرلىرىگە ئۇچرىغانىدى.
چېن چۈەنگونىڭ دەل ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نى ئىمزالاپ، ئۇنى قانۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن يەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا جىددىي بىر زەربە ئۇرۇلغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېتىلىشى خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى ۋە بۇنىڭ بىر سىياسەت ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقى مۇلاھىزە پەيدا قىلدى.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان تەتقىقاتچى ۋە كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىزنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە ئۇ بۇ ۋەزىپە ئۆزگىرىشىنى سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس، بەلكى ئىجرا قىلىش ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەنچە بۇ مەۋجۇت بېسىم سىياسىتىنى ھازىرقىدەك يۇقىرى تەسىر ۋە يۇقىرى بېسىم شەكلىدە ئىجرا قىلىشتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك كونترول قىلىش ياكى ئۇزۇن مۇددەتتە ئىجرا قىلىش ھالىتىگە ئۆتۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. مەن ئىلگىرىكى دوكلاتلىرىمدىمۇ مۇلاھىزە قىلغىنىمدەك چېن چۈەنگو ئۆزىنىڭ مەۋجۇت پىلاننى ناھايىتى تېزلىكتە ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلالايدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ۋەزىپىنى ناھايىتى تېزلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئادەم. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى ئاپپاراتلىرىنى كۈچلەندۈردى، مەۋجۇت بولغان ‹قايتا تەربىيەلەش› ناملىق تۇتقۇن ھەرىكىتىنى ئەسلىدىكى كىچىك كۆلەمدىن زور كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتتى، ‹كادىرلار ئىنتىزامى› نى مىسلىسز چىڭىتتى. يەنى ئۇ دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇۋاپىق ئادەم. ئەمما ئۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ما شىڭرۈينى يۆتكەپ كېلىشىنى رايوندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە، نوپۇسنى ئۆزگەرتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىنى داۋام قىلغان ئاساستا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ مۇددەتلىك تەبىئىتىدىن قارىغاندا ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ».
ئادرىيان زېنز يەنە ئۆزىنىڭ بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئۈستىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە چېن چۈەنگو ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولدى. سىياسەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈزىلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتتى. بۇ باسقۇچنىڭ مۇھىم نۇقتىنى لاگېرلارغا سولاشتىن مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەش قاتارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسەتلەر ئىدى. گەرچە بۇ باسقۇچ باشلانغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ئەمما ما شىڭرۈي مەنچە بۇ باسقۇچنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىندى».
ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى مالىيەسى ئۈچۈن ناھايىتى زور بېسىم پەيدا قىلغان ۋە بۇ ما شىڭرۈينىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى ئېغىرلاشتۇرغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۇيغۇر ئېلى مالىيەسىنى ھەل قىلىش بولىدىكەن.
دەرۋەقە، ما شىڭرۈي 2017-يىلدىن باشلاپ نوپۇسى ئالاھىدە كۆپ ئۆلكىلەردىن بولغان گۇاڭدۇڭغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇ يەردە «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يولغا قويۇشتا نەتىجە قازانغان رەھبەر» دەپ تونۇلغان. ئۇ، گۇاڭدۇڭغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان چەتئەل مەبلەغلىرى، تەمىنلەش زەنجىرلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا چىقىدىغان «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەسىلىسىگە ناھايىتى پىششىق شەخس ئىكەن.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ئۇ 27-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغاندا ئوخشاشلا «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا سىڭىشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا ئەھمىيەت بېرىش، ۋەزىيەتتە سىجىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ما شىڭرۈينىڭ كېلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق بىر ياخشىلىنىش بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندىمۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەپ كېتىلگەن ھېچقانداق خىتاي ئەمەلدار جازالانمىغان ئەكسىچە ئۆستۈرۈلگەنىكەن. ئۇ «ئۇيغۇر ئېلىگە قويۇلغان ۋاڭ، جاڭ، ياڭلار ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم ئۆزگەرگىنى يوق، ئېغىرلاپ ماڭغان. بۇ قېتىملىق ما شىڭرۈيمۇ زالىملىقتا چېن چۈەنگودىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، قېلىشمايدۇ» دېدى.
مۇلاھىزىلەردىن قارىغاندا، سابىق ئالەم قاتنىشى ئىنژېنېرىلىق ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ما شىڭرۈي كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە قۇرۇلتىيىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان سىياسىي بيۇروسىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ما شىڭرۈي 2007-يىلدىن 2013-يىلغىچە خىتاي ئاۋىئاتسىيە-ئالەم پەن-تېخنىكا ئىدارىسىگە رەھبەرلىك قىلغان. 2013-يىلى سانائەت ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 2015-يىلى شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارلىقىغا، 2017-يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋەزىپىسىگە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ھەم خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن(ماكاۋ) ئىشلىرىنىڭ مەركىزى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.