قەدىمكى ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيەتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان «مائىترى سىمىت»، يەنى «مائىترى بىلەن ئۇچرىشىش» ناملىق سەھنە ئەسىرى 9-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، شەرقىي توخارچە (توخارچە-A) دىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. مەزكۇر ئەسەرنىڭ قۇمۇل نۇسخىسى ھازىرغىچە بايقالغان باشقا نۇسخىلارغا سېلىشتۇرغاندا، نىسبەتەن تولۇق ۋە مۇكەممەلرەك ساقلانغان نۇسخا ھېسابلىنىدۇ. «مائىترى سىمىت» ۋە ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «دۆلەتنىڭ بىباھا ئاسارە-ئەتىقىلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر نەچچە ئەسەرنىڭ بىرىدۇر.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» بۇ يىل مايدا «شەرق ۋە غەربتىن سوراش» ناملىق مەخسۇس سەھىپىلىك پروگراممىسىدا «‹مائىترى سىمىت›نىڭ بايقىلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟» ناملىق سۆھبەت ئېلان قىلغان. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ مۇخبىرى ۋاڭ شياۋجۈن (王小军) مەزكۇر سۆھبەتتە قۇمۇل ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ باشلىقى، ئاتالمىش «تەتقىقاتچى» يەن فېڭ (严枫)نى زىيارەت قىلغان.
قىزىقارلىقى شۇكى، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر سۆھبەتكە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «مائىترى سىمىت» نىڭ خېلىلا ياخشى ساقلانغان بىر بېتىنىڭ رەسىم نۇسخىسى تەتۈر چاپلانغان. بۇ ئەسەرنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ بىر پارچىسى دەپ تەشۋىق قىلىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان بۇ سۆھبەتتە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ ئەسەردىن ئۆرنەك كۆرسىتىشنى ئۇنتۇمىغان خىتاي مۇخبىرى بىلەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ خىتاي باشلىقى، ئۆرنەك ئۈچۈن كۆرسەتكەن بىر بەت رەسىم ھالىتىدىكى قوليازمىنىڭ ئوڭ-تەتۈرلىكىنىمۇ بىلمىگەن. بۇنىڭدىن زىيارەت قىلغۇچى بىلەن زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە.
قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازمىلارنى ئوقۇشتا، ئادەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى ئوڭدىن سولغا ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىنى قانداق تۇتۇپ ئوقۇشنىمۇ بىلمىگەن بۇ ئاتالمىش خىتاي «مۇتەخەسسىس» لەردىن رەسىمى بېرىلگەن ياپراقنىڭ «مائىترى سىمىت» نىڭ قايسى بۆلۈمنىڭ قانچىنچى بېتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى سوراش، ئەلۋەتتە ئارتۇقچە ئىش! ئۇنداقتا، بىز ئىشىمىزنى خىتاي بازارغا سالغان بۇ سۆھبەتتىكى رەسىمى تەتۈر بېرىلگەن قوليازما ئۆرنىكىنى توغرىلاش ۋە بۇ بەتنىڭ «مائىترى سىمىت» نىڭ قايسى بۆلۈم قانچىنچى بېتى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشتىن باشلايلى.
بىر مىللەت كىملىكىنىڭ ئاساسىي تەركىبلىرىدىن بىرى بولغان يېزىقنى تەتۈر قويۇشنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئوڭ-تەتۈرىنى پەرق ئەتمەسلىكنىڭ ئىلىم ساھەسىدە نەقەدەر نادانلىق ۋە ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بىز ئوقۇش يۆنىلىشىنى تەتۈر كۆرسىتىپ قويغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ قوليازمىنىڭ رەسىم ھالىتىدىكى بۇ بېتىنى توغرىلىغان ۋاقتىمىزدا، مەزكۇر رەسىمگە تامغا قىلىپ بېسىۋېتىلگەن «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دېگەن خىتايچە خەتلەرنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالدۇق.

بۇرۇنقىلار يازغاندەك ۋە مەزكۇر سۆھبەتتە خىتاي «كەسپىي تەتقىقاتچى» نىڭ ئېيتقىنىدەك، ئەسەر ياپراقلىرى ۋە ياپراقچىلىرى تېخىچە 293 بەتلىك نېپىز پىلاستىك خالتىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ دېگەنلىك، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلى قوليازمىلىرى ھازىرغىچە تازىلانمىغان، شۇنداقلا تىتىلغان ياكى بۇزۇلغان بەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى تېخىچە ئېلىپ بېرىلمىغان دېگەنلىكتۇر. يەنى پىلاستىك خالتىلارغا پۈتۈن بەتلەر ياكى چوڭراق ياپراقلار ئايرىم-ئايرىم سېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى تەۋە بۆلۈملەردىكى ئورنى ئېنىقلانمىغان كىچىك ياپراقچىلارنىڭ ئوخشاش بىر خالتىغا سېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ئېنىق. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بەزىدە 40 تىن ئارتۇق ياپراقچە بىر خالتىغا قاچىلانغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىقلىماسلىق، بىر-بىرىدىن ئايرىماسلىق، پۈتۈن ئەسەرنىڭ قانچە بەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشتە چوڭ خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە!
ئەسلىدە بۇنداق قىممەتلىك ئەسەر، خۇددى بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان «مائىترى سىمىت» نىڭ سىڭگىم نۇسخاسىغا ئوخشاش، مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئەينەكلەر ئارىسىدىكى ھاۋاسىز بوشلۇقتا ساقلىنىشى كېرەك ئىدى.
«مائىترى سىمىت» نىڭ قۇمۇل نۇسخىسىنى ئەڭ بۇرۇن ھەم سىستېمىلىق تەتقىق قىلغانلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردۇر. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىدىن ئىسراپىل يۈسۈپ، ئابدۇقېيۇم خوجا ۋە دولقۇن قەمبىرى قاتارلىقلار 1987-يىلى «مائىترى سىمىت» نىڭ قۇمۇل نۇسخاسىنىڭ كىرىش ۋە دەسلەپكى تۆت بۆلۈمى ھەققىدىكى كىتابىنى نەشر قىلغان.
بۇ قېتىم «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ مۇخبىرى بىلەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ باشلىقى يەن فېڭ ئوتتۇرىسىدىكى «ماتىرى سىمىت» نى چۆرىدىگەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن دېگۈدەك 1987-يىلى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان كىتابنىڭ خىتايچە كىرىش سۆز قىسمىدىن ئېلىنغان. ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» سۈپىتىدە بۇ سۆھبەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يېن فېڭ 1987-يىلىدىن كېيىن «مائىترى سىمىت» ھەققىدە قانداق تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر ئەسەرنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان ياپراقچىلىرى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيەلمىگەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىلار، بولۇپمۇ «مائىترى سىمىت» ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىسى يوق «چالا تەتقىقاتچى» ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
ئۇنداقتا، «مائىترى سىمىت نوم بىتىگ» قانداق ئەسەر؟ بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى قانداق دۇنياغا كەلگەن؟ بۇ ئەسەردە ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن مائىترى ئېتىقادىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟
«مائىترىسىمىت نوم بىتىگ»، يەنى «مائىترى بىلەن ئۇچرىشىش» سۇتراسى، ئۇيغۇر بۇددىزىم تارىخىنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە، يەنى مىلادى 9-ئەسىرنىڭ 2-يېرىمىدا ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ ئەڭ كونا ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي توخارچە، يەنى توخارچە-A تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كۆپ قىسىملىق بىر دراما ئەسىرىدۇر. ئەسلىدىكى توخارچە ئەسەر ئارياچاندىرا تەرىپىدىن سانسكرىت تىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى تاللاپ توخارچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىقىلغان. مەزكۇر ئەسەرنىڭ كېيىنچە تۇخارچە نۇسخاسىدىن پرتناراكشىت ئىسىملىك كىشى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم.
بۇ ئەسەر، مىلادىيە 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋە 9-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى ياشىغان بۇددىزم مائىترېيا ئېتىقادىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرىدۇر. بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مائىترېيا مەزھىپى ھازىرغىچە تەسەۋۋۇر قىلىنىپ كېلىنگىنىدەك پەقەتلا بۇددىزمنىڭ «ھىنايانا» مەزھەبىگە تەۋە ئەسەرلەرنىلا ئاساس قىلىپ قالماستىن، بەلكى «ماھايانا» مەزھىپىگە تەۋە بىر قىسىم ئەسەرلەرنىمۇ ئۇلۇغلىغان بىر بۇددىزم مەزھىپىدۇر. مائىترېيا مەزھىپىنىڭ تۈپ نۇقتىئىينەزەرىدىن قارىغاندا، بۇ مەزھەپكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، كەلگۈسىدە يەر يۈزىگە كېلىدىغان بۇرھان مائىترى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ مەزھەپنىڭ بۇددىزمنىڭ باشقا مەزھەپلىرىدىن پەرقلىنىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدا بۇرھان مائىترى يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك شەھىرى بولغان «تۇشىتا» جەننىتىگە چىقىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «تۇشىتا» جەننىتىدىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ياشايدىكەن.
«مائىترى سىمىت» تا مائىترىنىڭ توغۇلۇش، ئۆسۈش، بۇرھانلىق يولىدا ئۆي-جايىدىن ۋاز كېچىپ راھىب بولۇش جەريانلىرى، بەرگەن تەلىملىرى ۋە ئاخىرىدا نىرۋانا دەرىجىسىگە يېتىش كەچۈرمىشلىرى ناھايىتى قىزىقارلىق ھەم تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق جانلاندۇرۇلغان. شەخسلەرگە ۋە جامائەتكە ياردەم قىلىش، شۇنداقلا سەدىقە بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن. ئەسەرنىڭ 20-25-بۆلۈملىرىدە جانلىقلار سادىر قىلىدىغان «ئۆلتۈرۈش، ئوغرىلىق قىلىش، شەھۋانىيلىق، يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، پىخسىقلىق، كۈندەشلىك ۋە يامان نىيەت» تىن ئىبارەت «10 چوڭ گۇناھ» ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. يەنى بۇ «گۇناھ» لارنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يوللىرى ۋە گۇناھكارلارغا بېرىلىدىغان ھەر خىل جازالار ناھايىتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن. مەزكۇر ئەسەرنىڭ «دوزاق» تەسۋىرلىرىدە خىتاينىڭ كلاسسىك جازا قانۇنلىرىدا ئۇچرايدىغان نۇرغۇنلىغان جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بۇددىزمنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى ئىسپاتلايدىغان خېلى كۆپ ئەمىلىي مىساللار ئۇچرايدۇ.
مائىترى ئېتىقادىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق قاراشلىرى، ياخشى خىسلەت ھەم ئەخلاق-پەزىلەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدىكى قىممەت قاراشلىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تارىختىكى ئۇيغۇر بۇددىزمىنىڭ مائىترى مەزھىپى ھەرگىزمۇ خىتاي بۇددىزمىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەسلى مەنبەسى ھىندىستاندىن كەلگەن بۇددا قاراشلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن كەلگەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ سۆھبىتىگە ئاساسلىق پىكىر بايان قىلغۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان ئاتالمىش «كەسپىي تەتقىقاتچى» يەن فېڭ، «مائىترى سىمىت» درامىسىنىڭ 26- ۋە 27-بۆلۈملىرىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىزدە «بۇ بۆلۈملەر يوقىتىۋېتىلگەنمۇ-قانداق؟» دېگەن ئەندىشىنى قوزغايدۇ. ئەمەلىيەتتە «مائىترى سىمىت» نىڭ قۇمۇل نۇسخىسىدا بۇ ئىككى بۆلۈمدىن خېلى كۆپ ياپراقچىلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇلاردا مائىترىنىڭ بەدىنىدىكى 32 بەلگىسى سانالغان، مائىترىنىڭ پادىشاھ سىمخا ۋە ئۆز ئانىسى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى بايان قىلىنىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ نىرۋانا دەرىجىسى يېتىشى بىلەن دراما ئاخىرلاشقان.
بىز يەن فېڭنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن، ئۇنىڭ ھەتتا خىتاي ئالىمى گېڭ شىمىن (耿世民) نىڭ گېرمانىيەلىك ئالىملاردىن ھانس يوئاكىم كىلىمكايىت (Hans Joachim-Klimkeit) ۋە يېنس پېتېر لائۇت (Jens Peter Laut) لار بىلەن ھەمكارلىشىپ، «مائىترى سىمىت» نىڭ 26- ۋە 29-بۆلۈملىرىگە مەنسۇپ ياپراقلارنىڭ بىر قىسمىنى نەشر قىلدۇرغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق.
(داۋامى بار)
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.