تارىختىن بۈگۈنگىچە «مائىترى سىمىت»: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۈيۈك بىر ئەسەرنىڭ تارىخىي كەچمىشى (2)

0:00 / 0:00

«مائىترى سىمىت نوم بىتىگ» نىڭ قانچە خىل قوليازمىسى بار؟ ئۇلار قاچان ۋە قايسى يەرلەردىن تېپىلغان؟ ھازىر قەيەردە ساقلىنىۋاتىدۇ؟ بۇ ئەسەرنىڭ توخارچە ئەسلى نۇسخىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىمىز؟

كىرىش بۆلۈمىنى قوشقاندا جەمئىي 28 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بۇ چوڭ ھەجىملىك سەھنە ئەسىرىنىڭ ھازىرغىچە ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى تېپىلغان. بۇلاردىن تۇرپان سىڭگىم نۇسخىسى 1906-يىلى سىڭگىم ئېغىزىدىكى تاش كېمىرلىكلەردىن؛ 8- ۋە 24-بۆلۈمگە تەۋە بىر قىسىم ياپراقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرپان مۇرتۇق نۇسخىسى شۇ يىلى مۇرتۇقتىكى تاش كېمىرلىكلەردىن؛ قومۇل نۇسخىسى 1956-يىلى قومۇل ناھىيەسى تەڭرىتاغ (تىيانشان) يېزىسىنىڭ تۆمۈرتى كەنتى ئەتراپىدىكى كىچىك بويۇن دەپ ئاتالغان تاغ كېچىكى ئەتراپىدىن تېپىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە 2006-يىلى قۇمۇلنىڭ تۆمۈرتى كەنتىگە بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق مەھەللە نېرناسىدىن، تۆمۈرتى نۇسخىسىدىن ئۇزۇن يىللار بۇرۇن يىرتىلىپ ئايرىلغان كەمتۈك ياپراقچىلارمۇ بايقالغان.

دەسلەپكى ئىككى نۇسخا ياپراقلىرى، كۈنىمىزدە ئۈرۈمچىدە ساقلىنىۋاتقان ئاز ساندىكى كەمتۈك ياپراقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى دېگۈدەك گېرمانىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە كېيىنكى ۋاقىتلاردا سانكت-پېتېربۇرگ، كيوتو ۋە خېلسېنكى شەھەرلىرىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار ئارىسىدا ئاز ساندا بولسىمۇ «مائىترى سىمىت نوم بىتىگ» ياپراقچىلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.

قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەسەرگە مەنبە بولغان توخارچە نۇسخىنىڭمۇ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇرپان ۋە قاراشەھەر ئەتراپىدىن تېپىلغان بىر نۇسخىسى ۋە 1974- يىلى يەنە قاراشەھەر شىكشىمدىن تېپىلغان ئىككىنچى بىر نۇسخىسى بار. بىرىنچى نۇسخا ياپراقلىرى پارىژ، بېرلىن ۋە سانكت-پېتېربۇرگدا؛ ئىككىنچى نۇسخا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا. بۇ نۇسخىلارنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكى ياكى ھازىرغىچە بايقالمىغانلىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

ئەسەرنىڭ توخارچە نۇسخىسى 2-بۆلۈم، 13-بەت ئالدى يۈز (YQ 1.31 1/2) 1974-يىلى قاراشەھەر مىڭ بۇددا ئۆيىدىن تېپىلغان (AS شەخسى ئەلبۇمىدىن)



ئەسەرنىڭ توخارچە نۇسخىسى 2-بۆلۈم، 13-بەت ئالدى يۈز (YQ 1.31 1/2)
1974-يىلى قاراشەھەر مىڭ بۇددا ئۆيىدىن تېپىلغان (AS شەخسى ئەلبۇمىدىن)

ئۇنداقتا، «مائىترى سىمىت» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇقراق ۋە مۇكەممەلرەك نۇسخىسى بولغان قومۇل نۇسخاسى قانداق بايقالغان؟

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتالمىش «تەتقىقاتچى»، قومۇل ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ باشلىقى يەن فېڭ بۇ ئەسەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى نىسبەتەن مۇكەممەل نۇسخاسىنىڭ 1959-يىلى 4-ئايدا قۇمۇلنىڭ تۆمۈرتى كەنتىدىن تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ھالبۇكى، مۇئەللىپ 2013-يىلى مەزكۇر ئەسەرنى تاپقۇچى مەرھۇم يەھيا رەھىم ئاكىنىڭ تۆمۈرتىدىكى ئوغلىنى شەخسەن ئۆزى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ بۇ ئەسەرنىڭ ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىتتا، يەنى 1956-يىلى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بار ئىكەنلىكىدىن گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. 1958-يىلى بۇ ئەسەر يەھيا رەھىم ئاكىنىڭ ئائىلىسىدىن قومۇل ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىرغىچە ئەسەر تېپىلغان ۋاقىت دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان 1959-يىلى، ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا ئېلىپ كېتىلىپ، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتىدىن ئىبارەت.

«مائىتىرى سىمىت»نىڭ قوليازمىسى تېپىلغان قومۇل شەھەر تۆمۈرتى كەنتىنىڭ كىچىك بويۇن دېگەن جايى (AS شەخسى ئارخىپىدىن، 2013)

«مائىتىرى سىمىت» نىڭ قوليازمىسى تېپىلغان قومۇل شەھەر تۆمۈرتى كەنتىنىڭ كىچىك بويۇن دېگەن جايى (AS شەخسى ئارخىپىدىن، 2013)

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۇ قەدەر قىممەتلىك ئەسەرنى بايقىغان ۋە ئۆيىدە بىر مەزگىل ساقلىغان مەرھۇم يەھيا رەھىم ئاكىغا مۇكاپات سۈپىتىدە پەقەتلا بىر تەقدىرنامە بېرىلگەن. ئىگىلىشىمىزچە، يەھيا رەھىم ئاكا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىپمۇ ھېچقانداق ماددىي ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن. 2006-يىلى بايقالغان «مائىتىرى سىمىت» نىڭ نېرناسى ياپراقچىلىرىنىڭ ھېچقانداق دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماي قومۇل مۇزېيغا يېتىپ كېلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۇنۇس ئەپەندى مۇكاپاتلىنىش ئورنىغا 2015-يىلى يوقىلاڭ بىر باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ ئىزدەپ تېپىلىش ۋە قۇتقۇزۇپ قېلىنىشىدا ئوخشاشلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان تارىخچى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئالىي تەھرىرى ئابلىز ئورخون ئەپەندى تۈرمىگە تاشلىنىپ، 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

مەزكۇر ئەسەر تېپىلغان قۇمۇلنىڭ قەدىمىي تاغلىق يېزا-كەنتلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر، ئەسەرنى بايقىغان كىشىلەر دۇچار بولغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىنمۇ ئېغىر بولغان. 2010-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى «ساياھەت رايونى» قۇرۇش باھانىسى بىلەن تۆمۈرتى ۋە نېرناسى خەلقىنى نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن ئاتا يۇرتلىرىنى تاشلاپ، باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. 2012-يىلى نېرناسىدىكى بىردىن-بىر باشلانغۇچ مەكتەپ تاقىلىپ، پەرزەنتى بار ئائىلىلەر مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىنى ئېلىپ، قومۇل شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىغا كۆچۈشكە قىستالغان.

مەجبۇرىي كۆچۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن چۆلدەرەشكە باشلىغان قومۇلنىڭ نېرناسى كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش ( ASشەخسى ئارخىپىدىن، 2013 (

مەجبۇرىي كۆچۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن چۆلدەرەشكە باشلىغان قۇمۇلنىڭ نېرناسى كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش( ASشەخسى ئارخىپىدىن، 2013 (

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۇرپان ۋە قومۇل قاتارلىق جايلاردىن «مائىترى سىمىت نوم بىتىگ»، «ئون توغرا يول» قاتارلىق بىۋاسىتە توخارچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم مۇھىم ھەم چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنىڭ تېپىلىشىدىن، تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن ھىندى-ياۋروپا مىللەتلىرىدىن بولغان توخارلار ئارىسىدىكى تىل ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تولىمۇ گۈللەنگەن بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. «مائىتىرى سىمىت» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قانداقتۇر سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىنغان بولماستىن، بەلكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ قىلىنغان يېرىم ئىجادىي يېرىم تەرجىمە ئەسەردۇر.

ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە توخارچە نۇسخىسىدىن باشقا يەنە كۇچا قىزىلدىكى مىڭ بۇددا ئۆيلىرىدە مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تام رەسىملىرىمۇ سىزىلغان. بىر قىسمى ھازىرغىچە ساقلانغان بۇ رەسىملەر ناھايىتى كۆركەم ۋە جانلىق. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدىكى ئېتىقاتچىلارنىڭ ۋەقەلىك ۋە نەزەرىيەلەرنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «مائىترى سىمىت نوم بىتىگ» دە بايان قىلىنغان نۇرغۇنلىغان مۇھىم ۋەقەلىكلەرنىڭ دۇنخۇاڭ تاش كېمىرلىكلىرى تاملىرىغا سىزىلغانلىقى مەلۇم.

بۇ ئەسەر بۇددىزم مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ۋە ھىندى-ياۋروپا تىللىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم مەنبە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان تۈركىي تىللىرىنىڭ تىل تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم بىر ئۆرنەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئېنىقلاش تەتقىقاتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

كۆپ ساندىكى تەتقىقاتچىلار، 11-ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم مەزمۇنىدىكى دىنىي ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي تىلىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددىزم ئاتالغۇلىرى ۋە ئاساسلىق سۆزلەر توخارچىدىن تەرجىمە قىلىنغان دەۋىردىلا ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان. «مائىترى سىمىت» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى توخارچە ئەسلى نۇسخا بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش، بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىشتە بىزنى مۇھىم دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «مائىترى بىلەن ئۇچرىشىش» ناملىق ئەسەرنىڭ قوليازمىسىنىڭ بايقىلىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا بۇددىزم مەدەنىيىتى بىلەن باغلىق بولغان ئىجادىيەت كۈچى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قوليازمىسى تېپىلغان قەدىمىي ئۇيغۇر تاغلىق كەنتلىرىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ بۇ بىباھا مەدەنىيەت مىراسىنى ئەسىرلەر بويى ئۆز باغرىدا ساقلاپ كېلىشى، بىر تەرەپتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى مەنىۋىي قالقان بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنى ئۈمىدۋارلىققا ھەم ھۆرلۈككە ئۈندەيدىغان ئىلھام بولماقتا.

«مائىترى سىمىت» ھەققىدىكى بۇ يازمىمىزنى ئەسەرنىڭ ئۆزىدىكى مۇنۇ بايانلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

يۈكۈنچ بۆلۈم، 14- بەت ئارقا يۈز، 21-قۇردىن 27- قۇرغىچە.

يۈكۈنچ بۆلۈم، 14- بەت ئارقا يۈز، 21-قۇردىن 27- قۇرغىچە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزكۇر ئەسەرنىڭ بىر ياپرىقىنىڭ تىرانسكرىپسىيەسى:

21. y(e)mä bu buyanaġ ang öngrä äv[irär]-

22. biz t(ä)ngri bögü el bilgä arslan t(ä)ngri

23. uyġur tärgänim(i)z qutınga alqatmıš on

24. uyġur eli .. otuz tegit oġlanı .. toquz

25. elči bilgäsi .. ming tapınur tümän

26. ičräkiläri birlä ming tümän yılqa

27. tägi el ašayu y(a)rlıqamaqları bolzunlar ..

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدىكى تەرجىمىسى:

(21-23) بۇ ساۋابنى ئالدى بىلەن (تەخت ۋارىسى) ئۇيغۇر شاھزادىمىز تەڭرى بۆگۈ ئېل بىلگە ئارسلان تەڭرى ئالىلىرىنىڭ قۇدرىتىگە بېغىشلايمىز! (23-27) مەدھىيە ۋە ئالقىشقا سازاۋەر ئون ئۇيغۇر دۆلىتى، ئوتتۇز شاھزادىسى، توققۇز مىنىستىرى، مىڭلىغان خىزمەتچىلىرى، تۈمەنلىگەن خاس مۇلازىملىرى بىلەن ئون مىليون يىلغىچە خەلقىنىڭ ھۆرمىتىدىن بەھرىمەن بولغاي!

***

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]