«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى نېمىشقا خىتاينى شۇنچە بىئارام قىلىدۇ؟

مۇخبىرىمىزمېھرىبان
2022.06.30
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى نېمىشقا خىتاينى شۇنچە بىئارام قىلىدۇ؟ كىرىشتۈرمە سۆرەت: پرېزىدېنت بايدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئىجرا قىلىشىقا باشلايدۇ
RFA/ Sintash

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرمۇ 24- ئىيۇن كۈنى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكاغا قارغى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ، ئامېرىكانىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى مەقسىتى «شىنجاڭدا ئىشسىزلىق پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر،» دەپ ئەيىبلىگەن. 

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى سۈيئىستېمال قىلىپ، خىتاينى چەكلەشكە ۋە بېسىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق، رېئاللىق بىلەن ماس كەلمەيدۇ، ئەقىلگىمۇ سىغمايدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. ئامېرىكانىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى مەجبۇرىي ئىشسىزلىق پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش. بۇ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان غەيرىي-نورمال خاھىش.»  

خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن شۇنچە بىئارام بولىدۇ؟  

ئامېرىكادىكى ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور قەيسەر مىجىت ئەپەندى بۇ ھەقتە ناھايىتى ئوبرازلىق قىلىپ: «<ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى> چىشى بار ھەم چىشلىيەلەيدىغان قانۇن» دەپ تەرىپلىدى. 

ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئامېرىكادا بۇنداق بىر قانۇننىڭ چىقىشىدىكى سەۋەپ ھەققىدە توختالغىنىدا، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋەزىيىتىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.  

قەيسەر مىجىت ئەپەندى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇننى چىقىرىشتا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا لاگېرلارغا قامىلىشى، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلاردا ھەقسىز ياكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، مەجبۇرىي ئىشلىتىشىدەك «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى چەكلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارشىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مەخسۇس  نارازىلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلىشى، بۇ قانۇننىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بىۋاستە تالاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغانىكەن. 

قەيسەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى يەنە بىر تەرەپتىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا  ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا سۈكۈت قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر قىلالايدىكەن. 

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەر ئىلھام يېقىندا «تومسون رۇيترېس فوندى» تورىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە

«<ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىگىنى چەكلەش  قانۇنى>، ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا بېسىلغان مۇھىم بىر تارىخى قەدەم» دەپ يازغان. ئۇ ماقالىسىدە يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مەزكۇر قانۇندىن ئىلھاملىنىپ، خىتاينى چەكلەيدىغان قانۇن چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلغان.  

جەۋھەر ئىلھام 29-ئىيۇن كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،  ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلىرىنى ئۇيغۇرچە شەرھىيلەپ ئۆتتى.  

جەۋھەر يەنە بۇ قانۇنىڭ ئامېرىكادا يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئۆزى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى.  

ئۇ مۇنداق دېدى: «خۇداغا شۈكرى، مەن ياشاۋاتقان بۇ دۆلەتتە، يەنى ئامېرىكادا، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن مەيدانغا كەلدى. شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھەر بىر شىركەت بۇ قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىشى، خىتاي ماللىرىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىپ تاشلىشى كېرەك!»

جەۋھەر ئىلھام يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتايدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچراشقا باشلىغانلىقى، خىتاي ماللىرىنىڭ خەلقئارادا سېتىلىش يولىىنىڭ ئېتىلىپ قالغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.  

ئىقتىساد ئىلمى مۇتەخەسسىسى قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە،  «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش بىر قاتار قانۇن ۋە تەدبىرلەر ئامېرىكادىن باشقا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلاردا يولغا قويۇلۇشى كېرەك ئىكەن. شۇنداق بولغاندىلا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلانغان شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرى ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.