مالايسىيا بىلەن خىتاينىڭ تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.10
Enver-Ibrahim-1920 مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن
Photo: RFA

مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا خىتاي بىلەن مالايسىيانىڭ ئاسىيادا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەنۋەر ئىبراھىم بولسا مالايسىيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ خىتاي زىيارىتى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى شاڭخەيدە «7-نۆۋەتلىك خىتاي خەلقئارا ئىمپورت ماللار كۆرگەزمىسى» گە قاتناشقان ھەمدە خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئەنۋەر ئىبراھىم لى چياڭغا قىلغان سۆزىدە، مالايسىيانىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ مالايسىيا باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن خىتايغا قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، 2023-يىل 3-ئايدا ۋە 9-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغانىكەن. خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭمۇ 2024-يىل 6-ئايدا مالايسىيانى زىيارەت قىلىپ، 5 يىللىق سودا كېلىشىمى تۈزگەنىكەن.

گەرچە مالايسىيا بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىشلىرى بولسىمۇ، مالايسىيا يەنىلا ئۆتكەن 15 يىلدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ كەلگەن. ئەنۋەر ئىبراھىم باشچىلىقىدىكى مالايسىيا نۆۋەتتە خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CAIR)نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئېدۋارد ئەھمەد مىشېل (Edward Ahmed Michel) ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ خىتايغا بېرىپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ. ئەمما ئەنۋەر ئىبراھىمدەك بىر مۇسۇلمان دۆلەت رەھبىرى باشقا دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار، مەسىلەن، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن گەپ قىلىشى كېرەك. بىز ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمىز. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقە قىلغان چاغدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەقسەتلىرىنى چۈشىنىمىز. شۇنداقتىمۇ بىز باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم ۋە مالايسىيا خەلقىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز ئىچىدە بولسۇن ياكى ئاشكارا بولسۇن، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مەھدى ھەسەن مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا، ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى ھەققىدە سوئال سورىغان؛ ئەنۋەر ئىبراھىم غەززە مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ئايرىش كېرەكلىكىنى، غەززەدە بولۇۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش تەرەپدارى بولغان ئەنۋەر ئىبراھىم، 2022-يىل 11-ئايدا مالايسىيا باش مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەن؛ 2023-يىل 29-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئەنۋەر ئىبراھىم ياش ۋاقىتلىرىدا مالايسىيا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسى بولغان، 80-يىللاردىن كېيىن سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويۇپ، مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1999-يىل چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە كىرگەن؛ 2004-يىل قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 2008-يىلدىن 2015-يىلغىچە مالايسىيا ئۆكتىچى پارتىيە لىدېرى بولۇپ پائالىيەت قىلغان. 2022-يىلدىكى مالايسىيا ئومۇمىي سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، شۇ يىلى 24-نويابىر كۈنى مالايسىيانىڭ 10-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولغان. ئۇ ئىسلامىي دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسەتچى بولۇپ، دەسلەپكى يىللىرىدا مالايسىيالىق خىتايلارنىڭ سودىنى مونوپول قىلىشىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، تۈرمىگە كىرىپ چىققاندىن كېيىن «مىللەتنى ئەمەس، ئېھتىياجنى ئاساس قىلغان باراۋەرلىك سىياسىتى» نى تەشەببۇس قىلىپ، خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى، مالايسىيادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، 2023-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى مالايسىيا پايتەختى كۇئالا لومپۇردىكى دارۇل ئىسلام مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار سورۇنىدا مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ھەمدە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنۋەر ئىبراھىم مۇسۇلمان بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتايغا بارغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويغان.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىر مالايسىيادا «گۈزەل شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ بۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغاندەك كۆرۈنۈپ، خىتايغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىشى ئۇنىڭ ۋەزىيەتكە ۋە ئۆز مەنپەئەتىگە بېقىپ ئىش تۇتىدىغان سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇش بەدىلىگە خىتايدىن مەنپەئەت ئېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي نۆۋەتتە، مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماي، 172 مىليون مۇسۇلمان ياشايدىغان ھىندىستان بىلەن توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش بەدىلىگە، تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى چېگرا زېمىننى ھىندىستانغا بېرىۋەتكەن. مانا بۇلار خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەر، جۈملىدىن مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» تامغىسىنى ئۆچۈرۈپ، ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.