ماڭقۇرتلۇق يولى: قۇربان تۇلۇمدىن قۇربان نىيازغىچە
2023.03.24

تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردە مىللىي مۇناپىقلار ياكى ئۆز ئىچىدىن چىققان ساتقۇنلار مەلۇم روللارنى ئويناپ كەلگەن. بۇنداق ئەھۋال مۇستەملىكە قىلىنغان ياكى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان باشقا خەلقلەرنىڭ تارىخىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىمۇ بۇ توغرىلىق نۇرغۇن مىساللار مەۋجۇت. ناتسىستىلار گېرمانىيەسى ئىشغال قىلغان ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردىكى يەھۇدىيلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە بىر قىسىم يەھۇدىيلارنىڭ ناتسىستىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلارنى تونۇپ بېرىش، تىزىملاش ۋە لاگېرلارغا يوللاش ئىشلىرىدا قولى بارلىقى مەلۇم. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ خىلدىكى كىشىلەر «يەھۇدىي مۇناپىقلىرى» دەپ ئاتىلىپ، يەھۇدىي مىللەتچى تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتى تەرىپىدىن جازالانغان. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىملىرى ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا سوتتا «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ قارالغان ناتسىستىلار بىلەن بىرلىكتە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان. بولۇپمۇ 1950-يىلى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە خەلقنىڭ تەلىپى بىلەن قېچىپ يۈرۈپ جان ساقلاۋاتقان ناتسىستلارنى ۋە ئۆز دەۋرىدە ناتسىستلارغا ھەمكارلاشقان «يەھۇدىي مۇناپىقلىرى» نى جازالاش توغرىلىق مەخسۇس قارار ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەدە مىللىي مۇناپىقلارنى جازالاش قانۇنلاشتۇرۇلغان.
دەرۋەقە، بۈگۈنكى كۈندە «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرمەكتە. يەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىر مىللەتنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلمەكتە. مۇشۇنداق بىر چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بىر قىسىم مىللىي مۇناپىقلارنىڭ خىتايغا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ۋە مەلۇم روللارنى ئويناۋاتقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز، ئەلۋەتتە.
بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي بىلەن بىرسەپتە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتلاردا رول ئېلىۋاتقانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. لاگېرلارنى ئىنكار قىلغان شۆھرەت زاكىر، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان زۇلھايات ئىسمايىل ۋە زۇمرەت ئوبۇل، ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ ئاۋانگارتى بولغان جۈمە تاھىر، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدىندۇر.
ئۇيغۇر ئېلى كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» پەقەتلا ئاتالمىش مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھەققى مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرىي ھەقلىرىنى تارتىۋېلىش، قىسقىسى، ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقىي يوقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەنىدى. شۇ قاتاردا «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش» سىياسىتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئەسلى نىشانىنى پەردازلاش ئۈچۈن قوللىنىلدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ماۋ زېدوڭ ئەينى چاغدا «مىللەتلەر مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، زور بىر تۈركۈم مىللىي كادىرلارغا تايانماي بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئۇ يەنە 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىغا ئەسكەر تارتىپ ماڭغان پېڭ دېخۇەيگە يوللىغان تېلېگراممىسىدا «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشى لازىملىقى، رايوندىكى ئاساسلىك يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن زور ساندا كوممۇنىست كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش زۆرۈرلىكى» نى تەكىتلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، 1950-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىغا قارشى چىققان ياكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سەرخىللار «ئەكسىلئىنقىلابچى ئۇنسۇر»، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «پانتۈركىست» دېگەن سىياسىي قالپاقلار بىلەن يوقىتىلدى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭمۇ 1980-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئوخشاشلا «بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى مىللىي كادىرلاردۇر» دەپ كۆرسەتكەنىدى. ھالبۇكى ئاپتونومىيەنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا بۇ قېتىممۇ ئەڭ ئاۋۋال «بۆلگۈنچى»، كېيىن بولسا «دىنىي ئەسەبىي» ۋە «تېرورچى» دىن ئىبارەت قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، زەربە بېرىش نىشانى قىلىندى. دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە «ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن بۇ قالپاق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتايدىكى يېڭى سۈپىتى بولۇپ ئومۇملىشىشقا يۈزلەندى. ماۋ دەۋرىدىن دېڭ دەۋرىگىچە بولغان جەرياندا بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قىسماققا ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتىكى «تايانچ كۈچ» كە ئايلاندى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار تەدرىجىي ھالدا ئۆز زېمىنلىرىنى كۆچمەن خىتايلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇشتىن، ئاخىرىدا ئۆز زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش دەرىجىسىگە يەتتى.
شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئاز سانلىق مىللەتلەر كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش پۈتۈنلەي دېگۈدەك «جۇڭخۇا ئۇلۇسى» (خىتاي ئۇلۇسى) يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكى ئاشكارا تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى. شى جىنپىڭ ماۋ ۋە دېڭنىڭ ئىزىنى بېسىپ، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى خىتايچە ئۇسلۇبتا ئۈزېل-كېسىل ھەل قىلماقچى بولدى.
دەرۋەقە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەت قۇرۇش، دېڭ شاۋپىڭ باشچىلىقىدا قەددىنى رۇسلاش ۋە شى جىنپىڭ دەۋرىدە دۇنياغا خوجا بولۇش ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بارلىق قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ نىيەت ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.
شۇڭلاشقىمۇ «خىتاي سۆيەر قۇربان تۇلۇم» نىڭ ئىزىنى باسىدىغان «كوڭزى سۆيەر قۇربان نىياز» نىڭ پەيدا بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. گەرچە قۇربان تۇلۇمنى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلسىمۇ، ئەمما قۇربان نىيازنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. لېكىن قۇربان نىياز ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشتىكى تۆھپىكار «مىللىي كادىر» سۈپىتىدە خىتايدىكى داڭلىق شەخسلەردىن بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، بىز خىتايلار كۆككە كۆتۈرىۋاتقان قىزىل ئاكتىپ قۇربان نىياز ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر سېلىپ باقايلى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئاشكارا ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قۇربان نىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۈرپان ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ 2003-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ئىماملىرىم بازىرىدا خىتاي تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى ئېچىپ ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» ىنىڭ ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىگىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇش قۇرۇلۇشىدا تۇنجى قەدەمنى ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما قۇربان نىيازنىڭ مەكتەپ ئېچىشقا سالغان نەچچە يۈز مىڭ يۈەن مەبلىغىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار يوق. بەزى مەنبەلەردە شەخسىي مەبلىغى دېيىلسە، يەنە بەزى مەنبەلەردە ھۆكۈمەت ياردىمى دېيىلگەن.
قۇربان نىيازنىڭ ئاتالمىش «دۆلەت تىلى مەكتىپى» نوقۇل ھالدىكى خىتاي تىلى ئۆگىتىش مەكتىپى بولماستىن، بەلكى كوڭزىچىلىق تەلىماتىنى ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان «مېڭە يۇيۇش مەكتىپى» دۇر. 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى 17 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇربان نىيازنىڭ مەكتىپىدە 8700 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى يېڭى ياتاق بىناسى سېلىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر مەكتەپكە ھەر يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ مىقدارى 760 مىڭ يۈەن بولغان. مانا مۇشۇنداق كۈچلۈك قوللاشلار نەتىجىسىدە، قۇربان نىيازنىڭ مەكتىپىدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆزلىرى بىلەن ھېچبىر تارىخىي تۇغقاندارچىلىقى بولمىغان «كوڭزى» تەلىماتىنى ئۆگىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە «كوڭزىنىڭ بۇتىغا تاۋاپ قىلىش، ھەر كۈنى كوڭزىنىڭ ھەيكىلى بىلەن مۇڭدىشىش» قا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا قۇربان نىيازنىڭ مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر بالىلار «جىڭجۈ تىياتىرى»، «خۇا مۇلەن»، «شا جياباڭ» قاتارلىق خىتاي كلاسسىك ئاھاڭلىرىنى ئېيتالايدىغان دەرىجىگە يەتكەن.
قۇربان نىياز تېخى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئېچىلغان ئاتالمىش كادىرلار يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا سىڭدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، يېزا-كەنتلەردە «مەدەنىيەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش تاللا دۇكانلىرى» ئېچىش تەكلىپىنى بەرگەن. مەزكۇر تەكلىپنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇچتۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ياشاش ئادەتلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، يەنى خىتايچە يېيىش-ئىچىش، خىتايچە ياشاش، شۇنداقلا خىتاي بولۇپ تۇغۇلۇپ، خىتاي بولۇپ ئۆلۈشكىچە بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدىن گۇمان قىلىش كەتمەيدۇ.
قارايدىغان بولساق، قۇربان نىياز ئاتالمىش «مەكتەپ» قۇرغان شۇ يىللاردا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «قوش تىل» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى كۈچەپ يولغا قويۇلغان يىللار ئىدى. چۈنكى بۇ يىللار دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 1950-يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلگەن «قوش تىل» سىياسىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئاخىرلىشىش مەزگىلى ئىدى. ئىككىنچى باسقۇچ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى 90-يىللاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغانىدى. بۇ باسقۇچتا ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن قىسمەن چىقىرىپ تاشلانغان، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن خىتاي مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈلۈشكە باشلىغان، ئاتالمىش «قوش تىل تەجرىبە سىنىپى» ھەر مەكتەپلەردە قۇرۇلغان ۋاقىتلار ئىدى. 2003-يىلى ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» نىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىغا كىرىش دەۋرى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىش پىلان قىلىنغانىدى.
دەرۋەقە، قۇربان نىيازنىڭ دەل مۇشۇ يىللاردا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش» خىيالىغا كېلىپ قېلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىشى، بىر تاساددىپىيلىق ئەمەسلىكى تەبىئىي. تېخىمۇ مۇھىمى، 2000-يىللاردا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىدى. بۇ رايونلاردا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ بولۇشى شەرت قىلىناتتى. ھالبۇكى، بۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ سىستېمىسىدا «خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى» يولغا قويۇلۇپ، بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن چېكىندۈرۈلگەنىدى.
قۇربان نىيازنىڭ قارىشىچە، تىل بىلمەسلىك بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان چوڭ ئامىل بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چوقۇم خىتايلىشىشى كېرەكمىش.
بۇ يەردىكى مەسىلە ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ، ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىنغانلىقىدىدۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەكلەن بەرگەن ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» سىمۇ تەبىئىي ھالدا ئەمەلدىن قالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا ھېچ ئېھتىياج قالمايدۇ. ئەگەردە ئۇيغۇر خەلقى يوقىرىقى ئەڭ نېگىزلىك كىملىكلىرىدىن ئايرىلغاندا ئۇلارنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولۇشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ.
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەيلى قۇربان نىياز بولسۇن ياكى خىتاي يېتىشتۈرۈپ چىققان باشقا ماڭقۇرتلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇرلۇق» نامى بىلەن بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بارلىق قىلمىشلىرى، ئەمەلىيەتتە ئۆز مىللىتىنىڭ ئۇلىنى كولاپ، خىتايغا يانتاياق بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە!
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.