ماتسۇموتو: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر دەپ قارايدۇ

0:00 / 0:00

ياپونىيەلىك جەمئىيەتشۇناس ماتسۇموتو يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى، دىنىي مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنى «سىرتتىن كۆرگىلى بولمايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى»، «تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن سەرلەۋھەلەر بىلەن ئېلان قىلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي مىللىتىنىڭ ئەزەلدىنلا ئۆزىدىن تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنى پەس كۆرۈش، مەنسىتمەسلىكتىن ئىبارەت پسىخىكىسىنىڭ تارىختىن بېرىلا شەكىللەنگەن خىتاي مىللىتىنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرى ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلغان: مەن خىتايدىكى مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن غەربىي شىمال رايونىغا بارماقچى بولغىنىمدا، نۇرغۇنلىغان شاڭخەيلىك خىتايلار ماڭا: «بۇ، مەسىلىلەرنى سىز قانداق تەتقىق قىلىسىز؟» دەپ ھەيران بولۇشتى ۋە ھەتتا «بۇ تەتقىقاتىڭىزنى توختىتىڭ. سىز نېمە ئۈچۈن شاڭخەينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلمايسىز؟» دەپ ماڭا نەسىھەت قىلىشقانلارمۇ بولۇشتى. چۈنكى خىتايلاردا تارىختىن بېرى شەكىللەنگەن شەھەرلىكلەرنىڭ چەت-ياقا، يېزىلىقلارنى ياراتماسلىق ئىدىيىسى ھازىرغىچە مەۋجۇت ئىدى.

ئاپتور ماقالىسىدە ئاساسلىقى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار توغرىسىدا توختىلىپ، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىدە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىگە يولۇققان مۇھىم مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى يوشۇرۇپ،خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرى بولسا، كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ۋەتەن سۆيگۈسى پەقەتلا يوق. بۇ خىل ئىدىيە ئۇلارنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادىدىن كەلگەن. شۇڭا بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىسىدۇر. كىشىلەر 2008-يىلىدىكى تىبەتلەرنىڭ، 2009-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان نارازىلىق نامايىشلىرىنى مەملىكەت ئىچىدە بولسۇن ۋە ياكى خەلقئارا جەمئىيەتتە بولسۇن، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىپ تۇرغان. خىتاي دۆلىتى دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك، كۆپ نوپۇسلۇق تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى. خىتاي ئىقتىساد، دىپلوماتىيە جەھەتتە زورىيىپ، ئامېرىكىغا ئوخشاش قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشنى ئويلايدۇ. خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئاتمىش يىلدىن بېرى ھەل قىلىنمىدى. خىتاي ئۆزىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى تا ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى تەنقىدلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا نارازى بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزىدىكى مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرگە كۆپ دىققەت قىلماقتا.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: خىتاي دۆلىتى بولسا سوتسىيالىستىك بىر مەملىكەت. شۇڭا ئۇلار داۋاملىق ئاتىزم تەربىيىسىنى تەرغىب قىلىدۇ. خۇداغا ئىشىنىشنى ئىلاجى بار چەكلەيدۇ. خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئوندىن ئوشۇق مىللەت ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى نوپۇس سانى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىرى،خۇيزۇ، ئۇيغۇرلار بولۇپ، تۇڭگانلارنىڭ نوپۇسى توققۇز مىليوندىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار بولسا سەككىز مىليوندىن ئوشۇق (ئەمەلىيەتتە 10 مىليوندىن ئوشۇق-تەھرىردىن). ئۇندىن باشقا موڭغۇل تىلىدا سۆزلەيدىغان موڭغۇل مۇسۇلمانلىرى، تىبەت مۇسۇلمانلىرىمۇ بار. خىتايلارنىڭ بەزىلىرى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇس سانى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. خىتايدىكى تۇڭگانلارنىڭ ئانا تىلى خىتاي تىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەرگىز خىتاي دېمەيدۇ. سەۋەبى ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئويلايدۇ. تۇڭگانلار خىتاينىڭ ھەممىلا ئۆلكىسىدە بار. ئۇلار خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ياشايدۇ. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ھەمىشە تىلغا ئېلىۋاتقان خىتايدىكى مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتقان، خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بويىچە ئېيتقاندا، تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېيىلىۋاتقان خىتايدىكى مۇسۇلمانلار دەل ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلاردۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەنلا زىددىيىتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يىرىك. ۋاتىكان، فالۇڭگۇڭچىلار بىلەنمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتتە. خىتايدىكى دىنىي مەسىلىلەر ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەردۇر. خىتايدىكى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا ئەركىنلىك يوقلۇقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندىچىلىكىدىن شىكايەت قىلىشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكال ئىسلامچىلار، تېررورچىلار ۋە بۆلگۈنچىلەر دەپ قارايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇنداق قاراشلاردا بولۇشى، مەنتىقسىز بىر قاراشلار بولۇپ،مەن ئۇيغۇرلارنى ھەرگىز ئۇنداق دەپ قارىمايمەن.

مەزكۇر ماقالىدىن خەۋەردار ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى نورى خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ تەشۋىق قىلىشىنىڭ كۆز بويامچىلىق ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
-يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سېرىق بۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە كىمنىڭ تېررورچى ۋە كىمنىڭ تىنچلىق سۆيگۈچى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دۆلىتى ئۆيىدە قۇرئان ساقلىغان ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرۇش ئارقىلىق، دۇنياغا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىغان بولسا، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا، ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىدىن بېرىلگەن ئادىل ھۆكۈملەر ئۇيغۇرلارنىڭ تېرروردىن يىراق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا بىلدۈردى.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، خىتايدىكى مەسچىتلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، خىتايدىكى مەسچىتلەرنى سان جەھەتتىن ياپونىيەدىكى بۇتخانىلارنىڭ سانى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان: خىتايدا 20 مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمان، 35 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت ۋە 45 مىڭدىن ئارتۇق ئىمام بار. سان جەھەتتىن ھېسابلىغاندا، خىتايدىكى مۇسۇلمانلاردىكى 570 ئادەمگە بىر مەسچىت، 444 كىشىگە بىر ئىمام توغرا كېلىدۇ. ياپونىيەدە 61 مىڭ بۇتخانا بار. ياپونلاردىن 2100 كىشىگە بىر بۇتخانا توغرا كېلىدۇ. خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىدلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. خىتايدا ھەتتا خرىستىئان دىنىي چېركاۋلىرىنىڭمۇ چەتئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەتتىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسلىق كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، باستۇرۇش نىشانى ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى جۈملىلىرى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرغان: خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز كۆزىتىلىپ، داۋاملىق باستۇرۇلىدۇ.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.