گېرمانىيەلىك سەيياھ، يازغۇچى ۋە خىتايشۇناس كىرىستوف رېخاگېنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ماۋ زېدۇڭنى گىتلېرغا ئوخشىتىپ بايان قىلغان سۆزى خىتايدا كۆچۈرۈپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى 1-يانۋار كۈنى كىرىستوف رېخاگېنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ ماۋ زېدۇڭنى گىتلېرغا ئوخشىتىشى سەۋەبلىك پەيدا بولغان نارازىلىق ھەم غۇلغۇلا ھەققىدە توختالغان.
1-يانۋاردىكى «گېرمانىيەلىك رېخاگې، ماۋ زېدۇڭ بولسا خىتاينىڭ گىتلېرى دەپ، قىزىق بەس-مۇنازىرە قوزغىدى» ناملىق بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 26-دېكابىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، خىتايدىكى ۋاڭ بائۇچياڭ ئىسىملىك بىر سەنئەتكار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ماۋ زېدۇڭغا بېغىشلاپ بىر يازما ئېلان قىلغان. بۇنى كۆرگەن كىرىستوف رېخاگې ۋاڭ باۋچياڭنى، سەۋىيەسىزلىكتە ئەيىبلەپ، يوئۇتۇبەدا 4 مىنۇت كۆرۈنۈشلۈك قارشى بىر بايان ئېلان قىلغان. ئۇ بايانىدا ۋاڭ باۋچياڭنى ؛«ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلدى، ئىنسانىيەتكە قارشى ئىدىيىنى تەرغىب قىلدى، مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلدى» دەپ تەنقىدلىگەن ھەمدە «ماۋ زېدۇڭ بولسا خىتاينىڭ گىتلېرى، ئۇ مېڭە يۇيۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق خىتاي خەلقىنى كونترول قىلىپ، نەچچە ئون مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان» دېگەن ئىبارىلەرنى تىلغا ئالغان.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلار كىرىستوف رېخاگېنىڭ ئۆز ئاۋازى. ئۇ راۋان خىتاي تىلىدا خىتاي سەنئەتكارى ۋاڭ باۋچياڭنى تەنقىدلىمەكتە. ئۇنىڭ دەل مۇشۇ تەنقىدى خىتايدا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغان. بەزىلەر ئۇنى ھەق سۆزلىدى دېسە، بەزىلەر قارشى چىققان.
2015-يىلى 30-دېكابىر كۈنى خىتايدىكى «ياشلار تورى» خىتاي زىيالىيلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كىرىستوف رېخاگېنىڭ قاراشلىرىغا باھا بەرگۈزگەن. خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تەشۋىقات قانۇنى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېي پىكىر بايان قىلىپ «كىرىستوف رېخاگېنىڭ؛ ماۋ زېدۇڭ خىتاينىڭ گىتلېرى، نەچچە ئون مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، دېگەن سۆزلىرى تارىخى رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، بەلكى ئېنىقلا يامان غەرەزگە ئىگە» دەپ باھالىغان ھەمدە ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلدى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، توربەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى، خىتاي خەلقىنىڭ قەلبىمنى زىدىلىدى»، دەپ ئەيىبلىگەن.
بىراق كىرىستوف رېخاگې 1-يانۋار كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا بۇ مەسىلىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «نېمە بولسا شۇنى دېيىش كېرەك. ماۋ زېدۇڭنى تەنقىدلەش بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ قەلبىنى زىدىلەش بىر نەرسە ئەمەس. جۇڭگولۇق بولسا جۇڭگولۇق، ماۋ زېدۇڭ بولسا ماۋ زېدۇڭ، ماۋ زېدۇڭ ھېچ ئىشقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇ پەقەتلا ئۆزى. مېنىڭ قارىشىمچە، ئەگەر ماۋ زېدۇڭ بىلەن خىتاي بىر نەرسە قىلىۋېلىنسا، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىش بولىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە توختىلىپ. «خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ساھەسى ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە يوئۇتۇبە، گوئوگلە، فېسىبوك، تىۋېتېر، نىيورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار خىتايدا چەكلەنگەن ھەتتا مۇداپىئە توسۇقلىرى ئورنىتىلغان. مەن ئۆز بايانلىرىمنى خىتاي خەلقى كۆرەلمەيدىغان چەتئەلدىكى بىر تاراتقۇدا ئېلان قىلدىم، مەن خىتاينىڭ قايسى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپتىمەن؟ ئاتالمىش خىتاي قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىپ مېنى تۇتۇشىنى قارشى ئالىمەن» دېگەن.
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ قارىشىچە، كىرىستوف رېخاگېنىڭ قارىشىدا ھېچقانداق مۇبالىغە يوق، بەلكى ماۋ زېدوڭنى گىتلېرغا ئوخشىتىش غەرب ئەللىرىدە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولغان بىر قاراشتىن ئىبارەت.
گېرمانىيەدىكى موڭغۇل سىياسىي پائالىيەتچىسى تەمسىلتو ئەپەندى كرىستوف رېخاگىنىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ، ماۋ زېدوڭنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئوخشاش ھەرىكەتلەردە كۆپلىگەن ئادەملەرنى ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە گىتلېردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيەدە پېتېر ئادلېر تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «بۈيۈك دىكتاتور» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىمۇ ماۋ زېدۇڭنىڭ ستالىن، گىتلېر بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان چوڭ مۇستەبىت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. فىلىمدا ماۋ ئوبرازىنىڭ ئىلاھىيلاشتۇرۇلغانلىقى خىتاي ۋە چەتئەل زىيالىيلىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنىپ، بولۇپمۇ ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ماۋ زېدوڭنىڭ قانچە مىليونلىغان خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
گېرمانىيەلىك كىرىستوف رېخاگې زادى كىم؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭ بىلەن گىتلېرنى سېلىشتۇرىدۇ؟ خىتاي خەلقى ئۇنىڭ يازمىلىرىغا قىزىققۇدەك ئۇنىڭ نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟ بىز مانا بۇ سوئاللار ئاساسىدا ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ كىملىكىگە دائىر بەزى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق.
كىرىستوف رېخاگې 1981-يىلى گېرمانىيەنىڭ خاننوۋېر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. كىرىستوف رېخاگېنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي تىلىغا پىششىق بۆلىشى، دەپ قاراش مۇمكىن. ئۇ خىتاي تىلىنى راۋان سۆزلەپلا قالماي، خىتاي تىلىدا ئەسەر يېزىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. ئۇ ئانا تىلى گېرمانچىدىن سىرت يەنە، ئىنگلىزچىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن. رۇسچە ھەمدە فرانزۇسچىنىمۇ ئۆگەنگەن. كىرىستوف رېخاگې 1998-يىلىدىن ئېتىبارەن مىيۇنخېن، پارىژ، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ھايات كۆچۈرۈشكە باشلىغان. بېيجىڭدىن موسكۋاغىچە بولغان سەپىرىدە ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ كېسىپ ئۆتكەن.
كىرىستوف رېخاگېنىڭ خاس تور بېتى «http://christophrehage.de/» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ خىتايشۇناسلىق، سىلاۋىيان ئەدەبىياتى ۋە يېقىنقى زامان دۇنيا ئەدەبىياتى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. خىتايدىكى «يېڭى پايتەخت گېزىتى»، «يېڭى ھەپتىلىك ژۇرنال»، «جەنۇبىي پايتەخت گېزىتى»، «خەلق گېزىتى» قاتارلىقلاردا خىتاي تىلىدا ماقالىلەر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ «خىتاينى پىيادە كېزىش-ئۇزۇن يول» ناملىق تۇنجى رەسىملىك ئەسىرى گېرمانچە، خىتايچە، رۇسچە تىللاردا 2011-يىلى نەشر قىلىنغان. ئەسەر 282 پارچە رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئارقىدىنلا 2012-يىلى «خىتايدىكى يۈرۈش» ناملىق ئەسەرنى گېرمانچە نەشر قىلدۇرغان. بۇ ئەسەردە بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قەدەر بولغان سەپىرىدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ 2014-يىلى خىتاي تىلىدا نەشر قىلدۇرغان «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك» ناملىق ئەسىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەسەردە خىتاي ھاكىمىيىتى ھەم ياقتۇرىدىغان ھەم ياقتۇرمايدىغان مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.
كىرىستوف رېخاگې بىر مەزگىل خىتايدىكى تور بەتلەردە پىكىر بايان قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2011-يىلىدىن باشلاپ ئۇ خىتاي دائىرىلىرى قارشى ئالمايدىغان شەخسكە ئايلانغان. 2015-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ خىتايدىكى تور بەتلەرگە كىرىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ئۇ، 2015-يىلى 8-ئۆكتەبىر ئۆزى يازغان «تور بەتتىكى ھايات ۋە ئۆلۈم» ناملىق ئەسىرىدە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان. خىتاينىڭ ئۆزى بىلەن خىتاي تور ھەۋەسكارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىدىن نارازى بولغان.