ئالىمەدىن پائالىيەتچىگىچە: مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى (2)
2019.07.04

ئالمۇتا شەھىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان غالجات رايونىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە رۇسچە مەكتەپتە ئوقۇغىنىغا قارىماي ئۇيغۇرلۇق كىملىكىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مايسەم مۇتەللىپوۋا ئۆزىنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقى بىلەن 1995-يىلى موسكۋادا تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدى. ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە چاشقاننى ئاساس قىلغان ھالدا غول ھۈجەيرە ساھەسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشى ئۇنىڭ كېيىنكى يىلى ئامېرىكانىڭ ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ موزاينى كلونلاش ساھەسى بويىچە ئىشلىشىگە يول ئاچتى شۇنداقلا ئۇ مۇشۇ ساھەدە ئۇتۇق قازانغان تۇنجى شەخس بولۇپ قالدى.
شۇ نەتىجىدىن كېيىن مايسەمنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى خىزمىتىگە يوللار داغدام ئېچىلدى ھەمدە 2005-يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) قارمىقىدىكى غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىگە خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۇ يەردە ئۆز كەسپىگە دائىر كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى ھەمدە ئۇلارنى خەلقئارادىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلدى. كېيىنچە مەزكۇر مەركەزنىڭ دىرېكتورلۇقىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەمما «ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار» دېگەندەك ئۇنىڭ خىزمەتتىكى غەلىبىلىرىگە ۋە ئۇتۇقلىرىغا جۆر بولۇپ كېلىۋاتقان ئانىسى ئاخىرى پاركىنسون كېسىلىدىن ساقىيالماي مايسەمنىڭ ئېتىكىدە جان ئۈزدى.
ئەمما ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى مايسەمنىڭ ئۇيغۇرلۇق رىشتىنى ئۈزۈپ قويمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق ئەكسىنى بوستون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بولغان ئالاقە دۇنياسىدىن تېپىپ كەلدى شۇنداقلا ھازىرغىچە ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئايرىلماي ئۆزىنى شۇلارنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قاراپ كەلدى.
مايسەمنىڭ خىزمەتتىكى ئۇتۇقلىرى ۋە سالاھىيىتى ئۇنىڭغا غەرب دۇنياسىدىكى راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلگۈچى ھەرقانداق كىشى ئارزۇ قىلىدىغان بارچە شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر دوستلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئاكا-سىڭىللىرى ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ خىلمۇ-خىل ئىپادىلىرى ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا مايسەم ئۆزىنىڭ راھەتلىك تۇرمۇشىدىن راھەت ھېس قىلالمىدى.
«كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىرقىراپتۇ» دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بىر-بىرىدىن ئېغىر پاجىئەلەر مايسەمنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. كۆزى ئۇيقۇدىن بىدار بولدى. ئىچى سىقىلغانلىقتىن ئۇ نېمىلا بولمىسۇن بىر ئىش قىلىش كېرەك، دەپ ئويلىدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇ بىلىپ-بىلمەيلا پائالىيەتچىگە ئايلىنىپ قالدى.
بۇ جەرياندا ئۇ دولقۇن ئەيسا، روشەن ئابباس، زۇبەيرە شەمشىدىن قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆپ قېتىملاپ ئۇچراشقاندا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەنلىكىنىمۇ زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى.
مايسەمنىڭ ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگىنىچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلىۋاتقان يالغۇز كىشىلىك نامايىشى، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى سۈرەتلىك ئەلبۇمنى خارۋارد مەيدانىدىكى كىشىلەرگە سۇنۇشى دېگەنلەر كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرغاچقا سۆھبىتىمىزدە بۇمۇ مۇھىم تېمىلاردىن بولدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مايسەم ئۆزىنىڭ بوستوندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇۋارىس ئابلىمىتنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن بۇ نامايىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، نامايىشنى لاگېر تاقالغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مايسەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى داۋام قىلدۇرغاندىن بۇيان بۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئۈنۈمى بولماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولماقتا ئىكەن.
بىز ئاخىرىدا «بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەمسىز؟» دەپ سورىغاندا ئۆزىنىڭ ھەممىدىنمۇ بەكرەك كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغان بىر ئۇيغۇر ئالىمەسى بولۇپ قېلىشتىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مايسەمنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشى داۋام قىلماقتا، ئۇ كۆتۈرگەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا خارۋارد مەيدانىدا لەرزان يەلپۈنۈپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ئۇيغۇرنىڭ قىسمىتىنى ئاڭلاتماقتا. بىز ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەپ زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.