مۇڭغا پاتقان مەدەنچىلىك ئىزلىرى
2023.05.16
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2023-يىل، ئاپرېل ئېيىدا باي ناھىيىسى تەۋەسىدە زور كۆلەملىك مەدەنچىلىك خارابىسى بايقالغان. بۇ خارابىلىكنىڭ كۆلىمى شەرقتىن غەربكە تەخمىنەن 2000 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 1500 مېتىر دائىرىدە بولۇپ، خارابىلىكتىن تۆمۈر ۋە مىس قاتارلىق مەدەنلەرنى تاۋلاشتا قوللىنىلغان تاۋلاش پېچى، مېتال رۇدىسى، داشقال ۋە مېتال تاۋلاش ئەسۋابلىرىنىڭ ئىزلىرى تېپىلغان. لېكىن خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بۇ جاينىڭ يىل دەۋرىنى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن مىنگو دەۋرىگە باغلىغان. خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى لى شىياۋنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەدەن تاۋلاش خارابىلىكى مەيلى تاۋلاش ئوچىقىنىڭ قۇرۇلمىسى بولسۇن، ياكى تاۋلاش تېخنىكىسى جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەن. خىتاي تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىلگىرىمۇ كۇچار ناھىيەسى ئەتراپىدىنلا 11 جايدىن قەدىمىي مەدەنچىلىك ئىزلىرى بايقالغانىكەن.
ھازىرقى كۇچارنىڭ قەدىمكى نامى كۈسەن بولۇپ، قەدىمكى كۈسەن دۆلىتى تارىم ۋادىسىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن ئىدى. خىتاي تارىخچىلىرى قەدىمكى كۈسەن دۆلىتى تەۋەسىدىكى كۆپ جايدا مەدەنچىلىك، تۆمۈر ۋە مىس تاۋلاش ئىزلىرىنى بايقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقان.
5-ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇنىڭ تېررىتورىيەسى ھازىرقى كۇچار ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان ھالدا بۈگۈر، شايار، توقسۇ، باي، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. مەدەنچىلىك ئىزلىرى تېپىلغان باي قەدىمكى كۈسەننىڭ زېمىنى ئىدى.
كۈسەن خەلقى ياراتقان كۆپ قىرلىق ۋە سېھرى بەخش ئەتكۈچى ھېكمەتلەر يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان بۇ زېمىننى دۇنياغا تونۇتۇپ كەلگەن. كۈسەن خەلقى ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىرچىلىق، گۈزەل-سەنئەت، كىيىم-كېچەك، تېبابەتچىلىك ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان ھازىرقى كۇچار، يەنى قەدىمكى كۈسەن ۋادىلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن تۈرلۈك مەدەن كانلىرى ۋە مەدەن تاۋلاشقا ئائىت بۇيۇملار تېپىلىشقا باشلىغان.
كۈسەن دىيارىدا ياشىغان خەلقنىڭ مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاپلا مەدەن تاۋلاش تېخنىكىسىنى، مىلادىيە 4-5-ئەسىرلەردە نېفىت ئېلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش بىلەن بىللە ئۆز يۇرتىنىڭ مول تەبىئىي قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تۈرلۈك مەدەنلەرنى تاۋلاپ، تاۋلانغان مېتاللاردىن ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش قورال-سايمانلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ۋە تەڭگە پۇل ياساپ ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقانلىقى مەلۇم. كۈسەن دۆلىتى دەۋرىدە، كۈسەننىڭ مەدەنچىلىكى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، تارىم بويلىرىدىكى شەھەر بەگلىكلىرىنى تۈرلۈك مېتال بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىگەن. تەبىئىي ھالدا بۇ خىل تەرەققىيات ئاساسى كېيىنكى دەۋرلەردە كۇچار مەدەنچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالغان.
ھالبۇكى خىتاي تارىخچىلىرى ۋە دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى مەيلى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بولسۇن ياكى تۈرلۈك تېخنىكىلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن بۇ رايونغا تارقالغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە «خىتاي مەركەزلىك ئىدىيەسى» بولۇپ، خىتاي تارىخچىلىرى، ئارخېئولوگلىرى ۋە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىدىيەنى ئۇيغۇرلارغا سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئېنىق. خىتاي دائىرىلىرى بايدىكى مەدەنچىلىك خارابىسىنىڭ بايقىلىشىدىن ئىبارەت ھادىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەدەنچىلىك تارىخى يىل دەۋرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ قەدىمكى مەدەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ خىل مەدەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى غەربىي يۇرتقا تارقالغان دەيدىغان تەشۋىقاتلىرىدىن بىرى خىتايدىكى «مەدەنچىلىك-مېتاللۇرگىيە ئۇچۇرى» تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «قەدىمكى خىتاي دۆلىتىدىكى تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالە بولۇپ، مەزكۇر تور بېتىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى بۇ يازمىسىدا خىتاي تەرىپىدىن «غەربىي دىيار» دەپ ئاتالغان جايلاردىكى مەدەن تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە مۇنداق مۇلاھىزە ۋە يەكۈنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان: «گەرچە كۈسەن دۆلىتىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىلا تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە كىرگەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تۆمۈر قوراللار يەرلىك خەلقنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس ئىدى. تۆمۈر، مىس قوراللار دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمكى يۇنان، شۇنداقلا غەربىي ئاسىيادىكى ئەرەب، ساك ۋە ئارىيانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا تارقالغان. ئىپتىدائىي تۆمۈر قوراللار غەربىي رايوندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى ۋە تېخنىكىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان. كېيىنكى مەزگىللەردە جاڭ چىيەننىڭ غەربىي رايونغا قىلغان ئەلچىلىك سەپىرى نەتىجىسىدە تېخىمۇ ئىلغار بولغان تۆمۈرچىلىك تېخنىكىسى ئۆز نۆۋىتىدە غەربىي رايونغا تارقالغان».
ماقالىدە يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەدەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ قەدىمكى كۈسەن دۆلىتىگە تارقىلىپ، كۈسەننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەققىياتىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان دېگەندەك تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن بولمىغان كونا سەپسەتىسىنى بازارغا سالماقتا.
لېكىن، قەدىمكى كۈسەن دۆلىتى تەۋەلىكىدىن زور مىقداردىكى مەدەنچىلىك ئىزنالىرىنىڭ تېپىلىشى، ئۆز نۆۋىتىدە كۈسەن مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئۇنىڭغا مۇھىم مەنە ۋە مەزمۇن قوشىدۇ. ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەمگەكچان كۈسەن خەلقىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىلا ئۆز زېمىنىدىكى تۈرلۈك مەدەن-قېزىلمىلارنى تاۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەنلىكىدەك يەكۈنلەرنى مۇستەھكەملەپ بېرىدۇ.
ئۇنداقتا خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «ھەممە مەدەنىيەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن» دەيدىغان يۇقىرىقى سەپسەتىلىرىگە قارشى ئىلمىي پاكىتلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى: مەركىزىي ئاسىيانىڭ قىر-يايلاقلىرىدىن، بىپايان بوستانلىقلارغا جايلاشقان ئىپتىدائىي خارابە ئىزلىرى ۋە قەبرىستانلىقلاردىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ناھايىتى كۆپ ساندا تۆمۈر ۋە مىس بۇيۇملارنىڭ قېزىۋېلىنغانلىقى بىزگە مەلۇم. تارىم ۋادىسىنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، كۇچار ئاقتاغ مەدەنچىلىك خارابىسى، قارادۆڭ، زاغۇنلۇق، كروران، نىيە ۋە سامپۇل قەبرىستانلىقى قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن بىر تۈركۈم مىس ۋە تۆمۈردىن ياسالغان ئوقيا ئوقى، پىچاق، قىڭراق، قىلىچ، خەنجەر قاتارلىق جەڭ قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، پالتا، ئورغاق، كەتمەن قاتارلىق دېھقانچىلىق قوراللىرى، يەنە مىستىن ياسالغان قۇيما تەڭگە پۇل قاتارلىق بۇيۇملار بايقالغان.
قېزىۋېلىنغان مېتال بۇيۇملارنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تېخنىكىنىڭ ئىختىراسى، ماددىي بۇيۇملارنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى قاتارلىقلار ھالقىلىق ئامىللار بولۇپ، بۇلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنىلا تارىخىي يازمىلار، تارىخىي بايانلار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار تەتقىقاتىغا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
2022-يىلى، ئىلى نىلقا ناھىيەسى جەرەنتاي جىلغا ئېغىزىدىن ناھايىتى چوڭ بىر مەدەنچىلىك خارابىسى بايقالغان بولۇپ، 3500 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ مۆلچەرلەنگەن. بۇ پاكىتلار مەيلى تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولسۇن ياكى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولسۇن ئۇلار ئاللىبۇرۇنلا ئۆزلىرى ياشىغان تۇپراقنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتىدىن پايدىلىنىپ كۆمۈر كۆيدۈرۈپ، مەدەن ئېرىتىپ مىس، تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
«خەننامە»، «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» قاتارلىق قەدىمكى خىتاي تارىخىي يازمىلىرىدىمۇ غەربىي يۇرتنىڭ تاغلىرىدا ئۈستى ئوچۇق مىس، تۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپلۈكى، كۆمۈر كۆيدۈرۈپ مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، تۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، بۇ جايدىكىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ۋە قورال-ياراغلارنى ياساپ ئۆز بەگلىكىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغاندىن سىرت، قوشنا بەگلىكلەر ۋە رايونلارغا ئېلىپ بېرىپ، باشقا ماللارغا ئالماشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. مەسىلەن، «چاقىلىق تاغلىرىدا تۆمۈر بار، ئوقيا، نەيزە، قىلىچ ۋە ساۋۇت قاتارلىق ھەربىي قوراللارنى ئۆزى ياسايدۇ؛ كۇچاردىن تۆمۈر، مىس، زەرنىخ (بىر تۈرلۈك مەدەن) قاتارلىقلار چىقىدۇ» دېيىلگەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بايانىچە، ئۇيغۇرلاردىكى تۆمۈرچىلىك، قۇيمىچىلىق كەسپى قەدىمكى دەۋرلەردە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىغان ئىكەن. ئىلگىرى چارۋا ماللار تەڭ قىممەتلىك ئالماشتۇرۇش بۇيۇمى بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىنى ئاۋۋال مىس، كېيىنچىرەك قىممەتلىك مېتال قاتارلىق مەدەنلەر ئىگىلىگەن ئىكەن. ئىمىن تۇرسۇن يەنە تارىم ئويمانلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇ ساھەدە ناھايىتى پائالىيەتچان بولۇپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلغان دەپ كۆرسەتكەن.
تارىم ھاۋزىسىغا جايلاشقان قىزىل مىڭئۆي ۋە قۇمتۇر مىڭئۆيى قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان تاشكېمىر سەنئەتلىرى ۋە پۈتۈكلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ۋە كۈندىلىك ھايات، ئېتىقاد-ئىدېئولوگىيە، سەنئەتنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىي سەمەرىسىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.
تۆت قېتىملىق «گېرمانىيە-تۇرپان ئېكىسپېدىتسىيەسى» نىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان مەشھۇر ئالىملاردىن لېكوك A. von. Le coq ۋە گرۆنۋېدېل Albert Grünwedel ئىلگىرى كۈسەن دىيارىدىكى بۇددىزم مەدەنىيەت-سەنئىتى تەتقىقاتى ھەققىدە دۇنياۋى يەكۈنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. لېكوك 1925-يىلى نەشر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت سۈرەتلىك ئاتلاس» ناملىق كىتابىدا، كۈسەن مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىكى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، بۇ جايدىكى تام رەسىملىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان يېنىغا قىلىچ ۋە خەنجەر ئېسىۋالغان، بېشىغا دۇبۇلغا كىيىۋالغان ئوبرازلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. لېكوكنىڭ تەھلىلىچە، مەيلى كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى بولسۇن ياكى ئېسىۋالغان قىلىچ-خەنجەرلىرى بولسۇن، پۈتۈنلەي يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىختىراسى بولۇپ، ئىران مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
گرۆنۋېدېلمۇ «قەدىمكى كۇچار» ناملىق داڭلىق ئەسىرىدە بۇ خىل قىلىچلار ھەققىدە توختىلىپ، كۇشان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى قەيت قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئالىملار ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل قىلىچلارنىڭ يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئۈچۈن كۈسەنلىك يەرلىك تۆمۈرچى ئۇستاملار تەرىپىدىن ياسالغان بولۇشى ئېھتىماللىقىنى ۋە قىلىچلارنىڭ مىلادىيە 5-، 6-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسىملىرىدا ياسالغان قىلىچلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
دېمەك پاكىتلار قەدىمكى كۈسەن خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىم ئويمانلىقى گىرۋەكلىرىدىكى ئاھالىلەر تۆمۈر، مىس تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئۆزلىرىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى قەدىمكى خىتايلاردىن ئۆگەنگەن بولماستىن، بەلكى ئۆزىگە خاس مىللىي ۋە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-تېخنىكا ۋە ماھارەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇسلۇبىنى ياراتقان. بۇ رايونلاردىىك مەدەنچىلىك ۋە باشقا مەدەنىيەتنىڭ ئىختىراچىلىرى دەل شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئۆزىدۇر. ئەمما مەزكۇر رايونلارغا يېقىن بولغان ھىندىستان، ئىران ۋە يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ نادىر ئۈلگىلىرى ھەم يېتىپ كەلگەن.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.