ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان، خىتايدىكى ئاتالمىش «ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى» ۋە «ئىلمىي تەتقىقاتچىلار» ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى توغرىلىق بەزى سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى خىتايغا باغلاشقا ۋە ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇ خىل سەپسەتەلەر ئىچىدە خەن سۇلالىسى مەلىكىسىنىڭ سىرتقا ئېلىپ چىقىش چەكلەنگەن يىپەك غوزىكىنى چېچىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ خوتەنگە ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەمدە يىپەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكاسىنى خوتەن رايونىغا تارقاتقانلىقىدەك بىر رىۋايەت تىلغا ئېلىنىدۇ. خىتاي تارىخچىلىرى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى «ئىلىم نوپۇزلۇقلىرى» تاڭ راھىبى شۈەنزاڭنىڭ «غەربكە ساياھەت» ناملىق كىتابىدا خاتىرىلەنگەن بۇ «رىۋايەت» ئارقىلىق، يىپەكچىلىك ۋە يىپەك ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر مەدەنىيەتنىڭ خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. بىر قىسىم غەربلىك تەتقىقاتچىلارمۇ خىتاي مەنبەلىرىدىكى بۇ رىۋايەتنى نۇقتا قىلىپ، خىتاي مەلىكىسىنىڭ خوتەنگە كىرگەن يىل دەۋرىنى مىلادىيە 400-يىللىرى ئەتراپىغا توغرا كېلىدىغانلىقى، دەل مۇشۇ دەۋرلەردە خوتەن رايونىدا ئۈژمە ئۆستۈرۈلۈشكە ۋە يىپەك ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە خاتا يەكۈن چىقىرىپ كەلگەن.
ۋەھالەنكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بارغان قېدىرىش-قېزىش ئىشلىرى نەتىجىسىدە قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاستىدا مىڭلارچە يىللار سارغىيىپ ياتقان تەۋەرۈك يادىكارلىقلار بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. قۇم بارخانلىرىغا كۆمۈلگەن بۇ يادىكارلىقلارنىڭ ئىلىم دۇنياسىغا ئاشكارا بولۇشى بىلەن، تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەنگەن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ تىپى ۋە سىرلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى زامانلاردىكى خىتاي مەنبەلىرىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسەن خاتا ئىزاھلانغان، جىمىكى تارىخىي تېپىلمىلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە باغلايدىغان بىر تەرەپلىمىلىك نۇقتىئىينەزەرلەرگە سوئال پەيدا بولدى. قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ يالغۇز خەن-تاڭ مەدەنىيىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قەدىمكى ھىندىستان، غەربىي ئاسىيا ۋە يۇنان مەدەنىيەتلىرى بىلەن دىيالوگ قۇرغان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى يەرلىك تارىم مەدەنىيىتىنىڭ گەۋدىسىگە ئۆزلەشتۈرگەن بىر پارلاق مەدەنىيەت تىپى ئىكەنلىكى نامايان بولدى. مەيلى قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر بولسۇن ياكى ئەجدادلىرىمىز تارىختا قوللانغان باشقا تۈرلۈك قەدىمكى يېزىقلار بولسۇن، ئۇلاردا خاتىرىلەنگەن كۆپ قىرلىق مەزمۇنلار تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى ھايات ۋە مەدەنىيەتنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان تۈرلۈك تېپىلمىلار ۋە ھەرقايسىي دەۋرلەرگە ئائىت تارىخىي ۋەسىقىلەر، بۇ رايوندا مەيدانغا كەلگەن يىپەكچىلىك تېخنىكاسى ۋە يىپەك مەدەنىيىتىنىڭ ئاتالمىش «خەن مەلىكىسى پىلە غوزىكىنى ئوغرىلىقچە خوتەنگە ئېلىپ كىرگەن» دەپ قارالغان ۋاقىتتىن خېلى ئىلگىرىكى زامانلارغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
خوتەن تەۋەسىدىكى نىيە خارابىلىقىنىڭ يىل دەۋرىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردىن مىلادىيە 4-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرگە توغرا كېلىدىغانلىقى، بۇ جايلارنىڭ كېيىنچە كروران دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغانلىقى مەلۇم. نىيە خارابىلىقىنى ئەڭ دەسلەپ شىۋېتسىيەلىك ئېكىسپىدېتسىيەچى سۋېن ھېدىن بايقىغان، كېيىن ئەنگىلىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى ئاۋرېل سىتەيىن 1901-1931-يىلىغىچە بۇ جايدا بىرقانچە قېتىم قېدىرىپ تەكشۈرۈشلەردە بولغان. سىتەيىننىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، ئۇ نىيە خارابىلىقىدىكى قەدىمكى ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدىن قۇرۇپ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن مېۋىلىك باغلارنىڭ ئىزلىرىنى بايقىغان. بۇ باغلارنىڭ ئىزلىرىدا ئۆرۈك، نەشپۈت، جىگدە ۋە ئۈزۈم تاللىرىدىن باشقا يەنە زور كۆلەمدە ئۈژمە دەرەخلىرىنىڭ قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن قالدۇقلىرىنى ئۇچراتقان. ئۇ خاتىرىلىرىدە قۇم بورانلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمى ۋە يىللارنىڭ چەكسىز ئۇزۇن ئېقىملىرىدا ئۈژمە دەرەخلىرىنىڭ قۇرۇپ ۋە چاك-چاك يېرىلىپ، ئېگىلىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ 10-12 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان دەرەخ قاخشاللىرىنىڭ ھېلىھەم بۇ خارابىلىقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاۋرېل سىتەيىن يەنە نىيە خارابىلىقىدىن تېپىلغان يىپەك ۋە كىمخاب بۇيۇملارغا ئاساسەن، قەدىمكى خوتەندە ئۈژمە دەرىخى يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن زور بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا ئەينى ۋاقىتتا خوتەندە ئۈژمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش تېخنىكاسىنىڭ كەڭ قوللىنىلغانلىقى ۋە قەغەز مەھسۇلاتىنىڭ خوتەننىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن. سىتەيىن نىيە خارابىسىدىن ئۆزى قازغان قەدىمكى يادىكارلىقلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۈچۈن ۋېنادىكى بوتانىك، فىزېئولوگ پىروفېسسور ج. ۋىسنېر (J. Wisner) غا يوللاپ بەرگەن. پروفېسسور ۋىسنېر نىيە خارابىلىقىدىن تېپىلغان قەغەز بۇيۇملارنىڭ ئۈژمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ياسالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغان. تەتقىقاتچى ۋىسنېر بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىش دوكلاتىدا، بۇ خىل ئۈژمە دەرىخىنىڭ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن رايونىدا ئۆسىدىغانلىقى، بۇ خىل دەرەخ قوۋزىقىنىڭ قەغەز بوتقىسى قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدا قەغەز ياساشتا زۆرۈر بولغان تالالارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئالاھىدە يوقىرى ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك بۇ خىل ئالاھىدىلىكنىڭ قەغەزنىڭ چىڭلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
14-ئەسىرلەردە خىتايدا قەغەز پۇل قوللىنىلىدىغانلىقى مەلۇم. مۇسۇلمانلار تارىخچىلىرى خىتايدىكى قەغەز پۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىتالىيەلىك داڭلىق سەيياھ ماركو پولو 1338-يىلى مىسىردا ۋاپات بولغان ئەخمەد شىباب ئېددىننىڭ 30 توملۇق جۇغراپىيەلىك خاتىرىسىدە، چىن قەغىزىنىڭ ئەسلىدە خوتەندە ئۈژمە دەرىخىدىن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن بۇ خاتىرىلەرنى قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.
ياۋروپالىق ئېكىسپىدېتسىيەچىلەر دەندانئۆيلۈك، نىيە، مازارتاغ ۋە دامىكو قاتارلىق جايلاردىن بايقىغان خوتەن ساك يېزىقىدا يېزىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە دىنىي مەزمۇندىكى تېكىستلەردىن باشقا يەنە دىندىن خالىي ۋەسىقىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەزمۇندىكى ھۆججەتلەر، ھېسابات دەپتىرى، توختامنامە، پادىشاھ يارلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ خىل ۋەسىقىلەر قەدىمكى ئۇدۇن ئېلىنىڭ سىياسىي، مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، يىپەكچىلىك، سودا، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە، شۇنداقلا ئۇدۇن خانلىقىنىڭ يەرلىك قانۇن-تۈزۈملىرىنى يورۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
خوتەن ساك تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تىرانسىكىرىپسىيەسى ۋە تەرجىمىسى تەييارلىنىپ، كاتالوگلىرى نەشر قىلىنغان. «خوتەن تېكىستلىرى» ناملىق قەدىمكى ۋەسىقىلەر ھازىر بەش چوڭ ئارخىپتا ساقلانماقتا: بۇ ئارخىپلار سۋېن ھېدىن ئارخىپى، رۇسىيە ئارخىپى، بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى ئارخىپى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئارخىپتىن باشقا يەنە «مالوف يىغمىسى» (كوللېكسىيونى) ۋە «خاردىڭ يىغمىسى» دا ساقلانماقتا.
8-ئەسىردىكى خوتەن ساك تىلىدا يېزىلغان ۋەسىقىلەردىن سانغۇن سىداقانىڭ قەرز ھۆججىتىدە كۆپ قېتىم رۇستارا» (rrustara) دېگەن سۆز ئۇچرايدىغان بولۇپ، تېكىستتە گېنېرالنىڭ ئەسكەرلەرگە يازلىق كىيىم تەييارلاش ئۈچۈن بۇ خىل بۇيۇمنى قەرز ھېسابىغا ئالغانلىقىدەك مەزمۇن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھازىرغىچە تەرجىمىسىز قالغان بولۇپ، ئىلگىرى تىبەتچە تەرجىمىسىدىكى خاتالىق تۈپەيلىدىن باشقا بىر خىل ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار كۆرسەتكەن ئۆسۈملۈكنى ئەپسۇسكى كىيىم-كېچەكنىڭ خام ئەشياسى ئورنىدا قوللىنىشقا بولمايتتى، ئەمما بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار كىيىم-كېچەك ئۈچۈن خام ئەشيا بولالايدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن پاختا ۋە كەندىردىن باشقا، يىپەك ئىشلەپچىقىرىشتا زۆرۈر بولغان ھەم بۇ رايوندا ئۆسىدىغان ئۈژمە دەرىخىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن كۆزقاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ف. ۋ. توماس (F. W. Thomas) نىڭ خوتەنگە ئائىت تىبەتچە يېزىلغان ۋەسىقىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتىدا، چەت ئەللىك سەيياھلار ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ نەزەرىدە قەدىمكى خوتەن خەلقى مۇلايىم، تۈرلۈك مۇراسىم-يوسۇنلارغا ھېرىسمەن، كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە دەپ باھا بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە يازما ھۆججەتلەردىكى تىبەتلەرنىڭ خوتەنلىكلەردىن يىپەك، گېلەم، چەش رەڭلىك تاش ۋە مېۋە-چىۋە سېتىۋالغانلىقىغا ئائىت بايانلاردىن ئۆرنەكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە، نىيەنىڭ شىمالىدىكى خارابىلىقىدىن تېپىلغان قاروشتى تىلىنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىدىن بولغان پىراكرىت تىلىدىكى تارشا پۈتۈك يادىكارلىقلىرىمۇ بىزنى ئىنتايىن مۇھىم مەدەنىيەت مەنبەلىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. نىيە يادىكارلىقلىرىنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 240-340-يىللىرىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يادىكارلىقلار «جادوتا خاتىرىلىرى» (Cadh'ota) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا پىشامشاننىڭ غەربىدە خىتاي ئاھالىسىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇلارنىڭ يەر سېتۋېلىشغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ پەقەتلا كروراندىن يىپەك سېتىۋېلىپلا قايتىدىغانلىقى، قايتقىچە يەنە قىممەتلىك قاشتېشى سېتىۋېلىپ ماڭىدىغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ. تارىىىي خاتىرىلەردە يەنە كروراندا خانلىق يىپەكچىلىك مەيدانلىرىنىڭ بولغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
مىلادىيە 4-3-ئەسىرلەردىكى جادوتادىكى كۈندىلىك ھايات تەسۋىرلەنگەن ۋەسىقىلەردە بايان قىلىنىشىچە، يىپەكنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك جازا تۆلەم بۇيۇمى بولغانلىقىدىن ئىبارەت مەلۇماتقا ئېرىشەلەيمىز. ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم كوللېكتىپ يىغىلىشلارغا ۋە دىنىي مۇراسىملارغا قاتناشمىغان ياكى مۇراسىمغا مۇۋاپىق كىيىنمەي كەلگەنلەرگە بىر يۆگەم يىپەك تۆلەش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خوتەن ۋەسىقىلىرى بىزگە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەينى ۋاقىتتا دەندانئۆيلۈك رايونىنىڭ يىپەك، پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان توقۇمىچىلىق مەركىزى ئىكەنلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.
8-ئەسىردىكى دىندىن خالىي خوتەن تېكىستلىرى توقۇمىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ خوتەن ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خوتەن يىپىكىنىڭ سوغدى سودىگەرلىرى ئارقىلىق باشقا جايلارغا تارقىلىپ ئىقتىسادىي ئوبوروتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. توختام ھۆججەتلىرى بىزگە ئەينى ۋاقىتتا يىپەكنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قەرز تۆلەش، باج تاپشۇرۇش، رەنىگە قويۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە قوللىنىلغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ۋەسىقىلەردە يىپەككە ئائىت بىر قىسىم كەلىمىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «بۇنا»، «تاۋناكا» قاتارلىق يىپەكنىڭ ئۆلچەم بىرلىكلىرىگە ئائىت سۆزلەر كۆپ قېتىم تەكرارلانغان. خوتەن تىلىدا «تاۋناكا» (thaunaka) مەخسۇس يىپەك رەختكە قارىتىلغان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر تاۋناكا خىتايچە ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 40 چىغا تەڭ كېلىدىكەن. رەختلەرگە ئۆلچەم بىرلىكى قوللىنىش ھەققىدە يەنە باشقا تەتقىقاتلارمۇ بولۇپ، تەتقىقاتچى مورىياسۇ تاكاۋ (Moriyasu Takao) نىڭ قارىشىچە، كېيىنكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان دۇنخۇاڭ ۋە تۇرپان رايونىدىن تېپىلغان 10-11-ئەسىرگە ئائىت ۋەسىقىلەردە، خىتايچە پۇل ئورنىدا قوللىنىدىغان رەخت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «چۈەنپۇ» سۆزلۈكىنىڭ دەل ئۇيغۇرلار «بۆز» دەپ ئاتايدىغان كەندىر رەختنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، كېيىنچە بۇ سۆزنى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن خىتايچە «چۈەنپۇ» نىڭ ئورنىغا «بۆز» دەپ قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاۋرېل سىتەيىن ئۆزىنىڭ خوتەن سەپىرى ھەققىدە يازغان «سېرىندىيا» ناملىق كىتابىدا، بىزگە ئىنتايىن مۇھىم مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، نىيە خارابىلىقىدىن تېپىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ ئىچىدە ھىندى بىراھمى يېزىقىدا يېزىلغان يىپەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە مىقدار ئۆلچىمىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. نىيە ۋەسىقىلىرى «سېرىس ئېلى» دەپ قارالغان خوتەندىن چىقىدىغان يىپەكنىڭ ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا شەرققە توشۇلىشىغا پاكىت بولالايدىغان ئەڭ بۇرۇنقى يازما يادىكارلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. يىپەك رەخت ئۆلچەملىرى رەختنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدىغان بولۇپ، سودىگەرلەرمۇ بۇ خىل تامغىلارغا ئاساسەن، ساندۇقنى ئاچماستىنلا ئېلىپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تارىم ۋادىسىدىكى پىلە-يىپەكچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىغا باھا بېرىشتە پەقەتلا خىتاي تارىخنامىلىرىدىكى رىۋايەتلەر ياكى مۇجىمەل بايانلارغا قاراپلا ھۆكۈم چىقىرىش ئەلۋەتتە بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالىدۇ، خالاس. چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان «خوتەن ۋەسىقىلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان بۇ زېمىندىكى يىپەكچىلىكنىڭ تارىخىغا ھۆكۈم قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم يازما مەنبە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەسىقىلەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەدىمكى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتنى چۈشىنىشتە، ئۇنىڭ تۈرلۈك قاتلاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ خوتەن يىپىكى ھەققىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تارىم ئويمانلىقىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ سىرلىرى بىر-بىرلەپ ئېچىلغۇسى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.