يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور ساندىكى قەدىمىي مەسچىتلەر ۋە مازارلىقلارنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ياكى ئۆزگەرتىلىپ ئويۇن-تاماشا مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نەزەرباغ يېزىسى قورغان كەنتىگە جايلاشقان «ئاپاق خوجا مازىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن تارىخىي قەبرىگاھنىڭ نامى «ئىپارخان باغچىسى» غا ئۆزگەرتىلگەن.
«ۋاڭيى تورى» دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئىپارخان باغچىسى» 2014-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن زور مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئومۇمىي كۆلىمى 300 موغا كېڭەيتىلىپ، 700 نەپەر خىزمەتچى خادىمى بولغان كۆرگەزمىخانا، رېستوران، تىياتىر-ناخشا-ئۇسسۇل سەيناسى ۋە سودا-ساراي قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەت تۈرلىرى بىر گەۋدىلەشكەن كۆڭۈل ئېچىش-ئىستىراھەت باغچىسىغا ئايلاندۇرۇلغان.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا، «ئىپارخان باغچىسى» بەرپا قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى «يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق ئابىدە ‹ئىپارخان باغچىسى› ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تارىختىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى دۇنياغا نامايان قىلىش» دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئىپارخان باغچىسى» دا ئەسلىدىكى مەقبەرە، مەسچىت، ئېتىكاپخانا ۋە مەدرىسە قاتارلىق كونا قۇرۇلۇشلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن يېڭى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بەرپا قىلىنغان ئىكەن. بۇ يەردە ھەر كۈنى خىتاي ساياھەتچىلەرگە بېلەت سېتىلىپ، بىر يۈرۈش ئويۇن-تاماشا پروگراممىلىرى كۆرسىتىلىدىكەن. پروگراممىلار ھەر قېتىمدا ئۈچ يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق پروگراممىلاردىن «ئىپارخاننىڭ مېھمان كۈتۈۋېلىشى»، «توي تەنتەنىسى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدىكەن. بۇ جايدىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى خىتاي ئۆزى يېزىپ چىققان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىپارخاننىڭ ھاياتى، يەنى ئۇنىڭ قەشقەردىن بېيجىڭغىچە بولغان سەپەر جەريانىدا قانداق قىلىپ ئىپار پۇرايدىغان مەلىكەدىن چىيەن لوڭ خاننىڭ ئەتىۋارلىق شاھبانۇسىغا ئايلانغانلىق ھېكايىسىنى سۆزلىنىدىكەن. مەيلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان نومۇرلار بولسۇن ياكى باغچىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى كۆرۈنۈشلەر بولسۇن، خىتاي ئويدۇرۇپ چىقارغان «ئىمپېراتور چىيەن لوڭ بىلەن ئۇيغۇر قىزى ئىپارخاننىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىلىرى» تۈسىنى ئالغان مەزمۇنلارنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس.
ئۇنداقتا خىتاينىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ، ئىپارخان ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانداق ئىنكاسلارنى قوزغىدى؟ ئىپارخان ھەققىدىكى ھەقىقىي تارىخنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن ئاساسلىرى نېمە؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى گادايلاشتۇرۇش تاكتىكىسى ئەسىرلەر بويى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئىپارخاننىڭ نەسەبى، بېيجىڭدىكى چىيەن لوڭ ئوردىسىغا كېلىپ قېلىش جەريانى ۋە سەۋەبى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى، ئۆلۈمى ۋە دەپنە قىلىنغان جايى ھەققىدىكى مەزمۇنلار خىتاي ۋە چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ناھايىتى كۆپ مۇنازىرە قوزغىغان تېمىلار بولۇپ، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھېكايىلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇ ھەقتە پەقەت تارىخىي خاتىرىلەرگە تايىنىپ چىقىرىلغان ھۆكۈملەرلا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. خەلقئارادىكى تارىخ ياكى ئىلىم ساھەسىدە ئىپارخان ھەققىدە كۆپ خىل ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار مەۋجۇت بولغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپارخان ئوبرازىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇشى خىتاينىڭ شەرمەندە ئويۇنلىرىدىن بىرى، خالاس.
ئىلگىرى بىر قىسىم خىتاي ۋە چەت ئەللىك تەتقىقاتچى، يازغۇچىلار چىڭ سۇلالىسى تارىخى ئارخىپلىرى، ئوردا تەزكىرەسى ۋە شەخسىيلەرنىڭ تارىخىي بايانلىرىغا ئاساسەن ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپارخاننى ئىمپېراتور چىيەن لوڭغا باش ئەگمەي، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز ئېرى ۋە خەلقىگە بولغان ساداقىتىنى ساقلاپ قالغان جەسۇر ۋە ئىپپەتلىك ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ كەلگەن. لېكىن كېيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان تارىخىي ئەسەرلەردە ئىپارخان ھەققىدىكى ۋەقەلىكلەر ئويدۇرۇپ چىقىلغان بولۇپ، ئىپارخان خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا تۆھپە ياراتقان دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ بۇ خىل ساختا-توقۇلما تارىخ يارىتىشىنىڭ ماھىيىتى-تارىخنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مۇددىئالىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش بولۇپ، تارىخنى بۇرمىلاش ۋە نەيرەڭۋازلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىر قىسىم مەنبەلەرگە ئاساسەن ئىپارخان دەپنە قىلىنغان دەپ قارالغان ئاپاق خوجا قەبرىگاھىنىڭ «ئىپارخان باغچىسى» غا ئايلاندۇرۇلۇپ، خىتايلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئەيش-ئىشرەت، كەيىپ-ساپا سورۇنلىرى قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە نەپرىتىنى قوزغىماقتا.
تارىخچى جەيمىس مىلۋارد ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسى تارىخى ھەققىدە مۇپەسسەل تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى بولۇپ، ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي تارىخى ھەققىدە يازما ۋە ئېغىزچە مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ يازغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەۋجۇت. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا يېزىلغان «مەنچىڭ ئوردىسىدىكى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان خانىش: ئىپارخان» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدە، بىر قىسىم پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇلارنى دەلىللەش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن.
جەيمىس مىلۋارد ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىدۇ: «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىل مابەينىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭى كۈچىيىپ، خىتايلارنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقى تۈپەيلىدىن ئىپارخان ئوبرازىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەنىۋى سىمۋولى قىلىپ تىكلىدى، ھېچ بولمىسا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار شۇنداق دەپ قارايدۇ».
دەرھەقىقەت، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىپارخان ئوبرازى تارىختىن بۇيان ھۆرلۈك-ئەركىنلىك ئۈچۈن باش ئەگمەي كۈرەش قىلىشنىڭ، غۇرۇر-ۋىجدانىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن. ئىپارخان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىدىغان مىللىي قەھرىمانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئانىلىرى، ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈچۈن ئۆز دىنىنى، ئىپپەت-نومۇسىنى قوغداشنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىپارخان ئوبرازى ھەققىدە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە نۇرغۇن بەدىئىي ئەسەرلەرنى ياراتقان. مەسىلەن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىدىن بۇرۇن يازغان بىر پارچە داستانى، زىيا سەمەدىنىڭ سەھنە ئەسىرى قاتارلىقلار.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭى ۋە مۇستەقىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىدىغان بۇ خىل ئەسەرلەرنى «ئىدىيەسى ساغلام بولمىغان ئەسەرلەر» دەپ ئىزچىل تۈردە چەكلەپ كەلدى. جۈملىدىن، ئىپارخاننىڭ خىتاي ئىمپېراتورىغا قەتئىي باش ئەگمىگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەرقانداق ئەسەر چەكلەندى ۋە بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى بىزگە مەلۇم.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بۈگۈن «ئىپارخان باغچىسى» نىڭ بىر تەرەپتىن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر-خىتاي دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىنىڭ ماھىيىتى پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ توي قىلىشى كۈچەپ تەرغىب قىلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، «ئىپارخان باغچىسى» نىڭ كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينايدۇ، خالاس.
خىتاينىڭ ساختا تارىخ يارىتىش نەيرەڭلىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلار ھېچقاچان تەۋرەنگىنى يوق، ئەكسىچە يەنىلا ئۆز مىللىتىدىن چىققان تارىخىي قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۈلگە قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىپپەت-غۇرۇرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ئىپارخان گويا ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇمغا ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ قەدىر-قىممەتكە ئىگە.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.